ئەييۇبنىڭ زوفارغا بەرگەن ئىككىنچى جاۋابى
21
‏1 ئەييۇب جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
 
‏2 «مېنىڭ سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن تىڭشاڭلار.
بۇ سىلەرنىڭ ماڭا بېرىدىغان تەسەللىلىرىڭلار بولسۇن.
‏3 سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭلار، مەن سۆزلەي.
مەن سۆز قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن زاڭلىق قىلىڭلار.
‏4 مېنىڭ پەريادىم ئىنسانغىمۇ؟
تاقەتسىزلىكىمنىڭ سەۋەبى يوقمۇ؟
‏5 سىلەر ماڭا قاراپ چۆچۈڭلار،
قولۇڭلار بىلەن ئاغزىڭلارنى ئېتىڭلار.
‏6 مەن بۇنى ئويلىغىنىمدا، بىئارام بولىمەن،
دەھشەتتىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ كېتىدۇ.
 
‏7 نېمىشقا يامانلار ياشاۋېرىدۇ،
ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرۈپ كۈچلىنىپ كېتىدۇ؟
‏8 ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۇلار بىلەن بىللىدۇر،
نەۋرىلىرى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆسىدۇ.
‏9 ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بىخەتەر، ۋەھىمىدىن ئۇزاق.
خۇدانىڭ تايىقى ئۇلارغا تەگمەيدۇ.
‏10 ئۇلارنىڭ كالىلىرى جۈپلەشسە، بىكارغا كەتمەس.
ئۇلارنىڭ قالىلىرى ئوڭاي تۇغۇپ، موزاي تاشلىماس.
‏11 ئۇلار بالىلىرىنى بىر پادىدەك تالاغا قويۇپ بېرىدۇ.
بالىلىرى سەكرەپ ئوينايدۇ.
‏12 ئۇلار داپ ۋە لىرا چېلىپ، ناخشا ئېيتىدۇ،
نەينىڭ ئاۋازىدىن شادلىنىدۇ.   
‏13 ئۇلار كۈنلىرىنى بەختلىك ئۆتكۈزىدۇ،
ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا گۆرگە چۈشىدۇ.
‏14 ئۇلار خۇداغا: «بىزدىن يىراق تۇرغىن،
چۈنكى سېنىڭ يوللىرىڭنى بىلىشنى خالىمايمىز.
‏15 ھەممىگە قادىر خۇدا كىمكەن، بىز ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇدەك؟
ئەگەر ئۇنىڭغا دۇئا قىلساق، بىزگە نېمە پايدىسى بولىدۇ؟» دەيدۇ.
 
‏16 ئەمما، ئۇلارنىڭ بەختى ئۆز قولىدا ئەمەس.
يامانلارنىڭ مەسلىھەتى مەندىن يىراق بولسۇن.
‏17 يامانلارنىڭ چىرىغى قاچان ئۆچۈرۈلىدۇ؟
ئاپەت قاچان ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ؟
خۇدا قاچان غەزىپى بىلەن ئۇلارغا كۈلپەت يەتكۈزىدۇ؟
‏18 ئۇلار قاچان شامالنىڭ ئالدىدىكى ساماندەك،
بوران ئۇچۇرۇپ كېتىدىغان پاخالدەك بولىدۇ؟
‏19 ئۇنىڭ يامانلىقىنىڭ جازاسىنى خۇدا ئۇنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن ساقلار، دەيسىلەر.
خۇدا ئۇنىڭ ئۆزىگە جازا بەرسۇن، ئۇ ئۆزى بۇنى تېتىسۇن!
‏20 ئۆزىنىڭ ھالاكىتىنى ئۇ ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرسۇن،
ئۇ ئۆزى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غەزىپىدىن ئىچسۇن.
‏21 چۈنكى كىشى يىل-ئايلىرى تۈگەپ، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن،
ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن نېمە كارى بولسۇن؟
 
‏22 ئۇلۇغلارنىڭ ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم چىقىرىدىغان خۇداغا
ئەقىل ئۆگەتكۈدەك بىرى بارمۇ؟
‏23 مانا، بىرى تىنچ-ئامان ياشاپ،
مۇكەممەللىكىگە يەتكەندە راھەت ئۆلىدۇ.
‏24 ئۇنىڭ بېقىنلىرى ياغ بىلەن تولغان،
ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ يىلىكى قۇرۇپ كەتمىگەن.
‏25 ئەمما يەنە بىرى ھېچقانداق ياخشىلىق كۆرمەي،
دەرد-ئەلەمدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.
‏26 ئىككىلىسى ئوخشاش تەرىقىدە تۇپراقتا ياتىدۇ،
قۇرتلار ئۇلارنى قاپلايدۇ.
 
‏27 مانا، مەن ئوي-خىياللىرىڭلارنى،
ماڭا قارشى ئويلىغان يامان نىيەتلىرىڭلارنى بىلىمەن.
‏28 چۈنكى سىلەر: ‹ئېسىلزادىنىڭ ئۆيى قەيەردە قالدى؟
يامانلارنىڭ ئولتۇرغان چېدىرى قەيەردە؟› دەپ سورايسىلەر.
‏29 سىلەر يولۇچىلاردىن سورىمىدىڭلارمۇ؟
ئۇلارنىڭ بايانلىرىغا قۇلاق سالمىدىڭلارمۇ؟
‏30 ‹يامان ئادەم بالايىئاپەت كۈنىدە ساقلىنىپ قالىدۇ،
غەزەپ كۈنىدە قۇتقۇزۇلىدۇ› دېگەن گەپتىن خەۋىرىڭلار يوقمۇ؟
‏31 كىم مۇنداق كىشىنىڭ قىلمىشىنى ئۇنىڭ يۈزىگە سالىدۇ؟
كىم ئۇنىڭ ئىشلىرىچا يارىشا ئۇنىڭغا قايتۇرىدۇ؟
‏32 ئۇ گۆرگە ئېلىپ بېرىلىپ كۆمۈلىدۇ،
ئۇنىڭ قەبرىسىگە كۆزەتچى قويۇلىدۇ.
‏33 ۋادىنىڭ چالمىلىرى ئۇنىڭغا تاتلىق تېتىيدۇ.
ھەر ئىنسان ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىدۇ،
ئۇنىڭدىن ئاۋۋال كەتكەنلەر بولسا سان-ساناقسىزدۇر.
‏34 نېمىشقا ماڭا قۇرۇق گەپ بىلەن تەسەللى بېرىسىلەر؟
بەرگەن جاۋابلىرىڭلار ھەممىسى يالغان بولۇپ چىقتى».