ئەييۇبنىڭ بىلدادقا بەرگەن ئىككىنچى جاۋابى
19
1 ئەييۇب جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: 2 «سىلەر قاچانغىچە جېنىمنى قىيناپ،
سۆزلىرىڭلار بىلەن مېنى ئەزمەكچى؟
3 مانا، ئون قېتىم مېنى ئەيىبلىدىڭلار.
ماڭا قىلغان ھاقارىتىڭلاردىن ئۇيالمامسىلەر؟
4 ئەگەر راستتىنلا ئېزىقىپ گۇناھ قىلغان بولسام،
ئۆز گۇناھىم ئۆزۈمگە.
5 ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى چوڭ تۇتۇپ،
مېنىڭ ئەيىبىمنى كۆرسىتىپ بەرمەكچى بولساڭلار،
6 بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدا ئۆزى مېنى يىقىتتى،
مېنى ئۆز تورى بىلەن قورشىدى.
7 مانا، مەن ئادالەتسىزلىكتىن پەرياد قىلسام، جاۋاب كەلمەيدۇ.
ياردەم ئۈچۈن يالۋۇرىمەن، ئەمما ئادالەت يوق.
8 ئۇ مېنىڭ يولۇمنى ئۆتەلمىگۈدەك قىلىپ توسۇپ قويدى،
چىغىر يوللىرىمنى قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلىدى.
9 ئۇ ئىززىتىمنى مەندىن ئېلىپ،
بېشىمدىن تاجنى تارتىۋالدى.
10 ئۇ ماڭا ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدى، مەن تۈگەشتىم،
بىر دەرەخنى يۇلغاندەك ئۈمىدىمنى يۇلۇۋەتتى.
11 ئۇنىڭ غەزىپى ماڭا قوزغالدى،
ئۇ مېنى دۈشمىنى ھېسابلايدۇ.
12 ئۇنىڭ قوشۇنلىرى توپلىشىپ كېلىپ، ماڭا قارشى يولىنى راسلاپ،
چېدىرىمنىڭ چۆرىسىگە بارگاھ قۇردى.
13 ئۇ قېرىنداشلىرىمنى مەندىن نېرى قىلدى،
تونۇشلىرىم ماڭا يات بولۇپ كەتتى.
14 تۇغقانلىرىم مېنى تاشلاپ كەتتى،
دوستلىرىم مېنى ئۇنتۇپ قالدى.
15 ئۆيۈمدىكى مۇساپىرلار ۋە دېدەكلىرىم مېنى يات دەپ ھېسابلايدۇ.
مەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يات كىشى بولۇپ قالدىم.
16 خىزمەتكارىمنى چاقىرسام، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرمەيدۇ.
ئەمدى ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ يېلىنىمەن.
17 تىنىقىمدىن ئايالىمنىڭ كۆڭلى ئېلىشىدۇ،
مەندىن چىققان پۇراقتىن ئاكا-ئۇكىلىرىم يىرگىنىدۇ.
18 ھەتتا ئۇششاق بالىلارمۇ مېنى كەمسىتىدۇ،
ئورنۇمدىن تۇرسام، ئۇلار مېنى زاڭلىق قىلىدۇ.
19 ھەممە سىرداش دوستلىرىم مەندىن نەپرەتلىنىدۇ،
سۆيگەنلىرىم مەندىن يۈز ئۆرىدى.
20 ئەت-تېرىلىرىم ئۇستىخانلىرىمغا چاپلىشىپ كەتتى،
چىش مىلىكىملا قېلىپ، ئاران قۇتۇلدۇم.
21 ئەي دوستلىرىم، ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن،
ماڭا رەھىمدىل بولۇڭلار!
چۈنكى ماڭا خۇدانىڭ قولى تەگدى.
22 نېمىشقا سىلەر خۇدادەك مېنى قىستاپ،
مېنىڭ ئەتلىرىمدىن يەپ تويمايسىلەر؟
23 كاشكى مېنىڭ سۆزلىرىم يېزىلسا ئىدى،
كىتاپقا يېزىلغان بولسا ئىدى!
24 كاشكى بۇ سۆزلەر تۆمۈر قەلەم ۋە قوغۇشۇن بىلەن قورام تاشقا
مەڭگۈلۈك نەقىشلەنسە ئىدى!
25 ئەمما بىلىمەنكى، مېنىڭ قۇتۇلدۇرغۇچىم ھاياتتۇر،
ئۇ زامان ئاخىرىدا تۇپراق ئۈستىدە تۇرىدۇ. ■
26 تېرەم تىتىلىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ،
يەنىلا تېنىمدە تۇرۇپ خۇدانى كۆرىمەن.
27 مەن ئۆزۈم ئۇنى كۆرىمەن،
باشقىسى ئەمەس، ئۆز كۆزۈم ئۇنى كۆرىدۇ.
بۇنى زارىقىپ كۈتىمەن. ■
28 ئەگەر سىلەر ‹بۇ بالا-قازالارنىڭ سەۋەبىنى ئۇنىڭدا تېپىش ئۈچۈن
ئۇنى قانداق قىلىپ قىستاققا ئالساق بولار؟› دېسەڭلار،
29 ئۆزۈڭلار قىلىچتىن قورقۇڭلار.
چۈنكى غەزەپ قىلىچ جازاسىنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار». ■