پەرۋەردىگارنىڭ ئەييۇبقا بەرگەن بىرىنچى جاۋابى
38
‏1 بۇ چاغدا پەرۋەردىگار قۇيۇن ئىچىدىن ئەييۇبقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
 
‏2 «ھېكمەتنى ئەقىلسىز سۆزلەر بىلەن قارايتقان كىم؟
‏3 ئەمدى بىر ئەر كىشىدەك بېلىڭنى باغلا.
مەن سەندىن سوئال سورايمەن، سەن ماڭا جاۋاب بەر.
 
‏4 مەن يەرنىڭ ئۇلىنى قويغاندا سەن قەيەردە ئىدىڭ؟
ئەگەر شۇنچە ئەقىل-پاراسىتىڭ بولسا، بايان قىل.
‏5 كىم ئۇنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتتى؟ سەن بىلمەمسەن؟
كىم ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلچەش تانىسىنى تارتىپ قويدى؟
‏6 يەرنىڭ ئۇللىرى نېمىنىڭ ئۈستىگە توختىتىلغان؟
كىم ئۇنىڭ بۇرجەك تېشىنى قويدى؟
‏7 ئۇ قويۇلغاندا تاڭ يۇلتۇزلىرى بىرلىكتە ناخشا ياڭراتتى،
‹خۇدانىڭ ئوغۇللىرى›نىڭ ھەممىسى شادلىقتىن چۇقان سالدى.   
 
‏8 كىم دېڭىزنى ئىشىكلەر بىلەن تاقىدى
ئۇ قورساقتىن چىققاندەك ئېتىلىپ چىققاندا؟
‏9 مەن بۇلۇتنى ئۇنىڭغا كىيىم قىلغاندا،
زۇلمەت قاراڭغۇلۇق بىلەن ئۇنى زاكىلىغاندا،
‏10 ئۇنىڭ ئۈچۈن چەكلىرىنى بېكىتىپ،
تاقاق ۋە ئىشىكلەر قويغاندا،
‏11 ‹بۇ يەرگىچە كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئالدىغا ئۆتمەيسەن،
كىبىر دولقۇنلىرىڭ بۇ يەردە توختايدۇ› دېگىنىمدە،
سەن قەيەردە ئىدىڭ؟
 
‏12 سەن ئۆمرۈڭدە سەھەرگە ئەمىر قىلىپ باقتىڭمۇ؟
سەن سۈزۈلگەن تاڭغا ئۇنىڭ جايىنى كۆرسىتىپ باقتىڭمۇ؟
‏13 سەن ئۇنىڭغا: ‹سەن يەرنى ئۇچلىرىدىن تۇتۇپ،
يامانلارنى ئۇنىڭدىن ئىرغىتىۋەتكىن› دەپ ئېيتتىڭمۇ؟
‏14 لاي تامغا بىلەن شەكىللەندۈرۈلگەندەك،
يەرمۇ تاڭ نۇرىدا شەكىللەندۈرۈلۈپ، بىر لىباستەك ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
‏15 يامانلارنىڭ نۇرى ئېلىۋېلىنىدۇ،
ئېگىز كۆتۈرۈلگەن قول سۇندۇرۇلىدۇ.   
 
‏16 سەن دېڭىزنىڭ بۇلاقلىرىغىچە چۈشتۈڭمۇ،
چوڭقۇر سۇلارنىڭ تېگىدە مېڭىپ باقتىڭمۇ؟
‏17 ئۆلۈمنىڭ دەرۋازىلىرى ساڭا ئاشكارىلاندىمۇ،
ئۆلۈم سايىسىنىڭ دەرۋازىلىرىنى كۆردۈڭمۇ؟
‏18 يەر يۈزىنىڭ كەڭلىكىنى بايقىدىڭمۇ؟
ئەگەر بۇنىڭ ھەممىسىنى بىلسەڭ، بايان قىل.
‏19 نۇرنىڭ ماكانىغا بارىدىغان يول نەدە؟
قاراڭغۇلۇقنىڭ تۇرار جايى قەيەردە؟
‏20 سەن ئۇلارنى ئۆز ماكانلىرىغا ئېلىپ بارالامسەن؟
ئۆيلىرىگە بارىدىغان يوللىرىنى تاپالامسەن؟
‏21 سەن ئۇ ۋاقىتتا تۇغۇلغاچقا،
كۈنلىرىڭنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا،
سەن ئەلۋەتتە بىلىسەن!
 
