ئەييۇبنىڭ ئەلىفازغا بەرگەن ئىككىنچى جاۋابى
16
1 ئەييۇب جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: 2 «مۇنداق گەپلەرنى مەن كۆپ ئاڭلىدىم.
سىلەر ھەممىڭلار قۇرۇق تەسەللى بەرگۈچىلەر ئىكەنسىلەر.
3 قۇرۇق گەپلىرىڭلارنىڭ چېكى يوقمۇ؟
بۇنداق جاۋاب بېرىشكە سىلەرنى نېمە قۇتراتتى؟
4 ئەگەر سىلەرنىڭ جېنىڭلار مېنىڭ جېنىمنىڭ ئورنىدا بولسا،
مەنمۇ سىلەردەك سۆز قىلالايتتىم.
مەنمۇ سىلەرگە قارشى ئاشۇرۇپ سۆزلەپ،
بېشىمنى چايقىيالايتتىم.
5 لېكىن مەن ئاغزىم بىلەن سىلەرنى رىغبەتلەندۈرەتتىم،
لەۋلىرىمنىڭ مىدىرلىشى بىلەن سىلەرگە تەسەللى بېرەتتىم.
6 ئەمدى سۆز قىلسام، دەردىم تۈگىمەيدۇ.
شۈك تۇرساممۇ، ئازابتىن قۇتۇلمايمەن.
7 بىراق ئۇ مېنى ھاردۇردى:
سەن پۈتۈن ئائىلەمنى ۋەيران قىلىۋەتتىڭ. ■
8 سەن مېنى سىقىپ تۈگەشتۈردۈڭ.
بۇ ھالىتىم ماڭا قارشى گۇۋاھلىق قىلىدۇ.
ئورۇق تېنىم ماڭا قارشى چىقىپ
مېنى ئوچۇق ئەيىبلەۋاتىدۇ.
9 ئۇنىڭ غەزىپى مېنى تىتما-تىتما قىلىپ، ماڭا زۇلۇم يەتكۈزدى.
ئۇ ماڭا چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى.
دۈشمىنىمنىڭ كۆزلىرى غەزەپ بىلەن ماڭا تىكىلدى.
10 ئادەملەر مېنىڭ ھەققىمدە ئېغىزلىرىنى ئاچتى،
مازاق قىلىپ كاچىتىمغا ئۇردى.
ھەممىسى بىرلىشىپ ماڭا قارشى سەپ تۈزدى.
11 خۇدا مېنى زالىملارغا تاپشۇرۇپ بەردى،
يامانلارنىڭ قولىغا تاشلىۋەتتى.
12 مەن خاتىرجەم ياشايتتىم، لېكىن ئۇ مېنى چۆچۈتتى.
ئۇ مېنى بوينۇمدىن تۇتۇپ يىقىتىپ،
مېنى پارە-پارە قىلىۋەتتى.
ئۇ مېنى ئۆزىگە زەربە نىشانى قىلدى.
13 ئۇنىڭ ئوقياچىلىرى مېنى قورشىۋالدى.
ئۇ مېنى ئايىماي بۆرەكلىرىمنى يىرتىپ، ئۆتۈمنى يەرگە تۆكۈۋەتتى.
14 ئۇ يارا ئۈستىگە يارا ئېچىپ مېنى يارىدار قىلدى،
ئۇ بىر پالۋان كەبى ماڭا ھۇجۇم قىلدى.
15 مەن تېرەمنىڭ ئۈستىگە بۆز رەخت تىكىپ قويدۇم،
مۈڭگۈزۈمنى تۇپراققا كۆمۈپ قويدۇم. ■
16 يىغلاشتىن يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى،
كۆز قاپاقلىرىمنى ئۆلۈم سايىسى باستى،
17 گەرچە قوللىرىمدا زۇلۇم تېپىلمىغان بولسىمۇ،
دۇئايىم پاك بولغان بولسىمۇ.
18 ئەي يەر، مېنىڭ قېنىمنى ياپمىغىن!
پەريادىمغا ھېچ ئارامگاھ تېپىلمىسۇن.
19 بىراق مانا، ئاسماندا ھازىرمۇ ماڭا شاھىت بولغۇچى بار.
ئەرشتە مېنى قوغدىغۇچى بار.
20 دوستلىرىم مېنى مازاق قىلماقتا،
ئەمما مېنىڭ كۆزۈم خۇداغا قاراپ ياش تۆكمەكتە.
21 ئادەم ئۆز دوستىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغاندەك،
خۇدا ئالدىدا ئادەمنى ئاقلىغۇچى تېپىلسا ئىدى.
22 چۈنكى پەكەتلا بىر نەچچە يىلدىن كېيىن،
مەن بارسا كەلمەس يولغا كېتىمەن.