ئەلىھۇنىڭ ئۈچىنچى سۆزى
35
1 ئەلىھۇ سۆزىگە داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: 2 «‹مەن خۇدا ئالدىدا ھەقلىقمەن›
دېگىنىڭنى توغرا دەپ ئويلامسەن؟
3 سەن تېخى: ‹گۇناھ قىلغىنىمغا قارىغاندا گۇناھ قىلمىغىنىمنىڭ
ماڭا نېمە پايدىسى بار؟
نېمە مەنپەئەتى بار؟› دەپ سورايسەن.
4 بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ساڭا ۋە دوستلىرىڭغا جاۋاب بېرەي.
5 ئاسمانغا قاراپ باققىن،
سەندىن شۇنچە ئېگىز بولغان بۇلۇتلارغا نەزەر سالغىن.
6 ئەگەر سەن گۇناھ قىلساڭ، خۇداغا نېمە زىيان يەتكۈزەلەيتتىڭ؟
ئاسىيلىقلىرىڭ كۆپ بولسا ئۇنىڭغا نېمە نۇقسان يېتەتتى؟
7 سەن ھەققانىي بولساڭ، ئۇنىڭغا نېمە پايدا بېرەلەيسەن؟
ئۇ سېنىڭ قولۇڭدىن نېمىگە ئېرىشەتتى؟
8 يامانلىقىڭ ساڭا ئوخشاش بىر ئىنسانغىلا زىيان سالىدۇ،
ھەققانىيلىقىڭ ئادەم بالىسىغىلا پايدا يەتكۈزىدۇ.
9 زۇلۇمنىڭ كۆپلۈكىدىن ئادەملەر پەرياد قىلىدۇ،
كۈچلۈكلەرنىڭ بېسىمىدىن نالە قىلىپ ئاھ ئۇرۇشىدۇ.
10 لېكىن ھېچكىم: ‹كېچىسى ناخشىلارنى يۈرەككە سالىدىغان،
11 يەر يۈزىدىكى ھايۋانلاردىن كۆپرەك بىزگە ئىلىم ئۆگىتىدىغان،
ئاسماندىكى قۇشلارغا قارىغاندا بىزگە چوڭراق ھېكمەت بېرىدىغان،
مېنىڭ ياراتقۇچىم بولغان خۇدا قەيەردە؟› دەپ سورىمايدۇ.
12 شۇ سەۋەبتىن يامانلار ئۇلارغا قارشى چوڭچىلىق قىلغاندا،
ئۇلار پەرياد قىلسىمۇ، ئۇ جاۋاب بەرمەيدۇ.
13 بەرھەق، خۇدا قۇرۇق دۇئالارنى ئاڭلىمايدۇ.
ھەممىگە قادىر بولغۇچى بۇنداق پەريادلارغا ئېتىبار بەرمەيدۇ.
14 سەن: ‹ئۇنى كۆرەلمەيمەن› دېسەڭمۇ،
دەۋايىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
شۇڭا سەۋر قىلىپ كۈتكىن.
15 ئەمما ھازىر، ئۇ تېخى غەزەپ بىلەن كەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا،
ئۇنىڭ ئادەملەرنىڭ تەكەببۇرلۇقى بىلەن كارى بولمايدۇ دەيسەن.
16 شۇڭلاشقا ئەييۇب ئېغىز ئېچىپ قۇرۇق گەپ قىلدى،
ھېچنېمىنى ئۇقماي تۇرۇپ كۆپ سۆزلىدى».