ئەييۇبنىڭ توۋا قىلىشى
42
1 ئاندىن ئەييۇب پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: 2 «سېنىڭ ھەممە ئىشلارغا قادىر ئىكەنلىكىڭنى،
قارارلىرىڭنىڭ توسقۇنسىزلىقىنى بىلىمەن.
3 ‹ھېكمەتنى ئەقىلسىزلىقى بىلەن خىرەلەشتۈرگەن كىم؟› دەپ سورىدىڭ.
ھەقىقەتەن مەن چۈشەنمىگەن نەرسىلەر توغرىسىدا گەپ قىلدىم،
ئەقلىم يەتمىگەن، ئۆزۈم بىلمىگەن ئاجايىپ ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىدىم.
4 سەن: ‹ئەمدى ئاڭلىساڭ، مەن سۆزلەپ بېرەي.
مەن سەندىن سوئال سورايمەن، سەن ماڭا جاۋاب بەر› دېدىڭ.
5 سەن توغرۇلۇق قۇلىقىمنىڭ ئاڭلىغىنىلا بىلەتتىم،
بىراق ھازىر مېنىڭ كۆزۈم سېنى كۆردى.
6 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىپ، پۇشايمان قىلىمەن.
كۈل-توپىدا يېتىپ توۋا قىلىمەن».
پەرۋەردىگارنىڭ ئەييۇبقا ئاۋۋالقىدىنمۇ كۆپ بەرىكەت ئاتا قىلىشى
7 پەرۋەردىگار ئەييۇبقا مەزكۇر سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، تېمانلىق ئەلىفازغا قاراپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ غەزىپىم ساڭا ۋە سېنىڭ ئىككى دوستۇڭغا قوزغالدى، چۈنكى سىلەر مېنىڭ ھەققىمدە خىزمەتكارىم ئەييۇبتەك توغرا گەپ قىلمىدىڭلار. 8 سىلەر ئەمدى يەتتە تورپاق ۋە يەتتە قوچقارنى ئېلىپ، خىزمەتكارىم ئەييۇبنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. خىزمەتكارىم ئەييۇب بولسا سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن، چۈنكى مەن پەقەت ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلايمەن. بولمىسا خىزمەتكارىم ئەييۇب قىلغاندەك مەن توغرۇلۇق توغرا گەپ قىلمىغىنىڭلار ئۈچۈن، قىلغان ھاماقەتلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە جازا بېرىمەن». 9 شۇنىڭ بىلەن تېمانلىق ئەلىفاز، شۇئاھلىق بىلداد ۋە نائاماتلىق زوفار بېرىپ، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بۇيرۇغانلارنى ئورۇنلىدى. ئاندىن پەرۋەردىگار ئەييۇبنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى.
10 ئەييۇب دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئۇنى دەرد-ئەلەمدىن قۇتقۇزۇپ ئەسلىگە كەلتۈردى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى ئىلگىرىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپەيتىپ بەردى. 11 ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ھەممە ئاكا-ئۇكىلىرى، ھەممە ئاچا-سىڭىللىرى ۋە ئىلگىرىكى ھەممە دوست-ئاغىنىلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە نان يېيىشىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلتۈرگەن بالا-قازالار توغرىسىدا ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ تەسەللى بەردى. ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۇنىڭغا بىر تالدىن كۈمۈش تەڭگە ۋە بىر ئالتۇن ئۈزۈك بەردى.
12 پەرۋەردىگار ئەييۇبقا ئاۋۋالقىدىنمۇ كۆپ بەرىكەت ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ ئون تۆت مىڭ قويى، ئالتە مىڭ تۆگىسى، مىڭ جۈپ ئۆكۈزى ۋە مىڭ مادا ئېشىكى بار بولدى. 13 ئۇنىڭ يەتتە ئوغلى ۋە ئۈچ قىزى تۇغۇلدى. 14 بىرىنچى قىزىنىڭ ئىسمىنى يېمىما، ئىككىنچىسىنىڭ كەزىيا ۋە ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمىنى كەرەن-خاپپۇق دەپ قويدى. 15 پۈتكۈل زېمىندا ئەييۇبنىڭ قىزلىرىدەك گۈزەل قىزلار تېپىلمايتتى. ئاتىسى ئۇلارغا ئاكا-ئۇكىلىرىغا ئوخشاش مىراس قالدۇردى.