ئەييۇبنىڭ ئۆتكەن ياخشى كۈنلىرىنى ئەسلىشى
29
1 ئەييۇب ھېكمەتلىك سۆزىنى يەنە داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: 2 «كاشكى مېنىڭ ئەھۋالىم ئىلگىرىكى ئايلاردىكىدەك بولسا ئىدى،
خۇدا مېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغان كۈنلەردىكىدەك بولسا ئىدى!
3 ئۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرىغى بېشىمنىڭ ئۈستىدە يېنىپ تۇراتتى،
مەن ئۇنىڭ نۇرىدىن يول تېپىپ قاراڭغۇلۇقتىن ئۆتۈپ كېتەتتىم.
4 كاشكى ياش ۋاقتىمدىكى كۈنلەردە بولسام ئىدى.
كاشكى خۇدانىڭ خۇش-رىزايى چېدىرىمنىڭ ئۈستىدە تۇرغان
كۈنلەردە بولسام ئىدى.
5 كاشكى مەن ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مەن بىلەن بىللە بولغان،
بالىلىرىم چۆرەمدە تۇرغان،
6 پۇتلىرىم قايماق بىلەن يۇيۇلغان،
قورام تاش مەن ئۈچۈن ياغقا تولغان دەريالارنى ئېقىتقان
كۈنلىرىمدە بولسام ئىدى.
7 شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا بارغان چېغىمدا،
مەيداندا ئورنۇم تەييارلانغاندا،
8 ياشلار مېنى كۆرۈپ ئەيمىنىپ يوشۇرۇنۇۋالاتتى،
قېرىلار بولسا ئورنىدىن تۇراتتى.
9 ئېسىلزادىلەر سۆھبەتنى توختىتىپ،
قوللىرى بىلەن ئېغىزلىرىنى ئېتىۋالاتتى.
10 ئەمىرلەرنىڭ ئاۋازىمۇ ئۆچۈپ، تىللىرى تاڭلىيىغا چاپلىشىپ قالاتتى.
11 مېنى ئاڭلىغان قۇلاق ماڭا بەخت تىلەيتتى،
مېنى كۆرگەن كۆز مېنى ماختايتتى.
12 چۈنكى مەن پەرياد قىلغان بىچارىلەرنى
ۋە پاناھسىز يېتىم-يېسىرلارنى قۇتقۇزۇپ تۇراتتىم.
13 سەكراتتىكى كىشىلەرنىڭ خەيرلىك دۇئاسى ماڭا يېتەتتى.
تۇل خوتۇنلارنىڭ كۆڭلىنى خۇشاللىققا تولدۇراتتىم.
14 مەن ھەققانىيلىقنى كىيىمدەك يېپىناتتىم،
ئادالەتنى تون ۋە سەللىدەك كىيەتتىم.
15 مەن كور ئۈچۈن كۆز،
ئاقساق ئۈچۈن پۇت بولاتتىم.
16 مەن يوقسۇللارغا ئاتا ئىدىم،
يات كىشىنىڭ دەۋاسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايتتىم.
17 رەزىل كىشىنىڭ ئېڭىكىنى چېقىپ،
چىشلىرىدىن ئولجىسىنى تارتىۋالاتتىم.
18 مەن: ‹كۈنلىرىم قۇمدەك كۆپ بولۇپ،
ئۆز ئۇۋامدا ئۆلىمەن» دەپ ئويلايتتىم.
19 يىلتىزىم سۇدا ئوچۇق تۇراتتى،
كېچىچە شاخلىرىمنىڭ ئۈستىگە شەبنەم چۈشەتتى.
20 شۆھرىتىم يېڭىلىنىپ تۇراتتى،
ئوقيايىم قولۇمدا خۇددى يېڭى بولغاندەك تۇراتتى.
21 ئادەملەر ماڭا قۇلاق سېلىپ، كۈتۈپ تۇراتتى.
مەن كۆرسەتمە بەرگىنىمدە ئۇلار شۈك تۇراتتى.
22 مەن سۆز قىلغاندىن كېيىن ھېچكىم سۆز قىلمايتتى.
سۆزلىرىم ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تامايتتى.
23 ئۇلار مېنى يامغۇرنى كۈتكەندەك كۈتەتتى.
باھار يامغۇرىغا ئېغىزلىرىنى ئاچقاندەك
سۆزلىرىمگە ئېغىزلىرىنى ئاچاتتى.
24 مەن ئۇلارغا كۈلۈمسىرەپ قارىغاندا، ئۇلار ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەيتتى.
ئۇلار چىرايىمنىڭ نۇرىنى قەدىرلەيتتى.
25 مەن ئۇلارغا يوليورۇق بەرگىنىمدە، تۆردە ئولتۇراتتىم.
مەن ئۆز قوشۇنىنىڭ ئارىسىدا تۇرغان بىر پادىشاھتەك،
ماتەم تۇتقانلارغا تەسەللى بەرگۈچىدەك ياشايتتىم.