33
1 ئەي ئەييۇب، ئەمدى مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغىن، ھەممە گېپىمگە قۇلاق سالغىن.
2 مانا، مەن ئاغزىمنى ئاچتىم،
ئاغزىمدىكى تىلىم سۆزلەيدى.
3 سۆزلىرىم دۇرۇس كۆڭلۈمدىن چىقىدۇ،
لەۋلىرىم بىلگىنىنى راستچىللىق بىلەن بايان قىلىدۇ.
4 خۇدانىڭ روھى مېنى ياراتقان،
ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ نەپىسى ماڭا ھايات بەرگەن.
5 ئەگەر جاۋاب بېرەلىسەڭ، ئالدىمدا دەس تۇرۇپ،
گەپلىرىڭنى ئوبدان تىزىپ ماڭا جاۋاب بەرگىن.
6 مانا، مەن خۇدانىڭ ئالدىدا ساڭا ئوخشاشمەن،
مەنمۇ تۇپراقتىن يارىتىلدىم.
7 ئۇنداق بولسا، مەندىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق،
يۈكۈم ساڭا ئېغىر كەلمىسۇن.
8 سېنىڭ قۇلىقىمغا ئېيتقان سۆزلىرىڭ،
مەن سەندىن ئاڭلىغان گەپلەر مۇنداق:
9 ‹مەن پاك، مەن ئاسىيلىق قىلمىغان،
مەن گۇناھسىز كىشى، مەندە يامانلىق يوق.
10 شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ماڭا قارشى باھانە ئىزدەپ،
مېنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى ساناپ،
11 پۇتلىرىمغا كىشەن سالىدۇ،
ھەممە يوللىرىمنى پايلاپ تۇرىدۇ›.
12 مانا، مەن ساڭا جاۋاب بېرەي،
بۇ توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىڭ توغرا ئەمەستۇر،
چۈنكى خۇدا ئىنساندىن ئۇلۇغدۇر.
13 نېمىشقا سەن ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىپ
‹ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشلىرى توغرىسىدا ھېچكىمگە چۈشەنچە بەرمەيدۇ› دەيسەن؟
14 چۈنكى خۇدا بىر ياكى ئىككى قېتىم سۆز قىلىدۇ،
لېكىن ئادەم بۇنىڭغا دىققەت قىلمايدۇ.
15 ئادەملەر كېچىدە قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەندە
ياكى ئورنىدا يېتىپ مۈگدەپ قالغاندا،
چۈشىدە كۆرۈنۈشلەر كۆرگەندە،
16 ئۇ ئادەملەرنىڭ قۇلاقلىرىنى ئاچىدۇ،
ئۇلارغا بەرگەن تەلىمگە مۆھۈر باسىدۇ.
17 بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمنى يامان نىيىتىدىن ياندۇرىدۇ،
ئىنساندىن تەكەببۇرلۇقنى چىقىرىدۇ.
18 ئۇ ئۇنىڭ جېنىنى گۆردىن ساقلايدۇ،
ھاياتىنى قىلىچ بىلەن ھالاك بولۇشتىن قۇتقۇزىدۇ.
19 ياكى بولمىسا، ئىنسان ئورنىدا يېتىپ دەرد تارتىپ،
سۆڭەكلىرى توختىماي ئاغرىش ئارقىلىق تەربىيە قىلىنىدۇ.
20 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلى ناندىن نەپرەتلىنىدۇ،
ئۇنىڭ جېنى مەززىلىك غىزادىن يىرگىنىدۇ.
21 ئۇنىڭ ئېتى كۆرۈنمىگۈدەك قۇرۇپ كېتىدۇ،
ئىلگىرى كۆرۈنمىگەن سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىقىدۇ.
22 ئۇنىڭ جېنى گۆرگە،
ھاياتى ئۆلۈمگە يېقىنلىشىدۇ.
23 ئەگەر ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېنىدا بىر پەرىشتە بولسا،
مىڭنىڭ ئىچىدىن بىر ياراشتۇرغۇچى چىقىپ قالسا،
ئىنسانغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرسە، ■
24 خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ: ‹گۆرگە چۈشۈشتىن ئۇنى قۇتقۇزغىن،
چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كەفارەتنى تاپتىم› دەيدۇ. ■
25 ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەتلىرى كىچىك بالىنىڭكىدىن يۇمران بولىدۇ،
ئۇ ياشلىقىدىكى ھالىتىگە قايتىدۇ
26 ئەگەر ئۇ خۇداغا دۇئا قىلسا،
ئۇ ئۇنىڭغا رەھىمدىل بولىدۇ.
ئۇ ئۇنىڭغا ئۆز يۈزىنى شادلىق بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ قىلىپ،
ئۇنىڭغا ھەققانىيلىقىنى قايتۇرىدۇ.
27 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ناخشا ئېيتىپ:
‹مەن گۇناھ قىلىپ توغرا يولنى ئەگرى قىلغان بولساممۇ،
ماڭا لايىق جازا بېرىلمىدى.
28 بەلكى ئۇ جېنىمنى گۆرگە چۈشۈشتىن قۇتۇلدۇرغاچقا،
ھاياتىم نۇر كۆرۈۋاتىدۇ› دەيدۇ.
29 مانا، بۇنىڭ ھەممىسىنى خۇدا
ئادەم ئۈچۈن ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم قىلىدۇ.
30 ئۇنىڭ جېنىنى گۆردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن،
ئۇنى ھايات نۇرى بىلەن يورۇتۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ.
31 ئەي ئەييۇب، دىققەت قىل، ماڭا قۇلاق سال،
سۈكۈت قىل، مەن سۆزلەي.
32 ئەگەر ئېيتقىلى بىر سۆزۈڭ بولسا، ماڭا جاۋاب بەرگىن،
چۈنكى مەن سېنى ئاقلاشنى خالايمەن.
33 بولمىسا، ماڭا قۇلاق سېلىپ شۈك تۇرغىن.
مەن ساڭا ھېكمەت ئۆگىتىپ قوياي».