بىلدادنىڭ ئىككىنچى سۆزى
18
‏1 شۇئاھلىق بىلداد يەنە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
 
‏2 «قاچانغىچە مۇنداق گەپلەرنى قىلىشتىن توختىمايسىلەر؟
ياخشى ئويلىشىپ، ئاندىن كېيىن سۆزلىشەيلى.
‏3 نېمىشقا بىز ھايۋان ھېسابلىنىمىز،
نېمىشقا سېنىڭ نەزىرىڭدە ئەخمەقتۇرمىز؟
‏4 ئەي غەزىپىڭدە ئۆز جېنىڭنى يىرتقۇچى،
سەن ئۈچۈن يەر-زېمىن تاشلىۋېتىلسۇنمۇ؟
قورام تاش ئۆز جايىدىن يۆتكىلىپ كەتسۇنمۇ؟
 
‏5 شەك-شۈبھىسىز يامان ئادەمنىڭ نۇرى ئۆچۈرۈلىدۇ،
ئۇنىڭ ئوتىنىڭ يالقۇنى يورۇماي قالىدۇ.
‏6 ئۇنىڭ چېدىرىدىكى نۇر قاراڭغۇلىشىدۇ،
ئۇنىڭ ئۈستىدىكى چىرىغى ئۆچۈرۈلىدۇ.
‏7 ئۇنىڭ مەزمۇت قەدەملىرى قىسقارتىلىدۇ،
ئۆزىنىڭ نەسىھەتلىرى ئۆزىنى يىقىتىدۇ.
‏8 چۈنكى ئۆز پۇتلىرى ئۇنى تورغا تارتىپ چۈشۈرىدۇ.
ئۇ قاپقانغا دەسسەيدۇ.
‏9 قىلتاق ئۇنى تاپىنىدىن ئىلىۋالىدۇ،
تۇزاق ئۇنى تۇتۇۋالىدۇ.
‏10 ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن يەرگە ئارغامچا يوشۇرۇپ قويۇلغان،
ئۇنىڭ يولىغا قارماق سېلىنغان.
‏11 دەھشەتلىك نەرسىلەر ھەر تەرەپتىن ئۇنى قورقۇتۇپ،
ئۇ قەيەرگە ماڭسۇن، ئۇنى قوغلاپ تۇرىدۇ.
‏12 ئۇنىڭ كۈچى ئاچلىقتىن تۈگەپ كېتىدۇ،
ئۇ ھالاكەت گىردابىدا تۇرىدۇ.
‏13 ئۇنىڭ تېرىسى سېسىپ كېتىدۇ،
ئەجەللىك ۋابا ئۇنىڭ ئەزالىرىنى يەپ كېتىدۇ.
‏14 ئۇ تىنچ-ئامان ئولتۇرغان چېدىرىدىن يۇلۇپ چىقىرىلىپ،
دەھشەتلىك پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلىدۇ.
‏15 ياتلار ئۇنىڭ چېدىرىدا ئولتۇرىدۇ،
ئۇنىڭ ماكانىغا گۈڭگۈرت ياغدۇرۇلىدۇ.
‏16 ئۇنىڭ يىلتىزلىرى تېگىدىن قۇرۇيدۇ،
ئۈستىدىكى شاخلىرى كېسىلىدۇ.
‏17 يەر يۈزىدە ئۇنى ھېچكىم ئەسلىمەس،
مەيدانلاردا ئۇنىڭ نام-نىشانى قالماس.
‏18 ئۇ يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا ھەيدىلىدۇ،
بۇ دۇنيادىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ.
‏19 ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ ئوغلىمۇ، نەۋرىسىمۇ بولماس،
ئۆزى تۇرغان يەردە ئۇنىڭ ھېچكىمى قالماس.
‏20 شەرقتىكىلەر ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈننى كۆرۈپ ھەيران قالار،
غەربتىكىلەر دەھشەتكە چۈشەر.
‏21 شەكسىز، يامان كىشىنىڭ ئۆيلىرى شۇنداق بولىدۇ،
خۇدانى تونۇمىغان كىشىنىڭ جايى شۇنداق بولىدۇ».