ئەلىھۇنىڭ تۆتىنچى سۆزى
36
1 ئەلىھۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2 «ساڭا جاۋاب بېرىشىم ئۈچۈن ئازغىنە سەۋر قىلغىن،
چۈنكى خۇدا ھەققىدە تېخى ئېيتىدىغان گەپلىرىم بار.
3 بىلىمىمنى يىراقلاردىن ئېلىپ كېلىپ،
ياراتقۇچىمنىڭ ھەققانىيلىقىنى كۆرسىتەي.
4 شۈبھىسىز سۆزلىرىم يالغان ئەمەس،
چۈنكى بىلىمى مۇكەممەل بىر كىشى ئالدىڭدا تۇرىدۇ.
5 مانا، خۇدا ئۇلۇغ بولسىمۇ،
ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى چەكسىز بولسىمۇ،
ئۇ ھېچكىمنى كەمسىتمەيدۇ.
6 ئۇ يامان كىشىنى ياشاتمايدۇ،
بىراق بىچارىلەرگە ھەققىنى بېرىدۇ.
7 ئۇ ھەققانىيلاردىن كۆزلىرىنى ئالمايدۇ،
بەلكى ئۇلارنى پادىشاھلار بىلەن بىللە تەختكە ئولتۇرغۇزىدۇ.
ئۇ ئۇلارنى ئەبەدكىچە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
8 ئەگەر ئۇلار زەنجىر بىلەن باغلىنىپ،
دەرد-ئەلەمنىڭ يىپلىرىغا چىگىلىپ قالغان بولسا،
9 ئۇ ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنى،
تەكەببۇرلىشىپ كەتكەندە قىلغان گۇناھلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ■
10 ئۇ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئىبرەتكە ئېچىپ،
ئۇلارغا يامانلىقلىرىدىن قايتىشنى بۇيرۇيدۇ.
11 ئەگەر ئۇلار قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭغا بويسۇنسا،
كۈنلىرىنى ئامانلىقتا، يىللىرىنى بەخت-سائادەت ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.
12 لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىسا،
ئۇلار قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ،
ئەقىل-ئىدراكسىز ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
13 كۆڭلى ئەگرى بولغانلار بولسا غەزىپىنى توپلايدۇ.
خۇدا ئۇلارنى ئاسارەتكە چۈشۈرسىمۇ،
ئۇلار ئۇنىڭغا پەرياد قىلمايدۇ.
14 ئۇلار ياش ۋاقتىدا ئۆلىدۇ،
ئۇلارنىڭ ھاياتى ناپاكلار ئارىسىدا تۈگەيدۇ.
15 پەرۋەردىگار دەردمەننى دەرد ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ،
زۇلۇم ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئاچىدۇ.
16 شۇنداقتىمۇ ئۇ سېنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن تارتىپ چىقىرىپ،
قىستاڭچىلىقى يوق كەڭرى يەرگە باشلىماقچى.
ئۇ سېنى ياغلىق تائاملار بىلەن تولدۇرۇلغان
داستىخىنى بار بىر يەرگە ئېلىپ بارماقچى.
17 سەن بولساڭ پەقەتلا يامانلارنىڭ دەۋالىرىنى ئويلاپ يۈرىسەن.
لېكىن ھۆكۈم ۋە ئادالەت بىر-بىرىگە باغلانغان. ■
18 غەزىپىڭ سېنى مەسخىرىگە ئېلىپ بارمىسۇن،
ئۇنداق قىلساڭ چوڭ كاپالەتمۇ سېنى قۇتقۇزالمايدۇ.
19 سېنىڭ بايلىقىڭ ئۆزۈڭنى دەرد-ئەلەمدىن ساقلىيالامدۇ؟
پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن تىرىشسەڭمۇ ساڭا پايدا تېگەمدۇ؟
20 سەن خەلقلەر ئۆز جايىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدىغان
كېچىگە ئۈمىد باغلىمىغىن.
21 ھۇشيار بول، يامانلىققا بۇرۇلما،
ئۇنى دەرد-ئەلەمدىن ئارتۇق كۆرمە.
22 مانا، خۇدا ئۆز كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۈستۈندۇر.
ئۇنىڭدەك ئۆگەتكۈچى بارمۇ؟
23 كىم ئۇنىڭغا يولىنى بىلدۈرەلەيدۇ؟
كىم ئۇنىڭغا: ‹سەن ناتوغرا ئىش قىلدىڭ› دېيەلەيدۇ؟
24 سەن ئادەملەر ناخشا ئېيتىپ مەدخىيىلەيدىغان
خۇدانىڭ ئىشلىرىنى ئۇلۇغلاشنى ئۇنتۇمىغىن.
25 پۈتۈن ئىنسانلار ئۇنىڭ ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ،
ئادەم بالىلىرى ئۇلارغا يىراقتىن قارايدۇ.
26 بەرھەق، خۇدا ئۇلۇغدۇر، بىز ئۇنى چۈشىنەلمەيمىز،
ئۇنىڭ يىللىرىنىڭ سانى سان-ساناقسىزدۇر.
27 مانا، ئۇ سۇ تامچىلىرىنى پارغا ئايلاندۇرىدۇ.
ئۇلار كۆپىيىپ، يامغۇر بولۇپ ياغىدۇ.
28 بۇلۇتلار ئۇلارنى تېمىتىپ،
ئادەملەرنىڭ ئۈستىگە كەڭرىچىلىك بىلەن ياغدۇرىدۇ.
29 كىم بۇلۇتلارنىڭ يېيىلىشىنى،
كىم ئۇنىڭ چېدىرىدىن چىققان گۈلدۈرلىشىنى چۈشىنەلەيدۇ؟
30 مانا، خۇدا چۆرىسىگە ئۆز نۇرىنى چېچىدۇ.
ئۇ دېڭىزنىڭ تېگىنى قاپلايدۇ. ■
31 ئۇ بۇلار ئارقىلىق خەلقلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىدۇ،
ھەم كەڭرىچىلىك بىلەن ئۇلارنىڭ رىزقىنى بېرىدۇ.
32 ئۇ قوللىرىنى چاقماق بىلەن تولدۇرۇپ،
ئۇنىڭ قەيەرگە چۈشۈشىنى بۇيرۇيدۇ.
33 ئۇنىڭ گۈلدۈرمامىسى ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.
ھەتتا چارۋىلارمۇ بوران كېلىدىغىنىدىن خەۋەر بېرىدۇ.