41
‏1 مانا، ئۇنى بويسۇندۇرۇش خىيالى يوققا چىقىدۇ.
بىر قاراشتىلا ئۇنىڭدىن ئۈمىد ئۈزۈلىدۇ.
 
‏2 ھېچقانداق پالۋان ئۇنى يىقىتىشقا جۈرئەت قىلالمىسا،
ئۇنداقتا مېنىڭ ئالدىمدا كىم تۇرالايدۇ؟
‏3 مەن قايتۇرغۇدەك كىم ماڭا بىر نەرسە بەرگەن؟
ئاسماننىڭ تېگىدىكى ھەممە نەرسە مېنىڭكىدۇر.
 
‏4 ئەمما بۇ ھايۋاننىڭ ئەزالىرى، زور كۈچى
ۋە چىرايلىق تۈزۈلۈشى توغرىسىدا سۆز بولسا، مەن سۈكۈتتە تۇرمايمەن.
‏5 كىم ئۇنىڭ تونىنى سالدۇرالايدۇ؟
كىم قوش قاتلىق چىشلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرگىلى جۈرئەت قىلايدۇ؟
‏6 ئۇنىڭ قاتار-قاتار چىشلىرى ۋەھىمىلىك بولغاچ،
كىم ئۇنىڭ ئاغزىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچالايدۇ؟
‏7 ئۇنىڭ قاسىراقلىرىنىڭ رەتلىك سەپلىرى
مۆھۈر بېسىلغاندەك چىڭ چاپلاشتۇرۇلغان.
‏8 ئارىسىغا شامال كىرمىگۈدەك تەرىقىدە
ئۇلار بىر-بىرىگە ھىم يېپىشقان.
‏9 ئۇلار بىر-بىرىگە چاپلاشقاندۇر،
ئاجرىمايدىغان تەرىقىدە بىر-بىرىگە ئىلىشقاندۇر.
‏10 ئۇ چۈشكۈرسە نۇر چاقنايدۇ،
ئۇنىڭ كۆزلىرى سەھەرنىڭ كىرپىكلىرىدەكتۇر.
‏11 ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوت يالقۇنلىرى چاچراپ تۇرىدۇ،
ئوت ئۇچقۇنلىرى ئېتىلىپ چىقىدۇ.
‏12 كۆيۈۋاتقان قومۇش ئۈستىدە قايناۋاتقان قازاندىن ھور چىققاندەك
ئۇنىڭ بۇرۇن تۆشۈكلىرىدىن تۈتۈن چىقىدۇ.
‏13 ئۇنىڭ تىنىقى كۆمۈرنى چوغ قىلىدۇ،
ئاغزىدىن يالقۇنلار چىقىدۇ.
‏14 ئۇنىڭ بوينىدا كۈچ ياتىدۇ،
دەھشەت ئۇنىڭ ئالدىدا سەكرەيدۇ.
‏15 قورسىقىنىڭ تۈرۈلگەن ئەتلىرى بىر-بىرىگە چاپلىشىپ،
ئۇنىڭغا مەھكەم يىپىشىپ، مىدىرلىماي تۇرىدۇ.
‏16 ئۇنىڭ يۈرىكى تاشتەك قاتتىق بولۇپ،
تۈگمەننىڭ ئەڭ ئاستىدىكى تېشىدەك مۇستەھكەمدۇر.
‏17 ئۇ ئورنىدىن قوزغالسا، پالۋانلار قورقۇپ كېتىپ،
ۋەھىمىدىن پاراكەندە بولۇپ كېتىدۇ.
‏18 ئۇنىڭغا تەگكەن قىلىچ، نەيزە، يا ئوقى ياكى خەنجەر
ئۇنى ھېچنېمە قىلمايدۇ.
‏19 ئۇ تۆمۈرنى سامان،
مىسنى پور ياغاچ سانايدۇ.
‏20 يانىڭ ئوقى ئۇنى قاچۇرالمايدۇ،
سالغا تاشلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا سامانغا ئايلىنىدۇ.
‏21 ئۇ توقماقلارنى پاخال سانايدۇ،
نەيزىنىڭ پۇلاڭلىشىغا كۈلىدۇ.
‏22 ئۇنىڭ ئاستى سۇنۇق ساپالنىڭ ئۆتكۈر قىرلىرىدەكتۇر،
ئۇ پاتقاقتىن خامان غالتىكىدەك ئىز قالدۇرۇپ ئۆتىدۇ.
‏23 ئۇ چوڭقۇر سۇلارنى بىر قازاندەك قاينىتىۋېتىدۇ،
دېڭىزنى قازاندىكى مەلھەمدەك ۋاراقشىتىدۇ.
‏24 چوڭقۇر سۇلار خۇددى چاچلىرى ئاقارغاندەك،
ئارقىسىدىكى يولىنى كۆپۈكلەشتۈرۈپ ئاقارتىپ تاشلايدۇ.
‏25 يەر يۈزىدە ئۇنىڭ تەڭدىشى يوقتۇر.
ئۇ قورقماس يارىتىلغان.
‏26 ئۇ يوغان ھەر نەرسىگە قورقماي قارايدۇ.
ئۇ ھەممە مەغرۇر ھايۋانلارنىڭ پادىشاھىدۇر».