بىلدادنىڭ ئۈچىنچى سۆزى
25
‏1 ئاندىن شۇئاھلىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى:
 
‏2 «سەلتەنەت ۋە ھەيۋەت خۇداغا مەنسۇپتۇر،
ئەرشتە ئامانلىقنى پەيدا قىلغۇچى ئۇ ئۆزىدۇر.
‏3 ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى سانىغىلى بولامدۇ؟
ئۇنىڭ نۇرى كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشمەيدۇ؟
‏4 شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئىنسان خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىي بولالامدۇ؟
ئايالدىن تۇغۇلغان بىرى پاك بولالامدۇ؟
‏5 ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەتتا ئايمۇ پارلاق ئەمەس،
يۇلتۇزلارمۇ پاك بولمىغان يەردە،
‏6 بىر قۇرت بولغان ئىنسان، بىر كۈيە بولغان ئادەم بالىسى
قانداقمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا پاك بولالىسۇن؟»