زوفارنىڭ ئىككىنچى سۆزى
20
‏1 ئاندىن نائاماتلىق زوفار يەنە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
 
‏2 «ئىچىم قايناپ، ئويلىرىم مېنى جاۋاب بېرىشكە قىستاۋاتىدۇ.
‏3 ماڭا دەشنام بېرىپ، مېنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىدىم،
لېكىن روھىم مېنى دانالىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە قىستاۋاتىدۇ.
‏4 سەن بىلمەمسەنكى،
ئەزەلدىن بېرى، ئىنسان يەر يۈزىدە پەيدا بولغاندىن تارتىپ،
‏5 يامانلارنىڭ تەنتەنىسى قىسقىدۇر،
بۇزۇقلارنىڭ خۇشاللىقى بىر دەملىكتۇر.
‏6 ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئاسمانغا يەتسىمۇ،
ئۇنىڭ بېشى بۇلۇتلارغا تاقاشسىمۇ،
‏7 ئۇ خۇددى ئۆز پوقىدەك ئەبەدكىچە يوقىلىدۇ.
ئۇنى ئىلگىرى كۆرگەنلەر: ‹ئۇ نەدە؟› دەپ سورايدۇ.
‏8 ئۇ بىر چۈشتەك ئۇچۇپ كېتىپ، قايتا تېپىلمايدۇ.
كېچىدە چۈشتە كۆرگەن كۆرۈنۈشلەردەك غايىب بولىدۇ.
‏9 ئۇنى كۆرگەن كۆز ئۇنى تەكرار كۆرمەيدۇ،
ئۇنىڭ تۇرغان جايى ئۇنى قايتا تونۇمايدۇ.
‏10 ئۇنىڭ بالىلىرى قەمبەغەللەرنىڭ ئىلتىپاتىنى ئىزدەيدىغان بولىدۇ.
ئۇ تاپقان پايدىسىنى ئۆز قوللىرى بىلەن قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
‏11 ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرى ياشلىقنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىگە تولغان بولسىمۇ،
ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇپراقتا ياتىدۇ.
‏12 يامانلىق ئۇنىڭ ئاغزىدا تاتلىق بولسىمۇ،
ئۇ ئۇنى تىلىنىڭ ئاستىغا يوشۇرسىمۇ،
‏13 ئۇ ئۇنى ياندۇرغۇسى كەلمەي، ئۇنى ساقلاپ،
ئاغزىنىڭ ئىچىدە تۇتۇپ تۇرسىمۇ،
‏14 ئۇنىڭ غىزاسى قورسىقىدا ئۆزگىرىپ،
ئۇنىڭ ئىچىدە يىلاننىڭ زەھىرىگە ئايلىنىدۇ.
 
‏15 ئۇ بايلىق-دۆلەتنى يۇتۇۋەتسىمۇ، ئۇنى يەنە قۇسۇۋېتىدۇ.
خۇدا ئۇنى ئۇنىڭ قورسىقىدىن چىقىرىۋېتىدۇ.
‏16 ئۇنداق كىشى يىلاننىڭ زەھىرىنى شورايدۇ،
يىلاننىڭ نەشتىرى ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ.
‏17 ئۇ ئاۋات دەريا-ئېقىنلارنى كۆرەلمەيدۇ،
بال ۋە قايماق ئاقىدىغان دەريالاردىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ.
‏18 ئۇ ئىشلەپ تاپقىنىنى يۇتالمەي قايتۇرىدۇ،
يىغقان بايلىقىدىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ.
‏19 چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرگە زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنى تاشلىۋەتكەن.
ئۇ ئۆزى سالمىغان ئۆيلەرنى مەجبۇرىي تارتىۋالغان.
‏20 ئۇنىڭ قارنى ھېچ تويمايدۇ،
ئۇ ئەتىۋارلىغان نەرسىلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.
‏21 ئۇ ھەممە نەرسىنى يۇتۇۋېلىپ ھېچنېمىنى قالدۇرمايدۇ.
شۇڭا ئۇنىڭ باياشاتلىقى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.
‏22 ئۇ توق ۋە باياشات تۇرمۇش ئىچىدە پاراكەندىچىلىككە ئۇچرايدۇ.
ھەر ئېزىلگۈچىنىڭ قولى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.   
‏23 ئۇ قورسىقىنى تويدۇرۇۋاتقاندا،
خۇدا ئۇنىڭ ئۈستىگە غەزەپ ئوتىنى چۈشۈرىدۇ،
ئۆز قەھرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرىدۇ.
‏24 ئۇ تۆمۈر قورالدىن قېچىپ قۇتۇلسىمۇ،
يانىڭ مىس ئوقى ئۇنى تېشىپ ئۆتىدۇ.
‏25 ئۇ ئۆزى ئوقنى بەدىنىدىن سۇغۇرۇپ،
ئۇچى پارقىرايدىغان ئوقنى ئۆز ئۆتىدىن چىقىرىۋالغاندا،
ئۇنى ئۆلۈم دەھشىتى باسىدۇ.
‏26 زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ خەزىنىلىرىنى پايلاپ ياتىدۇ.
ئادەم پۈۋلىمىگەن بىر ئوت ئۇنى كۆيدۈرۈپ،
ئۇنىڭ چېدىرىدا قالغان نەرسىلىرىنى يۇتۇۋېتىدۇ.
‏27 ئاسمان ئۇنىڭ يامانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ،
يەر ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلىدۇ.
‏28 ئۇنىڭ مال-دۇنياسى يوقىلىدۇ،
خۇدانىڭ غەزىپى كەلگەن كۈندە كەلكۈن سۈيى ھەممىنى ئېقىتىپ كېتىدۇ.
‏29 بۇ خۇدا تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن يامان ئادەمنىڭ نېسىۋىسىدۇر،
بۇ خۇدا ئۇنىڭغا بېكىتكەن مىراستۇر».