ئەلىفازنىڭ ئۈچىنچى سۆزى
22
1 ئاندىن تېمانلىق ئەلىفاز يەنە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 2 «ئىنسان خۇداغا مەنپەئەت يەتكۈزەلەرمۇ؟
ئىنسان ئەقىللىق بولسىمۇ، ئۇنىڭغا پايدا كەلتۈرەلەرمۇ؟
3 سېنىڭ ھەققانىي بولغىنىڭدىن ھەممىگە قادىر خۇدا بىر پايدا ئالامدۇ؟
يوللىرىڭنى توغرا تۇتقىنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىر مەنپەئەت تېگەمدۇ؟
4 ئۇنىڭ ساڭا جازا بېرىشى ۋە سەن بىلەن دەۋالىشىشى
تەقۋادارلىقىڭ ئۈچۈنمۇ؟
5 سېنىڭ يامانلىقىڭ چوڭ ئەمەسمۇ،
گۇناھلىرىڭ ھېسابسىز ئەمەسمۇ؟
6 چۈنكى سەن قېرىنداشلىرىڭدىن سەۋەبسىز گۆرۈ ئالدىڭ،
نامراتلارنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋالدىڭ.
7 ھالسىزلانغانلارغا سۇ بەرمىدىڭ،
ئاچ قالغانلارغا نان بەرمىدىڭ.
8 كۈچلۈك كىشى يەرگە ئىگە بولدى،
ئابرويلۇق كىشى ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى.
9 سەن تۇل خوتۇنلىرى قۇرۇق قول قايتۇردۇڭ،
يېتىملارنىڭ بىلەكلىرىنى سۇندۇردۇڭ.
10 شۇنىڭ ئۈچۈن چۆرەڭدە تۇزاقلار ياتىدۇ،
تۇيۇقسىز كەلگەن ۋەھىمە سېنى ئەندىشىگە سالدى.
11 قاراڭغۇلۇق سېنى بېسىپ كۆرەلمەس قىلدى،
كەلكۈن سۇلىرى سېنى غەرق قىلدى.
12 خۇدانىڭ ماكانى ئەرشىئەلادا ئەمەسمۇ؟
يۇلتۇزلارنىڭ نەقەدەر ئېگىز ئىكەنلىكىگە قارا.
13 لېكىن سەن: ‹خۇدا نېمىنى بىلىدۇ؟
ئۇ زۇلمەت قاراڭغۇلۇقنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپ، ھۆكۈم قىلالامدۇ؟
14 قېلىن بۇلۇتلار ئۇنى توسۇۋالىدۇ.
شۇڭا ئۇ ئاسمان گۈمبىزى ئۈستىدە ئايلىنىپ يۈرگەندە
ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدۇ› دەيسەن.
15 سەن يامان ئادەملەر ماڭغان
كونا يولدا مېڭىۋېرەمسەن؟
16 ئۇلار ۋاقتى توشماي تۇرۇپلا ئېلىپ كېتىلگەن،
ئۇللىرى كەلكۈندە ئېقىپ كەتكەن،
17 ئۇلار خۇداغا: ‹بىزدىن نېرى تۇرغىن› دەيتتى،
‹ھەممىگە قادىر خۇدا بىزگە نېمە قىلالايتتى؟› دەپ خىيال قىلىپ يۈردى.
18 شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ياخشى نېمەتلەر بىلەن تولدۇرغانىدى.
ئەمما يامانلارنىڭ مەسلىھەتى مەندىن يىراق بولسۇن.
19 ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى كۆرۈپ خۇشال بولىدۇ.
گۇناھسىز كىشىلەر ئۇلارغا كۈلۈپ:
20 ‹دۈشمەنلىرىمىز ھالاك قىلىندى،
ئېشىپ قالغانلىرىنى ئوت يۇتۇۋالدى› دەيدۇ.
21 ئەمدى سەن ئۇنىڭ بىلەن ياراشساڭ،
ئامانلىقتا تۇرۇپ، ياخشىلىق تاپىسەن.
22 ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان تەلىمنى قوبۇل قىلغىن،
ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يۈرىكىڭدە ساقلىغىن.
23 ئەگەر سەن ھەممىگە قادىر خۇداغا قايتساڭ،
ئاۋۋالقى ھالىتىڭگە كېلىسەن.
ئەگەر يامانلىقنى ئۆز چېدىرىڭدىن چىقىرىۋەتسەڭ،
24 ئالتۇنۇڭنى توپىغا تاشلاپ،
ئوفىر ئالتۇنىنى جىلغىنىڭ تاشلىرىغا قوشۇۋەتسەڭ،
25 ھەممىگە قادىر خۇدا ئۆزى ساڭا ئالتۇن كانى بولىدۇ،
كۈمۈش خەزىنەڭ بولىدۇ.
26 ئۇ چاغدا ھەممىگە قادىر خۇدادىن سۆيۈنىسەن،
يۈزۈڭنى خۇداغا قاراپ كۆتۈرەلەيسەن.
27 سەن ئۇنىڭغا دۇئا قىلساڭ، ئۇ ساڭا قۇلاق سالىدۇ.
سەن بولساڭ بەرگەن ۋەدىلىرىڭگە ۋاپا قىلىسەن.
28 سەن نېمە قىلىشنى قارار قىلساڭ، ئۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ.
يوللىرىڭغا نۇر چۈشىدۇ.
29 ئىنسان تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەندە،
سەن: ‹قەددىڭنى رۇسلا› دەيسەن.
چۈنكى خۇدا كەمتەر كىشىنى قۇتقۇزىدۇ،
30 ئۇ ھەتتا گۇناھى بار كىشىنىمۇ قۇتقۇزىدۇ.
سېنىڭ قوللىرىڭنىڭ پاكلىكى بىلەن ئۇ قۇتقۇزۇلىدۇ».