17
1 روھىم سۇنۇق، كۈنلىرىم تۈگەش ئالدىدا،
گۆر مېنى كۈتمەكتە.
2 زاڭلىق قىلغۇچىلار مېنىڭ ئەتراپىمدا ئەمەسمۇ؟
كۆزۈم ئۇلارنىڭ قۇترىتىشلىرىغا تىكىلىپ تۇرىدۇ.
3 ئەمدى سەن ئۆزۈڭگە قارشى ماڭا كېپىل بولغىن.
سەندىن باشقا مېنى قوللايدىغان كىم بار؟
4 سەن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئەقىلسىز قىلغاچقا،
ئۇلارنى يۈكسەلدۈرمەيسەن.
5 كىمكى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆز دوستلىرىغا خائىنلىق قىلسا،
ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ كۆز نۇرى ئۆچەر.
6 ئۇ مېنى كىشىلەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەككە قويدى.
مەن يۈزىگە تۈكۈرۈلىدىغان ئادەم بولۇپ قالدىم.
7 كۆزۈم غەمدىن تورلىشىپ غۇۋالاشتى،
ھەممە ئەزالىرىم بىر كۆلەڭگىگە ئوخشاپ كەتتى.
8 دۇرۇس كىشىلەر بۇ ئىشقا ھەيران بولىدۇ.
بىگۇناھ ئادەم بۇزۇق ئادەمگە قارشى تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟
9 لېكىن ھەققانىي كىشى ئۆز يولىنى چىڭ تۇتىدۇ،
قولى پاك كىشى بارا-بارا كۈچىيىدۇ.
10 ئەمدى قېنى، ھەممىڭلار تەكرار كېلىڭلار.
ھالبۇكى ئاراڭلاردىن بىرمۇ دانىشمەن تاپالمايمەن.
11 مېنىڭ كۈنلىرىم ئۆتۈپ بولدى،
نىيەت-مەقسەتلىرىم ۋە كۆڭلۈمنىڭ ئۈمىدلىرى ئۈزۈلدى.
12 بۇ ئادەملەر كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرىدۇ،
قاراڭغۇلۇق باسقاندا:
‹يورۇقلۇق يېقىنلىشىۋاتىدۇ› دېيىشىدۇ.
13 ئەگەر كۈتسەم، ئۆلۈكلەر دىيارى مېنىڭ ئۆيۈم بولىدۇ.
مەن قاراڭغۇلۇقتا كۆرپەمنى سالىمەن.
14 مەن گۆرنى ‹ئاتام› دەيمەن،
قۇرتلارنى: ‹ئانام، سىڭلىم› دەپ چاقىرىمەن.
15 ئەمدى مېنىڭ ئۈمىدىم قېنى؟
ئۈمىدىمنى كىم كۆرەلەيدۇ؟
16 ئۈمىدىم ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ پەنجىرىلىرى ئىچىگە چۈشكەندە،
بىز بىرگە تۇپراقتا ئارام تاپىمىز».