ئەييۇبنىڭ ئەلىفازغا بەرگەن ئۈچىنچى جاۋابى
23
‏1 ئەييۇب جاۋابەن مۇنداق دېدى:
 
‏2 «بۈگۈنمۇ پەريادىم ئاچچىقتۇر،
مېنى باسقان قول ئاھلىرىمدىن ئېغىردۇر..
‏3 كاشكى ئۇنى نەدىن تاپالايدىغىنىمنى بىلسەم،
ئولتۇرغان جايىغا بارالىغان بولسام!
‏4 شۇندا دەۋايىمنى ئۇنىڭ ئالدىدا بايان قىلاتتىم،
ئاغزىمنى دەلىللەر بىلەن تولدۇراتتىم.
‏5 ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان جاۋابىنى بىلەلەيتتىم،
ماڭا نېمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشىنەتتىم.
‏6 ئۇ ئۇلۇغ قۇدرىتىنى ئىشلىتىپ، مەن بىلەن ئېيتىشامتى؟
ياق، ئۇ چوقۇم ماڭا قۇلاق سالاتتى.
‏7 ئۇ يەردە دۇرۇس بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشالايتتى،
مەن ئەبەدكىچە سوراقچىمدىن قۇتۇلاتتىم.   
 
‏8 ئەمما مەن شەرققە بارسام، ئۇ ئۇ يەردە يوق.
غەربكە ماڭسام، ئۇنى تاپالمايمەن.
‏9 ئۇ شىمالدا بىر ئىش قىلسا، مەن ئۇنى بايقىيالمايمەن،
ئۇ جەنۇبقا بۇرۇلسا، مەن ھەم ئۇنى كۆرەلمەيمەن.
‏10 ئەمما ئۇ ئۆزى مېنىڭ ماڭغان يولۇمنى بىلىدۇ.
ئۇ مېنى سىنىسا، ئالتۇندەك ئوتتۇرىغا چىقاتتىم
‏11 پۇتلىرىم ئۇنىڭ قەدەملىرىگە ئىزچىل ئەگەشتى.
مەن ئۇنىڭ يولىدىن ھېچ چەتنىمەي،
ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتتۇم.
‏12 مەن ئۇنىڭ لەۋلىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن چىقمىدىم،
ئاغزىنىڭ سۆزلىرىنى لازىم تائامىمدىن بەكرەك قەدىرلىدىم.
‏13 لېكىن ئۇ ئۆزگەرمەي چىڭ تۇرىدۇ. كىم ئۇنى توسالايدۇ؟
ئۇ كۆڭلىدە نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ.
‏14 ئۇ مەن ئۈچۈن بېكىتكەنلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ،
ئۇنىڭ يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئىشلىرى باردۇر.
‏15 شۇ سەۋەبتىن مەن ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەپ ئەيمىنىمەن.
بۇنى ئويلىسام، ئۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىمەن.
‏16 چۈنكى خۇدا كۆڭلۈمنى پاراكەندە قىلدى،
ھەممىگە قادىر خۇدا مېنى دەھشەتكە سالدى.
‏17 چۈنكى مەن قاراڭغۇلۇق ئالدىدا يوقالمىدىم،
يۈزۈمنى قاپلىغان زۇلمەتكە سۈكۈت قىلمىدىم.