37
‏1 شۇ سەۋەبتىن يۈرىكىم قاتتىق سوقۇپ،
قېپىدىن چىقىپ كېتەي دېدى.
‏2 ئاڭلا ئۇنىڭ كۈچلۈك ئاۋازىنى،
ئاغزىدىن چىققان گۈلدۈرلەشنى.
‏3 ئۇ ئاۋازىنى پۈتۈن ئاسمان ئاستىدىكى ھەر يەرگە يەتكۈزۈپ،
چاقماقلىرىنى يەرنىڭ ئەڭ چەتلىرىگىچە ئەۋەتىدۇ.
‏4 چاقماقتىن كېيىن ئۇنىڭ كۈچلۈك ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ،
ئۇ ھەيۋەتلىك ئاۋازى بىلەن گۈلدۈرلەيدۇ.
ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندا ئۇ چاقماقلارنى توختىتىپ قويمايدۇ.
‏5 خۇدا ئاجايىپ ئاۋازى بىلەن گۈلدۈرلەيدۇ،
ئۇ بىزنىڭ ئەقلىمىز يەتمەيدىغان ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىدۇ.
‏6 مانا، ئۇ قارغا: ‹يەرگە چۈش› دەپ بۇيرۇيدۇ،
شار-شۇر يامغۇرغا ‹يەرگە تۆكۈل› دەپ بۇيرۇق بېرىدۇ.
‏7 ئۇ ئادەملەر ئۆز ياراتقۇچىسىنىڭ ئىشلىرىنى بىلسۇن دەپ،
ھەممە ئىنساننىڭ قوللىرىنى مۆھۈرلەپ قويىدۇ.   
‏8 ئۇ ۋاقىتتا ياۋايى ھايۋانلار ئۆز ئۇۋىلىرىغا كىرىۋالىدۇ،
ئۇلار ئۆز غارىدا يېتىۋالىدۇ.
‏9 جەنۇب تەرەپتىن بوران چىقىدۇ،
شىمال تەرەپتىن سوغۇق كېلىدۇ.
‏10 خۇدانىڭ پۈۋلىشى بىلەن مۇز پەيدا بولىدۇ،
بىپايان سۇلار مۇزغا ئايلىنىدۇ.
‏11 ئۇ قېلىن بۇلۇتقا نەملىكنى يۈكلەيدۇ،
چاقماق چاقىدىغان بۇلۇتلارنى يايىدۇ.
‏12 ئۇلار ئۇنىڭ ئىرادىسى بىلەن ھەريان چېپىپ،
ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى يەر يۈزىدە ئورۇنلايدۇ.
‏13 مەيلى جازا ئۈچۈن بولسۇن،
مەيلى يەرنىڭ پايدىسى ئۈچۈن بولسۇن،
مەيلى رەھىمدىللىقىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن بولسۇن
ئۇ ئۇلارنى ئەۋەتىدۇ.
 
‏14 ئەي ئەييۇب، بۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ شۈك تۇرغىن،
خۇدانىڭ ئاجايىپ ئىشلىرىنى ئويلىغىن.
‏15 خۇدانىڭ ئۇلارنىڭ يۈرۈشىنى قانداق باشقۇرىدىغانلىقىنى،
بۇلۇتلىرىنىڭ چاقماقلىرىنى قانداق چاقتۇرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟
‏16 سەن بۇلۇتلارنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا قانداق تۇرىدىغانلىقىنى،
بىلىمى مۇكەممەل بولغان خۇدانىڭ ئاجايىپ ئىشلىرىنى بىلەمسەن؟
‏17 ئۇ جەنۇب شامىلى بىلەن يەرنى تىنچلاندۇرۇپ،
كىيىملىرىڭنى قانداق ئىسسىتقىنىنى بىلەمسەن؟
‏18 ئەينەككە ئوخشاش قۇيۇلۇپ مۇستەھكەم قىلىنغان ئاسمان گۈمبىزىنى
سەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ يايدىڭمۇ؟
‏19 ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمىز كېرەكلىكىنى بىزگە ئۆگەت.
چۈنكى بىز بۇ قاراڭغۇلۇقتا نېمە دېيىشنى بىلەلمىدۇق.
‏20 مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلماقچى بولسام،
ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىش كېرەكمۇ؟
ئۇنداق گەپ قىلغۇچى ھالاكەتكە چۈشمەمدۇ؟
‏21 ئادەم بۇلۇتنىڭ ئۈستىدىكى پارقىراپ تۇرغان قۇياش نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.
لېكىن شامال چىقىپ، بۇلۇتلارنى ھەيدىۋەتسە،
‏22 ئالتۇن نۇر شىمالدىن كۆرۈنىدۇ،
خۇدانىڭ ئۇلۇغ ھەيۋىتى نامايان بولىدۇ.
‏23 ھەممىگە قادىر خۇدانى بىز چۈشىنەلمەيمىز.
ئۇ قۇۋۋەتتە ئۇلۇغ بولۇپ،
ھەققانىيلىقى ۋە تەڭداشسىز ئادالىتىدىن ھەرگىز چەتنىمەس.
‏24 شۇ سەۋەبتىن ئادەملەر ئۇنىڭدىن قورقىدۇ.
كۆڭلىدە ئۆزىنى دانا ھېسابلىغان ھېچبىرىگە ئۇ ئېتىبار قىلمايدۇ».