ئەييۇبنىڭ پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىشى
40
‏1 پەرۋەردىگار ئەييۇبقا يەنە سۆز قىلىپ:
 
‏2 «تالاش-تارتىش قىلغۇچى ھەممىگە قادىر خۇدا بىلەن دەۋالاشماقچىمۇ؟
خۇدانى ئەيىبلىگۈچى جاۋاب بەرسۇن» دېدى.
 
‏3 ئاندىن ئەييۇب پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ:
 
‏4 «مانا، مەن لايىق ئەمەس تۇرۇپ،
ساڭا قانداقمۇ جاۋاب بېرەلەيمەن؟
ئاغزىمنى قولۇم بىلەن ئېتىۋالىمەن.
‏5 مەن بىر-ئىككى قېتىم سۆزلىدىم، بىراق يەنە سۆزلىمەيمەن،
مەن يەنە سۆز باشلىمايمەن» دېدى.
 
پەرۋەردىگارنىڭ ئەييۇبقا بەرگەن ئىككىنچى جاۋابى
‏6 ئاندىن پەرۋەردىگار قۇيۇننىڭ ئىچىدىن ئەييۇبقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
 
‏7 «سەن ئەركەكتەك بېلىڭنى باغلا.
ئەمدى مەن سەندىن سوئال سورايمەن، سەن ماڭا جاۋاب بەر.
‏8 سەن مېنىڭ ھۆكۈمۈمنى بىكار قىلماقچىمۇسەن؟
مېنى ئەيىبلەپ، ئۆزۈڭنى ئاقلىماقچىمۇسەن؟
‏9 سېنىڭ خۇدانىڭ بىلىكىدەك بىلىكىڭ بارمۇ؟
سەن ئۇنىڭدەك ئاۋازىڭنى گۈلدۈرلىتەلەمسەن؟
‏10 ئۇنداق بولسا، ئەمدى ئۆزۈڭنى ئىززەت ۋە ھەيۋەت بىلەن زىننەتلەندۈرۈپ،
شان-شەرەپ ۋە شەۋكەتكە پۈركىنىپ،
‏11 غەزىپىڭنىڭ قەھرىنى چېچىپ،
ھەممە تەكەببۇرلارغا نەزىرىڭنى سېلىپ
ئۇلارنى پەسلەشتۈر.
‏12 ھەربىر تەكەببۇرغا نەزەر سېلىپ، ئۇنى باش ئەگدۈر،
يامانلارنى تۇرغان جايىدا يەر بىلەن يەكسان قىل.
‏13 ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى توپىغا كۆم،
يوشۇرۇن جايدا يۈزلىرىنى يۆگەپ قوي.
‏14 شۇنداق قىلالىساڭ،
‹ئوڭ قولۇڭ سېنى قۇتقۇزالايدۇ› دەپ تەن ئالىمەن.   
 
‏15 مانا، مەن سېنىڭ بىلەن تەڭ ياراتقان بېگىموتقا قارىغىن.
ئۇ كالىدەك ئوت-چۆپ يەيدۇ.   
‏16 قاراپ باق، ئۇنىڭ كۈچى بېلىدىدۇر،
قۇۋۋىتى قورسىقىنىڭ مۇسكۇللىرىدىدۇر.
‏17 ئۇ قۇيرۇقىنى بىر كېدىر دەرىخىدەك پۇلاڭشىتىدۇ،
پۇتلىرىنىڭ پەيلىرى بىر-بىرىگە چىڭ توقۇلغان،
‏18 ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرى مىس تاياقلاردەكتۇر،
ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ سۆڭەكلىرى تۆمۈر توقماقلاردەكتۇر.
‏19 ئۇ خۇدا ياراتقان مەخلۇقاتلارنىڭ بېشىدۇر،
پەقەت ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىلا ئۇنىڭغا قىلىچىنى كۆتۈرەلەيدۇ.
‏20 ياۋايى ھايۋانلار ئويناپ يۈرىدىغان تاغلار
ئۇنىڭ رىزقىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.
‏21 ئۇ سايىلىق دەرەخلەر تېگىدە ياتىدۇ،
قومۇشلۇق ۋە سازلىقنىڭ ئىچىدە يوشۇرۇنىدۇ.
‏22 سايىلىق دەرەخلەر ئۇنى سايىسى بىلەن ياپىدۇ،
ئېرىق بويىدىكى سۆگەتلەر ئۇنى ئورىۋالىدۇ.
‏23 ئەگەر دەريا تېشىپ كەتسىمۇ، ئۇ ئۈركۈمايدۇ،
ئىئورداننىڭ سۈيى ئۇنىڭ ئاغزىغىچە ئۆرلىسىمۇ، ئۇ خاتىرجەم تۇرىدۇ.
‏24 ئىنسان ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇنى تۇتالامدۇ؟
ئۇنىڭ بۇرنىنى تېشىپ ھالقا ئۆتكۈزەلەمدۇ؟
 
‏25 لېۋىئاتان دېگەن ھايۋاننى قارماق سېلىپ تارتالامسەن؟
ئارغامچا بىلەن ئۇنىڭ تىلىنى بوغالالامسەن؟   
‏26 سەن ئۇنىڭ بۇرنىغا قومۇش ھالقا ئۆتكۈزۈلەمسەن؟
ئۇنىڭ ئېڭىكىنى نەيزە بىلەن تېشەلەمسەن؟
‏27 ئۇ ساڭا ئارقا-ئارقىدىن يالۋۇرامدۇ؟
ئۇ ساڭا سىلىق گەپ قىلامدۇ؟
‏28 ئۇ سەن بىلەن ئەھدە تۈزۈپ،
ھەمىشە ساڭا قۇل بولامدۇ؟
‏29 سەن قۇشقاچ بىلەن ئويناشقاندەك ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشامسەن؟
سەن ئۇنى باغلاپ قىزلىرىڭغا بېرەلەمسەن؟
‏30 بېلىقچىلار ئۇنىڭ ئۈستىدە سودىلىشامدۇ؟
ئۇنى سودىگەرلەرگە بۆلۈشتۈرۈپ بېرەمدۇ؟
‏31 سەن ئۇنىڭ تېرىسىنى نەيزىلەر بىلەن،
ئۇنىڭ بېشىنى بېلىقچىنىڭ ئارىسى بىلەن سانجىپ تولدۇرالامسەن؟
‏32 سەن قولۇڭنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپ سوقۇشۇپ باققىن.
ئىككىنچى مۇنداق قىلمايسەن.