‏22 سەن قارنىڭ خەزىنىلىرىگە كىرگەنمۇ؟
مۆلدۈرنىڭ ئامبارلىرىنى كۆرگەنمۇ؟
‏23 مەن بۇلارنى ئازاب-ئوقۇبەتلىق زامان ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم،
ئۇرۇش ۋە جەڭ كۈنى ئۈچۈن تەييارلاپ قويدۇم.
‏24 نۇر قانداق يوللار بىلەن چېچىلىدۇ؟
شەرق شامىلى قانداق يوللار بىلەن يەر يۈزىگە تارقىتىلىدۇ؟
‏25 كىم كەلكۈن سۈيى ئۈچۈن بىر ئۆستەڭ چاپىدۇ؟
كىم گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقى ئۈچۈن بىر يول ئاچىدۇ؟
‏26 كىم ئادەم ياشىمايدىغان زېمىنغا،
ھېچكىم تۇرمايدىغان چۆل-باياۋانغا يامغۇر ياغدۇرۇپ،
‏27 چۆللەشكەن قاقاس يەرلەرنى قاندۇرۇپ،
يېڭى ئوت-چۆپ ئۈندۈرىدۇ؟
‏28 يامغۇرنىڭ ئاتىسى بارمۇ؟
شەبنەم تامچىلىرىنى كىم پەيدا قىلىدۇ؟
‏29 مۇز كىمنىڭ قورسىقىدىن چىقىدۇ؟
ھاۋانىڭ قىروۋىنى كىم دۇنياغا كەلتۈرىدۇ؟
‏30 ئۇ چاغدا سۇلار تاشتەك قېتىپ قالىدۇ،
چوڭقۇر سۇلارنىڭ يۈزى توڭلاپ قالىدۇ.
 
‏31 سەن يەتتە ئۈكەر يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ زەنجىرىنى باغلىيالامسەن؟
ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ باغلىرىنى بوشىتالامسەن؟
‏32 سەن يۇلتۇز تۈركۈملىرىنى ئۆز پەسلىدە چىقىرالامسەن؟
چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىنى ئۆز بالىلىرى بىلەن يېتەكلىيەلەمسەن؟
‏33 سەن ئاسماننىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بىلەمسەن؟
ئۇنىڭ سەلتەنىتىنى يەر يۈزىدە ئورنىتالامسەن؟
‏34 سېنى بېسىپ كەتكۈدەك تاشقىن كەلتۈرىدىغان بۇلۇتلارغا
ئاۋازىڭنى ئاڭلىتالامسەن؟
‏35 سەن چاقماقلارنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا بۇيرۇق بېرەلەمسەن؟
ئۇلار ساڭا: ‹مانا بىز تەييار› دەپ ئاۋاب بېرەمدۇ؟
‏36 كۆڭۈلگە كىم ھېكمەت قويغان؟
ئويلىرىمىزغا كىم ئەقىل-پاراسەت بېرگەن؟
‏37 كىم ئۆز دانالىقى بىلەن بۇلۇتلارنى سانىيالايدۇ؟
كىم ئاسماننىڭ سۇ تۇلۇملىرىنى تۆكۈپ،
‏38 توپا-چاڭلارنى ئىلەشتۈرۈپ قاتۇرۇپ، چالمىلارنى بىر-بىرىگە يېپىشتۇرىدۇ؟
 
‏39 سەن چىشى شىر ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلىيالامسەن؟
ياش شىرلارنىڭ قارنىنى تويغۇزالامسەن؟
‏40 ئۇلار ئۆڭكۈرلىرىدا مۆكۈنۈپ ياتقاندا
ياكى بۆكتۈرمىدە ماراپ ياتقاندا،
سەن ئۇلارنىڭ ئاچلىقىنى قاندۇرالامسەن؟
‏41 قۇزغۇننىڭ بالىلىرى ئاچلىقتىن خۇداغا پەرياد قىلغاندا
،
قۇزغۇننىڭ رىزقىنى كىم بېرىدۇ؟