ئەييۇبنىڭ بىلدادقا بەرگەن ئۈچىنچى جاۋابى
26
‏1 ئاندىن ئەييۇب جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
 
‏2 «سەن ئاجىز كىشىگە شۇنچە ياردەم بېرىپ،
قولىنىڭ كۈچى يوق ئادەمنى شۇنچە قۇۋۋەتلەپ،
‏3 نادان كىشىگە شۇنچە نەسىھەت بېرىپ،
كاتتا دانالىق كۆرسەتتىڭ ئەمەسمۇ؟
‏4 سەن كىمگە بۇ سۆزلەرنى قىلدىڭ؟
سەندىن چىققىنى كىمنىڭ روھى؟
 
‏5 ئەرۋاھلار دەھشەتكە چۈشىدۇ،
سۇلاردا ۋە ئۇنىڭ تېگىدە ياشايدىغانلار تىترەپ تەۋرىنىپ كېتىدۇ.
‏6 ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆلۈكلەر دىيارى يالىڭاچتۇر،
ھالاكەت ھاڭى يېپىنچىسىزدۇر.
‏7 ئۇ شىمالدىكى ئاسمان گۈمبىزىنى بوشلۇقنىڭ ئۈستىگە يايغان،
يەرنى بوشلۇققا ئېسىپ قويغان.
‏8 ئۇ سۇلارنى قويۇق بۇلۇتلارغا يىغىپ قويسىمۇ،
بۇلۇتلار سۇنىڭ ئېغىرلىقىدىن يىرتىلمايدۇ.
‏9 ئۇ تەختىنىڭ يۈزىنى ياپىدۇ،
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلۇتلىرىنى يايىدۇ.
‏10 ئۇ يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق قوشۇلىدىغان جايدا
سۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇپۇق سىزىقى سىزدى.  
‏11 ئاسماننىڭ تۈۋرۈكلىرى ئۇنىڭ ئەيىبلىشىدىن
چۆچۈپ ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ.
‏12 ئۇ قۇدرىتى بىلەن دېڭىزنى تىنچلاندۇرىدۇ،
ئۆز ھېكمىتى بىلەن راھابنى ئېزىۋېتىدۇ.   
‏13 ئۇنىڭ روھى بىلەن ئاسمانلار روشەن قىلىنغان،
ئۇنىڭ قولى قاچقان يىلاننى سانجىيدۇ.
‏14 مانا، بۇ ئۇنىڭ يوللىرىنىڭ پەقەتلا بىر كىچىك قىسمىدۇر.
بىز ئۇ توغرىسىدا پەقەتلا بىر پىچىرلاش ئاڭلىيالىدۇق.
ئۇنىڭ قۇدرىتىنىڭ گۈلدۈرلىشىنى كىممۇ چۈشىنەلىسۇن».