24
1 نېمىشقا ھەممىگە قادىر خۇدا جازا ۋاقتىنى بېكىتمىدى؟ نېمىشقا ئۇنى بىلگەنلەر ئۇنىڭ ئىنتىقام كۈنىنى كۆرمەيدۇ؟
2 مانا، رەزىللەر پاسىل تاشلىرىنى يۆتكەيدۇ،
ئۇلار ئۆزلىرى زورلۇق بىلەن تارتىۋالغان پادىلارنى ئوتلىتىدۇ.
3 ئۇلار يېتىملارنىڭ ئېشىكىنى ھەيدەپ ئېلىپ كېتىدۇ،
تۇل خوتۇننىڭ كالىسىنى كېپىللىككە ئېلىۋالىدۇ.
4 ئۇلار مىسكىنلەرنى يولدىن قوغلايدۇ.
زېمىندىكى ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئۆزلىرىنى يوشۇرىدۇ.
5 مانا، ئۇلار چۆل-باياۋاندىكى ياۋا ئېشەكلەردەك
تاڭ سەھەردە چىقىپ مېھنەت قىلىپ ئوزۇق ئىزدەيدۇ.
باياۋان ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن
يېمەكلىك تاپىدىغان جايىدۇر.
6 ئۇلار دالادىن ئوت-چۆپ ئورۇپ،
يامان كىشىنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدىن
ئاشقان-تاشقان ئۈزۈملىرىنى تېرىدۇ.
7 ئۇلار كېچىسى كىيىمسىز يالىڭاچ ياتىدۇ،
سوغۇقتا ئۇلارنىڭ يېپىنچىسى يوقتۇر.
8 ئۇلار تاغلارغا ياغقان يامغۇردىن ھۆل بولۇپ،
يوشۇرۇنغىلى جاي تاپالماي، قورام تاشقا يېپىشىۋالىدۇ.
9 رەزىللەر يېتىم بالىلارنى ئەمچەكتىن تارتىۋالىدۇ،
بىچارىلەرنىڭ بوۋاقلىرىنى كېپىللىككە ئالىدۇ.
10 مىسكىنلەر كىيىمسىز يالىڭاچ يۈرۈپ،
ئاچ قورساق بۇغداي باغلاملىرىنى توشۇيدۇ.
11 ئۇلار يامانلارنىڭ ھويلىلىرىدا ياغ تارتىدۇ،
ئۇسسۇزلۇقتىن ھالسىراپ تۇرۇپ شاراب كۆلچىكىدە ئۈزۈم دەسسەيدۇ.
12 شەھەردىن ئادەملەرنىڭ نالىسى ئاڭلىنىدۇ،
ئەجەللىك يارىلانغانلار پەرياد قىلىدۇ،
لېكىن خۇدا بۇ زۇلۇمنى توختاتمايدۇ.
13 يەنە نۇردىن نەپرەتلىنىدىغانلارمۇ بار.
ئۇلار نۇرنىڭ يوللىرىنى بىلمەيدۇ،
ئۇنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭمايدۇ.
14 قاتىل سەھەر قوپۇپ، كەمبەغەل-بىچارىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ،
كېچىسى ئوغرىدەك تىمىسقىلاپ يۈرىدۇ.
15 زىناخورنىڭ كۆزى ئاخشامنى كۈتىدۇ،
ئۇ ھېچكىم مېنى كۆرمىسۇن دەپ يۈزىنى يېپىۋالىدۇ.
16 مۇنداق كىشىلەر قاراڭغۇدا ئۆيلەرنى تېشىپ كىرىدۇ،
كۈندۈزى يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئۇلاار يورۇقلۇقنى بىلمەيدۇ.
17 ئۇلار زۇلمەت قاراڭغۇلۇققا ئادەتلەنگەچكە،
تاڭ سەھەر ئۇلارغا ئۆلۈم سايىسىدەك كۆرۈنىدۇ.
18 لېكىن شۇنداقلار سۇ يۈزىدىكى كۆپۈكلەردەك ئېقىپ كېتىدۇ،
ئۇلارنىڭ يەر-زېمىندىكى نېسىۋىسى لەنەتكە ئۇچرايدۇ.
ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بارىدىغان يولدا قايتا ماڭمايدۇ.
19 قۇرغاقچىلىق ۋە ئىسسىق قار سۇلىرىنى ئېلىپ كەتكەندەك،
ئۆلۈكلەر دىيارى گۇناھكارلارنى ئېلىپ كېتىدۇ.
20 ئانىسىنىڭ قورسىقى ئۇنى ئۇنتۇپ قالىدۇ،
ئۇ قۇرتلارغا تاتلىق يېمەكلىك بولىدۇ.
ئۇنى ھېچكىم ياد ئەتمەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن يامانلىق بىر دەرەختەك سۇنىدۇ.
21 بالىسى يوق تۇغماس ئايالغا زۇلۇم قىلغان،
تۇل خوتۇنغا ئىلتىپات كۆرسەتمىگەن كىشى شۇنداق بولىدۇ.
22 خۇدا ئۆز قۇدرىتى بىلەن زالىمنى تۇرغۇزىدۇ.
لېكىن ئۇ دەس تۇرسىمۇ، ھاياتىدىن خاتىرجەم بولالمايدۇ.
23 خۇدا ئۇنىڭغا تىنچ-ئامانلىق بەرگەندە ئۇ ئەندىشىسىز يۈرىدۇ.
لېكىن خۇدانىڭ كۆزلىرى ئۇلارنىڭ يوللىرىدىدۇر.
24 ئۇلار بىر مەزگىل ئېگىز كۆتۈرۈلىدۇ،
ئاندىن چۈشۈپ يوق بولىدۇ.
خۇددى باشقىلاردەك ئېلىپ كېتىلىدۇ،
باشاقلارنىڭ ئۇچلىرىدەك كېسىلىدۇ.
25 شۇنداق ئەمەسمۇ؟ قېنى، كىم مېنى يالغانچى دەپ ئەيىبلىيەلەيدۇ،
كىم سۆزلىرىمنى ئېتىبارسىز دېيەلەيدۇ؟».