ئەييۇبنىڭ تارتىۋاتقان ئازابى توغرىسىدا سۆزلىشى
30
1 مانا، ئەمدى مەندىن كىچىكلەر، مەن ئاتىلىرىنى پادامنىڭ ئىتلىرى قاتارىدا كۆرمىگەن كىشىلەر
مېنى مەسخىرە قىلىدۇ.
2 ماغدۇرى كەتكەن ئادەملەرنىڭ قوللىرى
ماڭا نېمە پايدا يەتكۈزەلەيتتى؟
3 ئۇلار موھتاجلىق ۋە ئاچارچىلىقتىن ئورۇقلاپ كەتكەنىدى،
ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ چۆللەشكەن قۇرۇق يەرنى غاجايتتى.
4 ئۇلار تۇزلۇق ئوت-چۆپلەرنى تىكەنلەر ئارىسىدىن تېرىپ،
شۇمبۇيىنىڭ يىلتىزلىرىنى ئۆزىگە ئوزۇق قىلاتتى.
5 خەلق ئۇلارنى ئۆز ئارىسىدىن قوغلاپ،
ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئوغرىغا ۋارقىرىغاندەك ۋارقىرايتتى.
6 ئۇلار جىلغىلارنىڭ قىيالىقلىرىدا،
تاش-تۇپراق غارلاردا ياشاشقا مەجبۇر بولاتتى.
7 ئۇلار چاتقاللىق ئارىسىدا چىرقىرىشىپ،
تىكەنلىك تۈۋىدە توپلىشىپ ئولتۇراتتى.
8 ئۇلار ئەخمەقلەر ۋە پەسكەشلەرنىڭ بالىلىرى بولغاچقا،
زېمىندىن قوغلىنىپ چىقىرىلغانىدى.
9 لېكىن ئەمدى مەن مۇنداقلارنىڭ ھەجۋىي ناخشىسى،
غەيۋىتىنىڭ ئوزۇقى بولۇپ قالدىم.
10 ئۇلار مەندىن نەپرەتلىنىپ، مەندىن نېرى قېچىپ،
يۈزۈمگە تۈكۈرۈشتىنمۇ يانمايدۇ.
11 چۈنكى خۇدا چېدىرىمنىڭ تانىلىرىنى ئۈزۈپ، مېنى يىقىتتى.
شۇڭا ئۇلار ئالدىمدا ھەددىدىن ئاشماقتا.
12 مانا، جېدەلخور ياشلار ئوڭ يېنىمغا يىغىلىپ،
پۇتلىرىمغا تېپىپ ئىتتىرىۋېتىدۇ.
ئۇلار ھالاكەتلىك يوللىرىدا
ماڭا قارشى قوزغىلىدۇ.
13 ئۇلار يولۇمنى بۇزماقتا.
ئۇلار ياردەمچىسىز تۇرۇپ، مېنى يىقىتىشقا تىرىشماقتا.
14 ئۇلار كەڭ بۆسۈكتىن كىرگەندەك بۆسۈپ كىرىپ،
خارابىلىكلەر ئارىسىدا ئۈستۈمگە دومىلايدۇ.
15 دەھشەتلەر مېنى بېسىۋالدى.
ئىززىتىم شامالدەك ئۇچۇپ كەتتى،
بەخت-سائادىتىم بۇلۇتتەك كېتىپ قالدى.
16 جېنىم ئىچىمدە ئېرىپ كەتتى،
دەرد-ئەلەملىك كۈنلەر مېنى تۇتۇۋالدى.
17 كېچىلىرى ئىچىمدە سۆڭەكلىرىم سانجىلىدۇ،
دەردلىرىم مېنى غاجاپ، ھېچ ئارام بەرمەيدۇ.
18 ئۇنىڭ زور كۈچى ئاستىدا تاشقى قىياپىتىم تونۇغۇسىز دەرىجىدە ئۆزگەردى،
ئۇ كۆينىكىمنىڭ ياقىسىدەك مېنى بوغۇۋالىدۇ.
19 ئۇ مېنى لايغا مىلىدى.
مەن توپا-چاڭ ۋە كۈلگە ئوخشاپ قالدىم.
20 مەن ساڭا پەرياد قىلسام، سەن ماڭا جاۋاب بەرمەيسەن.
ئورنۇمدىن تۇرسام، ماڭا قاراپلا تۇرىسەن.
21 سەن ئۆزگىرىپ مەن ئۈچۈن بىر زالىمغا ئايلاندىڭ،
كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن مېنى ئېزىۋەتتىڭ.
22 سەن مېنى كۆتۈرۈپ شامالغا مىندۈردۈڭ،
قارا بوراندا مېنى تۈگەشتۈردۈڭ.
23 بىلىمەن، سەن مېنى ئۆلۈمگە،
ھەممە جانلىقنىڭ توپلىنىدىغان ماكانىغا ئېلىپ بارىسەن.
24 ئۆلۈم ئالدىدىكى بىرىگە ئادەملەر قولىنى ئۇزاتمامدۇ؟
ئۇ ۋەيران بولغاندا، ئادەملەر پەرياد ئۇرۇپ يىغلىمامدۇ؟
25 مەن بولسام ئېغىر كۈندە قالغانلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ يىغلىمىدىممۇ؟
مىسكىنلەر ئۈچۈن جېنىم ئازابلانمىدىمۇ؟
26 مەن ياخشىلىقنى ئۈمىد قىلسام، يامانلىق كەلدى،
يورۇقلۇقنى ئارزۇ قىلسام، قاراڭغۇلۇق باستى.
27 ئىچىم قاينار، ئارام تاپماس.
ئازابلىق كۈنلەر ماڭا يۈزلەنمەكتە.
28 مەن قۇياش نۇرىنى كۆرمەي قارىلىق تۇتۇپ يۈرىمەن.
مەن جامائەت ئارىسىدا دەس تۇرۇپ پەرياد قىلىمەن.
29 مەن چىلبۆرىلەرنىڭ قېرىندىشى،
تۆگىقۇشلارنىڭ ئادىشى بولۇپ قالدىم.
30 تېرەم قارىيىپ سويۇلۇپ كەتتى،
سۆڭەكلىرىم قىزىقتىن كۆيۈپ كەتتى.
31 لىرامنى چالسام ھەسرەتنىڭ ئاۋازى چىقىدۇ،
نېيىمنىڭ ئاۋازى نالە ئاۋازىغا ئايلاندى.