ئەلىھۇنىڭ ئىككىنچى سۆزى
34
‏1 ئەلىھۇ يەنە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
 
‏2 «ئەي دانالار، سۆزلىرىمنى ئاڭلاڭلار.
ئەي دانىشمەنلەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار.
‏3 چۈنكى تاڭلاي تائامنى تېتىغاندەك،
قۇلاقمۇ سۆزلەرنى سىنايدۇ.
‏4 بىز ئەمدى ئۆزىمىز ئۈچۈن توغرا بولغىنىنى تاللايلى،
نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەيلى.
‏5 چۈنكى ئەييۇب: ‹مەن ھەققانىيدۇرمەن،
بىراق خۇدا مېنىڭ ھەققىمنى تارتىۋالدى.
‏6 ھەقدار بولساممۇ، يالغانچى سانالدىم.
خاتالىقىم بولمىسىمۇ، يارامغا داۋا يوق› دەيدۇ.
‏7 ئەييۇبقا ئوخشايدىغان كىم بار؟
كىم ئۇنىڭدەك مەسخىرىنى سۇدەك ئىچىدۇ؟
‏8 ئۇ يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەمراھى بولۇپ،
يامانلار بىلەن بىللە ماڭىدۇ.
‏9 چۈنكى ئۇ: ‹كىشى خۇدادىن سۆيۈنسىمۇ،
ئۇنىڭ ھېچ پايدىسى بولمايدۇ› دېدى.
 
‏10 شۇڭا، ئەي ئەقىللىق كىشىلەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار.
خۇدا يامانلىق قىلىشتىن ئۇزاقتۇر،
ناتوغرا ئىش ھەممىگە قادىر خۇدادىن يىراقتۇر.
‏11 چۈنكى ئۇ ھەر ئادەمگە ئۇنىڭ ئەمەللىرىگە يارىشا قايتۇرىدۇ،
ھەركىمگە ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ ئىنئام بېرىدۇ.
‏12 ھەقىقەتەن خۇدا يامانلىق قىلمايدۇ،
ھەممىگە قادىر خۇدا ئادالەتنى بۇزمايدۇ.
‏13 كىم ئۇنىڭغا يەر-زېمىننى تاپشۇردى؟
كىم ئۇنى پۈتۈن دۇنيانى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى؟
‏14 ئەگەر ئۇ كۆڭلىدە ئىنسانغا قارشى چىقىپ،
ئۆزىنىڭ روھى ۋە نەپىسىنى قايتۇرۇۋالسا،
‏15 بارلىق تىرىك جانلار بىر دەمدىلا ھالاك بولاتتى،
ئىنسانلار يەنە تۇپراققا قايتاتتى.   
 
‏16 ئەمدى سېنىڭ ئەقلىڭ بولسا، بۇنى ئاڭلىغىن،
سۆزلىرىمنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالغىن.
‏17 ئادالەتتىن نەپرەتلەنگۈچى ھۆكۈمرانلىق قىلالامدۇ؟
سەن ھەممىدىن ئادىل بولغۇچىنى ئەيىبلەمسەن؟
‏18 كىشى بىر پادىشاھقا: ‹ئەي يارىماس›،
ئېسىلزادىلەرگە: ‹ئەي يامانلار› دېيەلەمدۇ؟
‏19 خۇدا بولسا ئەمىرلەرگە يان باسمايدۇ،
باينى كەمبەغەلدىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ،
چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قوللىرىنىڭ ئىشلىرىدۇر.
‏20 مانا، كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە ئادەملەر ئۆلۈپ كېتىدۇ،
يېرىم كېچىدە خەلق تەۋرىنىپ ھالاك بولىدۇ.
كۈچلۈكلەرمۇ ئىنسان قولى تەگمەستىن يوق بولۇپ كېتىدۇ.
 
‏21 چۈنكى ئۇنىڭ كۆزلىرى ئادەملەرنىڭ يوللىرىدىدۇر،
ئۇلارنىڭ ھەممە قەدەملىرىنى كۆرىدۇ.
‏22 يامانلىق قىلغۇچىلارغا ئۆزىنى يوشۇرغىلى
نە قاراڭغۇ جاي نە ئۆلۈم سايىسى تېپىلماس.
‏23 چۈنكى ئىنسانغا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن،
خۇدانىڭ ئۇزۇنغىچە كۆزىتىشى لازىم ئەمەس.
‏24 ئۇ كۈچلۈكلەرنى تەكشۈرمەيلا پارچىلاپ،
ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقىلارنى قويىدۇ.
‏25 چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى بىلىدۇ،
ئۇلارنى كېچىدە دۈم كۆمتۈرۈپ ھالاك قىلىدۇ.
‏26 ئۇ ئۇلارنى يامانلارنىڭ ئارىسىدا،
ئادەملەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇرىدۇ.
‏27 چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن باش تارتتى،
ئۇنىڭ يوللىرىنىڭ ھېچقايسىسىغا ئېتىبار بەرمىدى.
‏28 ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن
مىسكىنلەرنىڭ پەريادى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى،
زۇلۇم تارتقانلارنىڭ نالىسى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتتى.
‏29 ئەگەر ئۇ جىم تۇرسا، كىم ئۇنى ئەيىبلىيەلەيدۇ؟
ئۇ يۈزىنى يوشۇرۇۋالسا، كىم ئۇنى كۆرەلەيدۇ؟
ئۇ، مەيلى بىر خەلق بولسۇن ياكى بىر ئادەم بولسۇن،
ھەممىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ.
‏30 ئۇ خەلققا تۇزاق قۇرمىسۇن دەپ
مۇناپىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويمايدۇ.
 
‏31 لېكىن بىرسى خۇداغا: ‹مەن تەكەببۇرلۇق قىلدىم،
ئەمدى يەنە يامانلىق قىلمايمەن.
‏32 مېنىڭ بىلمىگىنىمنى سەن ماڭا ئۆگەتكىن.
مەن يامانلىق قىلغان بولسام، يەنە قىلمايمەن›
دېگەن بولسا ياخشى بولاتتى.
‏33 ئەمدى سەن ئۇنىڭ بېكىتكىنىنى رەت قىلغىنىڭ ئۈچۈن،
ئۇ سېنىڭ خالىغىنىڭ بويىچە ئىش تۇتامدۇ؟
قارار قىلغۇچى سەن، مەن ئەمەس، ئۇنداقتا ئۆز بىلگىنىڭنى سۆزلە.
 
‏34 لېكىن ئەقىللىق كىشىلەر،
سۆزلىرىمنى ئاڭلىغان دانا ئادەملەر ماڭا دەيدۇكى:
‏35 ‹ئەييۇب ھېچنېمىنى بىلمەي گەپ قىلدى،
ئۇ ئويلىماي سۆزلىدى›.
‏36 كاشكى ئەييۇب ئاخىرغىچە سىنالسا ئىدى.
چۈنكى ئۇ يامان ئادەملەردەك جاۋاب بەردى.
‏37 ئۇ ئۆز گۇناھىغا ئىسياننىمۇ قوشۇپ،
ئارىمىزدا چاۋاك چېلىپ،
خۇداغا قارشى نۇرغۇن سۆز قىلدى».