ئەلىھۇنىڭ بىرىنچى سۆزى
32
‏1 بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈچ كىشى ئەييۇبنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ھەققانىي دەپ سانىغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشتىن توختاپ قالدى. ‏2 ئۇ ۋاقىتتا رام جەمەتىدىن بولغان، بۇزلۇق باراخەلنىڭ ئوغلى ئەلىھۇنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، ئەييۇبنىڭ خۇدانى ئەمەس، بەلكى ئۆزى-ئۆزىنى ھەققانىي سانىغىنىغا غەزەپلەندى. ‏3 ئۇ ئەييۇبنىڭ ئۈچ دوستىغىمۇ ئاچچىقلاندى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب تاپالماي تۇرۇپ، يەنىلا ئۇنى ئەيىبلەشتى. ‏4 ئەلىھۇ بۇلار مەندىن چوڭ دەپ، ئەييۇبقا سۆز قىلماي كۈتۈپ تۇرغانىدى. ‏5 ئەلىھۇ بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ئاغزىدا ھېچ جاۋاب يوقلۇقىنى كۆرۈپ، غەزەپلەندى. ‏6 شۇنىڭ بىلەن باراخەلنىڭ ئوغلى ئەلىھۇ سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى:
 
«مەن بولسام ياش، ئەمما سىلەر ياشانغانسىلەر.
بۇ سەۋەبتىن مەن تارتىنىپ ئۆز بىلگەنلىرىمنى
سىلەرگە ئېيتقىلى جۈرئەت قىلالمىدىم.
‏7 مەن: ‹ياشانغانلار سۆزلىسۇن،
يىللار بويى توپلانغان ھېكمەتنى ئۆگەتسۇن› دەپ ئويلىدىم.
‏8 بىراق ھەربىر ئادەمدە روھ بار.
ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ نەپىسى ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىدۇ.
‏9 كىشى ياشقا چوڭ بولغىنى بىلەن دانا بولماسلىقى مۇمكىن،
قېرى بولغىنى بىلەن ھەق-ناھەقنى ئايرىيالماسلىقى مۇمكىن.
‏10 شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا قۇلاق سالساڭلار،
مەن ئۆز بىلگەنلىرىمنى ئېيتىپ باقاي.
‏11 مانا، مەن سىلەر سۆز ئىزدەۋاتقاندا كۈتۈپ تۇردۇم،
سىلەرنىڭ پىكىرلىرىڭلارغا قۇلاق سېلىپ تۇردۇم.
‏12 مەن سىلەرنى دىققەت بىلەن تىڭشاپ تۇردۇم.
بىراق مانا، ھېچقايسىڭلار ئەييۇبنىڭ ھاتالىقىنى كۆرسىتەلمىدىڭلار،
ھېچبىرىڭلار ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرەلمىدىڭلار.
‏13 سىلەر: ‹بىز ھېكمەت تاپتۇق،
پەقەت خۇدا ئۆزى ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، ئىنسان ئەمەس› دېمەڭلار.
‏14 ئەمدى ئۇ سۆزلىرىنى ماڭا قارىتىپ ئېيتمىغان،
مەنمۇ ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ پىكىرلىرىڭلار بويىچە جاۋاب بەرمەيمەن.
‏15 مانا، ئۇلار ھەيران قېلىپ، ئارتۇق جاۋاب بېرەلمەي قالدى،
ئېيتقىلى سۆز تاپالماي قالدى.
‏16 مەن كۈتۈپ تۇردۇم، لېكىن ئۇلار سۆز قىلمىدى.
ئۇلار جىم بولۇپ، قايتا جاۋاب قايتۇرمىدى.
 
‏17 ئەمدى مەن ئۆز نۆۋىتىمدە جاۋاب بېرەي،
مەنمۇ بىلگەنلىرىمنى ئېيتىپ باقاي.
‏18 چۈنكى ئىچىم سۆزلەر بىلەن تولدى،
ئىچىمدىكى روھ مېنى زورلاۋاتىدۇ.
‏19 مانا، قورسىقىم ئېچىلمىغان شاراب تۇلۇمىدەك،
يېرىلىشقا تەييار يېڭى تۇلۇمدەكتۇر.
‏20 شۇنىڭ ئۈچۈن ئىچىمنى بوشىتىپ سۆزلەي،
لەۋلىرىمنى ئېچىپ جاۋاب بېرەي.
‏21 مەن ھېچكىمگە يۈز-خاتىرە قىلمايمەن،
ھېچ كىشىگە خۇشامەت قىلمايمەن.
‏22 چۈنكى مەن خۇشامەت قىلىشنى بىلمەيمەن،
بولمىسا ياراتقۇچىم مېنى دەرھال ئېلىپ كېتەتتى.