ئەييۇبنىڭ يامان كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا سۆزلىشى
27
1 ئەييۇب ھېكمەتلىك سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: 2 «ھەققىمنى تارتىۋالغان خۇدانىڭ نامى بىلەن،
جېنىمنى ئاغرىتقان ھەممىگە قادىر ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن
قەسەم قىلىمەنكى،
3 نەپىسىم ئىچىمدە بولسىلا،
خۇدانىڭ بەرگەن روھى دىمىغىمدا تۇرسىلا،
4 مېنىڭ لەۋلىرىم ناتوغرا سۆزلىمەيدۇ،
تىلىمدىن مەككار سۆزمۇ چىقمايدۇ.
5 مەن سىلەرنى ھەرگىز ھەقلىق دەپ قارىمايمەن،
ئۆلگۈچە دۇرۇسلۇقۇمدىن ۋاز كەچمەيمەن.
6 مەن ئادىللىقىمدا چىڭ تۇرىمەن، ئۇنى تاشلىمايمەن.
كۆڭلۈممۇ ئۆتكەن كۈنلىرىمنىڭ ھېچبىرى ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەيدۇ.
7 دۈشمىنىم يامان دەپ ھېسابلانسۇن،
ماڭا قارشى چىققان كىشى رەزىل دەپ سانالسۇن.
8 بۇزۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغاندا،
جېنىنى خۇدا ئالغاندا،
ئۇنىڭ يەنە نېمە ئۈمىدى قالار؟
9 ئۇنىڭ بېشىغا بالا-قازا كەلگەندە
خۇدا ئۇنىڭ پەريادىنى ئاڭلامدۇ؟
10 مۇنداق كىشى ھەممىگە قادىر خۇدادىن ھۇزۇرلىنالامدۇ،
ھەر دائىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلالامدۇ؟
11 مەن خۇدانىڭ قولىنىڭ ئىشلىرىنى سىلەرگە ئۆگىتىمەن،
ھەممىگە قادىر خۇدادا بارىنى سىلەردىن يوشۇرمايمەن.
12 لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلار بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ،
نېمىشقا يەنە بىكار گەپ قىلىۋېرىسىلەر؟
13 يامان ئادەمنىڭ خۇدا تەرىپىدىن بەكىتكەن نېسىۋىسى،
زالىملارنىڭ ھەممىگە قادىر خۇدادىن ئالىدىغان مىراسى مۇنداق:
14 ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى كۆپەيسە، ئۇلارنى قىلىچ كۈتىدۇ.
ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەتكۈدەك نان تاپالمايدۇ،
15 ئۇ ھالاك بولغاندىن كېيىن قالغانلىرى ۋابادىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئۇلارنىڭ تۇل خوتۇنلىرى ماتەم تۇتمايدۇ.
16 ئەگەر ئۇ قۇم-توپىدەك كۈمۈش دۆۋىلىسىمۇ، لايدەك كۆپ كىيىم يىغسىمۇ،
17 يىغقىنىنى ھەققانىي كىشى كىيىدۇ،
كۈمۈشلەرنى بىگۇناھ كىشى تەقسىم قىلىدۇ.
18 ئۇ ئۆيىنى كۈيىنىڭ غوزىسىدەك،
خۇددى كۆزەتچىنىڭ كەپىسىدەك ياسايدۇ.
19 ئۇ باي بولۇپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن ياتىدۇ، ئەمما ئۇ يەنە بايلىق يىغالمايدۇ،
ئۇ كۆزلىرىنى ئاچقاندا،
ھېچنېمە قالمىغان بولىدۇ.
20 دەھشەت ئۇنى سۇ ئېقىنلىرىدەك بېسىپ كېتىدۇ،
كېچىدە بوران ئۇنى تۇتۇپ ئېلىپ كېتىدۇ.
21 شەرق شامىلى ئۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېتىدۇ،
ئۇنى ئۇچۇرۇپ ئۆز جايىدىن چىقىرىپ يىراققا تاشلايدۇ.
22 چۈنكى ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىدۇ.
ئۇ ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشسىمۇ، ئۇ ئۇنى ئاياپ قويمايدۇ. ■
23 خەلق ئۇنىڭغا قاراپ چاۋاك چالىدۇ،
ئۇنى تۇرغان جايىدىن ئىسقىرتىپ سۈرەن سېلىپ قوغلىۋېتىدۇ».