ئەييۇبنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى
31
‏1 بىر قىزغا ھەرگىز قارىمايمەن دەپ،
مەن ئۆز كۆزلىرىم بىلەن ئەھدە تۈزدۈم.
‏2 ھەممىدىن ئۈستۈن خۇدادىن ئىنسان نېمە نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ؟
ئەرشتىئەلادىكى ھەممىگە قادىر خۇدادىن ئىنسان نېمە مىراس ئالىدۇ؟
‏3 ھالاكەت يامانلار ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟
بالا-قازا ئەسكىلىك قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟
‏4 ئۇ مېنىڭ يوللىرىمنى كۆرمەمدۇ،
ھەربىر قەدىمىمنى سانىمامدۇ؟
 
‏5 مەن يالغانچىلىق بىلەن يۈرگەن بولسام،
پۇتۇم ساختىپەزلىككە ئالدىرىغان بولسا،
‏6 مەن بىر ئادىل تارازىدا تارتىلاي،
شۇندا خۇدا مېنىڭ دۇرۇسلۇقۇم بىلگەي.
‏7 ئەگەر پۇتۇم يولدىن چىقىپ كەتكەن بولسا،
كۆڭلۈم كۆزلىرىمگە ئەگەشكەن بولسا،
قوللىرىمغا بىر داغ چاپلاشقان بولسا،
‏8 
مېنىڭ تېرىغىنىمنى باشقىسى يېسۇن،
ئېتىزلىقتىكى زىرائەتلىرىم يىلتىزى بىلەن يۇلۇنسۇن.
‏9 ئەگەر كۆڭلۈم بىر ئايالغا ئالدىنىپ كەتكەن بولسا،
ياكى قوشنامنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ماراپ يۈرگەن بولسام،
‏10 مېنىڭ ئايالىم باشقىسىنىڭ تۈگمىنىنى تارتسۇن،
ياتلار ئۇنىڭ بىلەن ياتسۇن.
‏11 چۈنكى بۇ پەسكەشلىكتۇر،
جازالىنىشقا تېگىشلىك يامان ئىشتۇر.
‏12 چۈنكى بۇ ھەممىنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىدىغان،
ھەممە ھوسۇلۇمنى يىلتىزىدىن تارتىپ يوقىتىدىغان بىر ئوتتۇر.
 
‏13 ئەگەر قۇلۇم ياكى دېدىكىم مەن بىلەن دەۋالاشقىنىدا،
مەن ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى كۆزگە ئىلمىغان بولسام،
‏14 خۇدانىڭ ئالدىدا قانداق قىلىمەن؟
ئۇ مېنى سوراققا تارتقاندا مەن نېمە جاۋاب بېرىمەن؟
‏15 مېنى قورساقتا ياراتقۇچى ئۇلارنىمۇ ياراتقان ئەمەسمۇ؟
بىزگە قورساقتا شەكىل بەرگەنىۇ ئەمەسمۇ؟
‏16 مەن مىسكىنلەرنىڭ ئارزۇ قىلغىنىنى ئۇلاردىن ئايىدىممۇ؟
تۇل خوتۇننىڭ كۆزلىرىدىكى ئۈمىدىنى يوققا چىقاردىممۇ؟
‏17 ياكى نېنىمدىن يېتىملارغا بۆلۈپ بەرمەي،
ئۇنى يالغۇز ئۆزۈم يېدىممۇ؟
‏18 ياق، ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار كىچىكىمدىن بېرى ئۆز ئاتىسىنىڭكىدە تۇرغاندەك
مېنىڭ قېشىمدا ئۆسۈپ تەربىيىلەندى.
مەن ئانامنىڭ قورسىقىدىن چىققان ۋاقىتتىن تارتىپ
تۇل خوتۇننىڭ يۆلەنچۈكى بولۇپ كەلدىم.
‏19 ئەگەر مەن بىر بىچارىنى كىيىمسىز
ياكى بىر يوقسۇلنى يېپىنچىسىز كۆرگەندە،
‏20 ئۇنىڭ پۇشتى ماڭا خەيرلىك دۇئا قىلمىغان بولسا،
ۋە ئەگەر ئۇ مېنىڭ قويلىرىمنىڭ يۇڭىدىن ئىسسىنمىغان بولسا،
‏21 ئەگەر دەرۋازا ئالدىدا ماڭا يۈز-خاتىرە قىلىنىدۇ دەپ،
يېتىمگە قارشى قولۇمنى كۆتۈرگەن بولسام،
‏22 ئۇنداقتا قولۇم تاغىقىدىن چىقىپ كەتسۇن،
بىلىكىم جەينىكىدىن سۇنۇپ كەتسۇن.
‏23 لېكىن ئۇنداق ئەمەس،
چۈنكى مەن خۇدادىن كېلىدىغان ئاپەتتىن قورقتۇم.
ئۇنىڭ ئۇلۇغ ھەيۋىتى ئالدىدا ھېچنېمە قىلالمىدىم.
 
