20
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 ئاپەت كۈنىدە پەرۋەردىگار ساڭا جاۋاب بەرگەي،
ياقۇبنىڭ خۇداسىنىڭ نامى سېنى قوغدىغاي.
‏3 ئۇ مۇقەددەس ماكانىدىن ساڭا ياردەم بەرگەي،
سىئوندىن ساڭا يار-يۆلەك بولغاي.
‏4 ئۇ ھەممە ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭنى ئېسىدە تۇتقاي،
كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلغاي.
سېلاھ.
 
‏5 ئۇ كۆڭلۈڭدىكى ئارزۇ-تىلەكلىرىڭنى ساڭا ئاتا قىلغاي،
ھەممە نىيەت-مەقسەتلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي.
 
‏6 بىز سېنىڭ غەلىبەڭنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىمىز،
خۇدايىمىزنىڭ نامىدا تۇغلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ تىكلەيمىز.
پەرۋەردىگار بارلىق تىلەكلىرىڭنى ئىجابەت قىلغاي.
‏7 ئەمدى بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى تاللاپ مەسىھلىگىنىنى قۇتقۇزىدۇ.
ئۇ مۇقەددەس ئاسمىنىدىن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ،
ئوڭ قولىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۇنى قۇتقۇزىدۇ.
 
‏8 بەزىلەر جەڭ ھارۋىلىرىغا تايىنىدۇ،
يەنە بەزىلەر ئاتلارغا تايىنىدۇ،
ئەمما بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ياد ئېتىپ
ئۇنىڭغا تايىنىمىز.
‏9 ئۇلار پۈكلىنىپ يىقىلىپ قالدى.
لېكىن بىز قوپۇپ تىك تۇردۇق.
 
‏10 ئەي پەرۋەردىگار، پادىشاھقا غەلىبە ئاتا قىلغىن،
دۇئا قىلغىنىمىزدا بىزگە جاۋاب بەرگىن.