39
‏1 سەن تاغدىكى ياۋا ئۆچكىلەرنىڭ قاچان تۇغىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟
ماراللارنىڭ قوزىلىشىنى سەن كۆزىتەمسەن؟
‏2 ئۇلارنىڭ بوغاز بولىدىغان ئايلىرىنى ھېسابلىيالامسەن؟
ئۇلارنىڭ تۇغىدىغان ۋاقتىنى بىلەمسەن؟
‏3 ئۇلار ئېڭىشىپ بالىلىرىنى تۇغۇپ،
تولغىقىدىن قۇتۇلىدۇ.
‏4 ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئوچۇق دالادا ئۆسۈپ كۈچلىنىدۇ.
ئۇلار كەتكەندىن كېيىن تەكرار قايتىپ كەلمەيدۇ.
 
‏5 ياۋا ئېشەكنى كىم ئەركىن قويۇۋەتكەن؟
كىم شاش ئېشەكنىڭ باغلىرىنى يەشكەن؟
‏6 مەن باياۋاننى ئۇنىڭ ئۆيى قىلدىم،
شورلۇقنى ئۇنىڭغا ماكان قىلىپ بەردىم.
‏7 ئۇ شەھەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىغا كۈلىدۇ،
ھەيدىگۈچىنىڭ ۋارقىشىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ.
‏8 ئۇنىڭ يايلىقى تاغلارنىڭ ئارىسىدىدۇر،
ئۇ شۇ يەردە ئوت-گىياھلارنى ئىزدەپ يۈرىدۇ.
 
‏9 ياۋا بۇقا ساڭا بويسۇنۇشنى خالامدۇ؟ ئۇ سېنىڭ ئوقۇرۇڭدا قونامدۇ؟
‏10 سەن ياۋا بۇقىنى تانا بىلەن باغلاپ، ساپانغا قاتالامسەن؟
ئۇ ساڭا ئەگىشىپ ۋادىلاردا يەر ئاغدۇرامدۇ؟
‏11 ئۇنىڭ كۈچى چوڭ بولغىنى ئۈچۈن سەن ئۇنىڭغا تايىنامسەن؟
ياكى سەن ئىشىڭنى ئۇنىڭغا تاپشۇرالامسەن؟
‏12 ئۇنىڭ ئاشلىقنى ئۆيگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا،
ھوسۇلنى يىغىپ، خامانغا توشۇيدىغانلىقىغا ئىشەنەمسەن؟
 
‏13 تۆگىقۇش خۇشاللىقتا قاناتلىرىنى قاقىدۇ،
بىراق ئۇنىڭ قاناتلىرى لەيلەكنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
‏14 چۈنكى ئۇ تۇخۇملىرىنى يەرگە تاشلاپ قويۇپ،
ئۇلارنى قۇمنىڭ ئىچىدە قىزىتىدۇ،
‏15 لېكىن: ‹ئۇلار ئاياغ ئاستىدا يانجىلىپ كېتەرمىكىن›،
ياكى ‹دالادىكى ياۋايى ھايۋانلار ئۇلارنى دەسسەپ ئېزىۋېتەرمىكىن›
دەپ ئويلىمايدۇ.
‏16 ئۇ بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ بالىلىرى ئەمەستەك باغرىنى قاتتىق قىلىدۇ،
ئۆز ئۇرۇقىنىڭ يوق بولۇپ كېتىشىنىڭ ئەندىشىسىنى قىلمايدۇ.
‏17 چۈنكى خۇدا ئۇنى ھېكمەتتىن مەھرۇم قىلغان،
ئۇنىڭغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلمىغان.
‏18 ھالبۇكى ئۇ قاناتلىرىنى يېيىپ سەكرىگەندە،
ئاتقا ھەم ئۇنىڭ مىنگۈچىسىگە كۈلىدۇ.
 
‏19 ئاتقا سەن كۈچ بەرگەنمۇ؟
ئۇنىڭ بوينىغا يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان يايلىنى سەن كىيگۈزگەنمۇ؟
‏20 سەن ئۇنى چېكەتكىدەك سەكرىتەلەمسەن؟
ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك كىشنەشلىرى ۋەھىمىلىكتۇر.
‏21 ئۇ ۋادىدا يەرنى تېپىپ، كۈچىدىن خۇش بولۇپ،
قوراللىق قوشۇن بىلەن ئۇچرىشىشقا ئاتلىنىدۇ.
‏22 ئۇ قورقۇنچنى مەسخىرە قىلىپ، ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ.
ئۇ قىلىچتىن قېچىپ ئارقىغا يانمايدۇ.
‏23 ئۇنىڭ چۆرىسىدە ئوقدان، پارقىرايدىغان خەنجەر
ۋە نەيزە
تاراقشىپ تۇرسىمۇ،
‏24 ئۇ ھاياجانلىنىپ، ئاچچىقىدا يەرنى تاتلاپ يۇتۇۋېتىدۇ.
بۇرغىنىڭ ئاۋازى ئاڭلانسا، ئۆزىنى تۇتالمايدۇ.   
‏25 بۇرغىلار چېلىنسا، ئۇ «ھاي ھاي» دەپ كىشنەيدۇ.
ئۇ يىراقتىن جەڭ پۇرىقىنى پۇراپ،
سەردارلارنىڭ ۋارقىرىشىنى ۋە جەڭ چۇقانلىرىنى ئاڭلايدۇ.
 
‏26 سېنىڭ ھېكمىتىڭ بىلەن قارچىغا ئېگىز ئۇچۇپ
قاناتلىرىنى جەنۇبقا قاراپ ئاچامدۇ؟
‏27 بۈركۈت سېنىڭ بۇيرۇقۇڭ بىلەن يۇقىرىغا چىقىپ
ئۇۋىسىنى ئېگىزلىكتە ياسامدۇ؟
‏28 ئۇ قورام تاشنى ماكان قىلىدۇ،
قىيا تاش ۋە تىك تاغنىڭ چوققىسىغا ئۇۋىسىنى قۇرىدۇ.
‏29 شۇ يەردىن ئۇ ئوۋنى پايلاپ تۇرىدۇ،
كۆزلىرى بىلەن يىراقلارنى كۆزىتىدۇ.
‏30 ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ قان شورايدۇ،
ئۆلۈكلەر قايەردە بولسا ئۇ شۇ يەردە بولىدۇ».