ئەييۇبنىڭ ھېكمەت توغرىسىدا سۆزلىشى
28
1 «كۈمۈشنىڭ كانلىرى بار، ئالتۇننىڭ تاۋلىنىدىغان جايلىرى بار.
2 تۆمۈر يەر ئاستىدىن قېزىپ ئېلىنىدۇ،
مىس تاشتىن ئېرىتىپ چىقىرىلىدۇ.
3 ئىنسان قاراڭغۇلۇقنى يېڭىپ، ئەڭ چوڭقۇر جايلارغىچە چۈشۈپ،
ئۆلۈم سايىسىدا، زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا رۇدا ئىزدەيدۇ.
4 ئۇ ئىنسانلاردىن يىراق يەردە چوڭقۇر قۇدۇق كولايدۇ،
ئىنسان ئاياغ باسمىغان يەرلەردە، ئادەملەردىن يىراقتا
قۇدۇقنىڭ ئىچىدە ئارغامچىغا ئېسىلىپ بوشلۇقتا پۇلاڭلايدۇ.
5 يەردىن ئاش-نېنىمىز چىقىدۇ
لېكىن ئۇنىڭ تېگى خۇددى ئوتتىن تەتۈر ئۆرۈلگەندەك.
6 ئۇنىڭ تاشلىرىنىڭ ئارىسىدا كۆك ياقۇت تېپىلىدۇ،
ئۇنىڭدىن قۇمدەك ئالتۇنمۇ چىقىرىلىدۇ.
7 ئۇ يولنى بۈركۈتمۇ بىلمەيدۇ،
لاچىننىڭ كۆزىمۇ ئۇنى كۆرمەيدۇ.
8 ھەيۋەتلىك ياۋايى ھايۋانلار ئۇ يەردە مېڭىپ باقمىغان،
ھۆركىرەيدىغان شىر ئۇ يەردىن ئۆتۈپ باقمىغان.
9 ئىنسان بولسا قولنى قاتتىق قورام تاشقا سالىدۇ،
ئۇ تاغلارنى دۈم كۆمتۈرۈۋېتىدۇ.
10 ئۇ قورام تاشلارنى ئويۇپ، ئىچىدىن يول ئاچىدۇ،
ئۇنىڭ كۆزلىرى ھەرقانداق قىممەتلىك نەرسىنى كۆرىدۇ.
11 ئۇ يەر ئاستىدىكى ئېقىنلارنى توسايدۇ،
يوشۇرۇن نەرسىلەرنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ.
12 لېكىن ھېكمەت قەيەردە تېپىلار؟
ئەقىل-پاراسەتنىڭ ماكانى قەيەردىدۇر؟
13 ئىنسان ئۇنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدۇ.
ئۇ تىرىكلەرنىڭ دىيارىدا تېپىلمايدۇ.
14 چوڭقۇر سۇلار: ‹ئۇ مەندە يوقتۇر› دەيدۇ،
دېڭىز: ‹ئۇ مەندە تېپىلماس› دەيدۇ.
15 ئۇنى ساپ ئالتۇن بېرىپ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ،
كۈمۈش بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.
16 ئوفىرنىڭ ئالتۇنى، قىممەتلىك ھېقىق ياكى كۆك ياقۇتمۇ
ئۇنىڭ باھاسىغا تەڭ كەلمەيدۇ.
17 ئالتۇن ۋە خرۇستالنى ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ،
ئېسىل ئالتۇن قاچا-قۇچىلارنىمۇ ئۇنىڭغا تېگىشقىلى بولمايدۇ.
18 يېنىدا ئۈنچە-مارجان تىلغا ئېلىنماس.
ھېكمەتكە ئېرىشىش، قىزىل ياقۇتقا ئېرىشكەندىن ئەۋزەلدۇر.
19 كۇشنىڭ سېرىق ياقۇتى ئۇنىڭغا يەتمەس،
ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن ھېسابلىغىلى بولمايدۇ.
20 ئۇنداق بولسا، ھېكمەت نەدىن كېلىدۇ،
ئەقىل-پاراسەتنىڭ ماكانى نەدە بولىدۇ؟
21 ئۇ تىرىكلەرنىڭ كۆزلىرىدىن يوشۇرۇلغان،
ھەتتا ئاسماندىكى قۇشلارغىمۇ يوشۇرۇندۇر.
22 ھالاكەت ۋە ئۆلۈم مۇنداق دەيدۇ:
‹ئۇ توغرىسىدا پەقەتلا مىش-مىش خەۋەرلەر
قۇلىقىمىزغا يەتتى›.
23 خۇدا ئۆزى ئۇنىڭ يولىنى چۈشىنىدۇ،
ئۇنىڭ جايىنى پەقەتلا ئۇ بىلىدۇ.
24 چۈنكى ئۇ يەرنىڭ چەتلىرىگىچە نەزەر سالىدۇ،
پۈتۈن ئاسماننىڭ ئاستىدىكىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.
25 ئۇ شامالنىڭ كۈچىنى بېكىتتى،
سۇلارنى ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىدى.
26 ئۇ يامغۇر ئۈچۈن نىزام ئورناتقاندا،
گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقى ئۈچۈن يول بېكىتكەندە،
27 ئۇ ھېكمەتكە نەزەر سېلىپ، ئۇنى بايان قىلدى.
ئۇ ئۇنى تىكلەپ مۇقىملىدى
ۋە ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچەپ چىقتى.
28 ئەمما ئۇ ئادەم بالىسىغا مۇنداق دېدى:
‹مانا، ئىگىمىزدىن قورقۇش ھېكمەتتۇر،
يامانلىقتىن قېچىش ئەقىل-پاراسەتتۇر›».