‏24 ئەگەر مەن ئالتۇنغا ئىشەنچ باغلىغان بولسام،
ياكى ساپ ئالتۇنغا: ‹سەن مېنىڭ تايانچىم› دېگەن بولسام،
‏25 ئەگەر بايلىقىمنىڭ كۆپلۈكىدىن،
قولۇم تاپقان مال-دۇنيادىن سۆيۈنگەن بولسام،
‏26 ئەگەر مەن كۈننىڭ پارلىغىنىنى كۆرگەندە،
ياكى ئاينىڭ ئايدىڭلىقتا ماڭغىنىغا قارىغاندا،
‏27 كۆڭلۈم خۇپىيانە ئازدۇرۇلغان بولسا،
ئۇلارغا باش ئېگىپ، ئاغزىم قولۇمنى سۆيگەن بولسا،
‏28 بۇمۇ جازالىنىشقا تېگىشلىك يامان ئىش بولاتتى،
چۈنكى بۇ ئەرشىئەلادىكى خۇدانى ئىنكار قىلغىنىم بولاتتى.
 
‏29 مېنى يامان كۆرگۈچىنىڭ ھالاكىتىگە مەن خۇشال بولدۇممۇ،
بالا-قازا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەندە كۆڭلۈم يايرىدىمۇ؟
‏30 ياق، ئۇنداق بولمىغان، مەن لەنەت ئوقۇپ ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىمىدىم،
ئاغزىمنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشىگە يول قويمىدىم.
‏31 چېدىرىمدىكىلەر:
‹كىم ئۇنىڭ بەرگەن گۆشىدىن يەپ تويمىغان بىرىنى تاپالايدۇ؟› دېمىگەنمۇ؟
‏32 مەن مۇساپىرلارغا ئىشىكلىرىمنى ئاچقاچقا،
ھېچبىر مۇساپىر كوچىدا قالمايتتى.
‏33 ئادەمئاتىمىزدەك ئۆز ئاسىيلىقىمنى يېپىپ،
يامانلىقىمنى كۆڭلۈمگە يوشۇرۇپ قويدۇممۇ؟
‏34 خالايىقتىن قورقۇپ،
ئۆز جەمەتىمنىڭ ھاقارىتىدىن دەھشەتكە چۈشۈپ،
جىم بولۇپ، ئىشىكىمدىن چىقالماي قالدىممۇ؟
 
‏35 كاشكى مېنى تىڭشايدىغان ئادەم بولسىدى!
مانا، مەن ئۆز سۆزۈمنى دەپ بولدۇم.
ئەمدى ھەممىگە قادىر خۇدا ماڭا جاۋاب بەرسۇن.
دەۋاگارىم ئۈستۈمدىن بىر ئەرز خېتى يازسۇن.
‏36 شەكسىز، مەن ئۇنى ئۆز مۈرەمدە كۆتۈرەتتىم،
بېشىمغا تاج قىلىپ كىيىۋالاتتىم.
‏37 مەن ھەممە قەدەملىرىمدىن ئۇنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرەتتىم،
بىر ئەمىردەك ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا باراتتىم.
‏38 ئەگەر ئۆز ئېتىزلىقىم ماڭا قارشى پەرياد قىلغان بولسا،
چۆنەكلىرى ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يىغلاشقان بولسا،
‏39 ئەگەر مەن ھەق تۆلىمەي ئۇنىڭ ھوسۇلىنى يەپ كەتكەن بولسام،
ئۇنىڭدا ئىشلەيدىغان دېھقانلارنىڭ جېنىنى قىينىغان بولسام،
‏40 ئۇنداقتا بۇغداينىڭ ئورنىدا تىكەن ئۈنسۇن،
ئارپىنىڭ ئورنىدا ئوت-چۆپ ئۆسسۇن».
 
شۇنىڭ بىلەن ئەييۇب سۆزلىرىنى تاماملىدى.