ئەلىفازنىڭ ئىككىنچى سۆزى
15
1 ئاندىن تېمانلىق ئەلىفاز يەنە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 2 «دانا ئادەم قۇرۇق گەپ بىلەن جاۋاب بەرسە بولامدۇ؟
ئۇ قورسىقىنى شەرق شامىلى بىلەن تولدۇرسا بولامدۇ؟
3 ئۇ پايدىسىز گەپ ۋە بىھۇدە سۆز بىلەن
مۇنازىرە قىلسا بولامدۇ؟
4 بەرھەق، سەن تەقۋادارلىقنى تاشلىۋېتىسەن،
خۇدانىڭ ئالدىدىكى دۇئا-تىلاۋەتنى مەنسىتمەيسەن.
5 چۈنكى يامانلىقىڭ ئاغزىڭنى كۈشكۈرتىۋاتىدۇ.
سەن مەككارلارنىڭ تىلىنى تاللىدىڭ.
6 مەن ئەمەس، ئۆز ئاغزىڭ سېنى ئەيىبلەۋاتىدۇ،
ئۆز لەۋلىرىڭ ساڭا قارشى گۇۋاھلىق بېرىۋاتىدۇ.
7 تۇنجى تۇغۇلغان ئادەم سەنمۇ؟
تاغلاردىن ئىلگىرى سەن پەيدا بولدۇڭمۇ؟
8 سەن خۇدانىڭ مەھپىي كېڭىشىدە قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىغانمۇ؟
دانالىق سەن بىلەنلا چەكلىنەمدۇ؟
9 سەن بىلىدىغان نېمىنى بىز بىلمەيمىز؟
سەن چۈشەنگەن نېمىنى بىز چۈشەنمەيمىز؟
10 بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاقساقاللار ۋە قېرىلار بار،
سېنىڭ ئاتاڭدىنمۇ يېشى چوڭ كىشىلەر بار.
11 خۇدانىڭ تەسەللىسى ۋە ساڭا مۇلايىملىق بىلەن ئېيتىلغان سۆز
ساڭا ئاز كۆرۈنۈۋاتامدۇ؟
12 كۆڭلۈڭ نېمىشقا سېنى بىر چەتكە تارتىپ كېتىدۇ؟
كۆزلىرىڭنى نېمىشقا پارقىرىتىسەن؟
13 نېمىشقا روھىڭنى خۇداغا قارشى قوزغاپ،
ئاغزىڭدىن بۇنداق سۆزلەرنى چىقىرىسەن؟
14 ئادەم نېمە ئىدى پاك بولالىغۇدەك؟
بىر ئايالدىن تۇغۇلغان بىرى نېمە ئىدى ھەققانىي بولالىغۇدەك؟
15 مانا، ئۇ ئۆز مۇقەددەسلىرىگە ئىشەنمەيدۇ،
ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاسمانلارمۇ پاك ئەمەس.
16 ئۇنداق بولسا، يىرگىنچلىك، بۇزۇلغان،
يامانلىقنى سۇدەك ئىچىدىغان ئىنسان قانداق پاك بولالايدۇ؟
17 مەن ساڭا كۆرسىتەي، ماڭا قۇلاق سال،
مەن ئۆزۈم كۆرگەن نەرسىنى بايان قىلاي.
18 دانالارنىڭ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئاڭلىغىنىنى،
ئۇلارنىڭ يوشۇرماي بايان قىلغىنىنى دەپ بېرەي.
19 زېمىن يالغۇزلا ئۇلارغا بەرىلگەنىدى،
ياتلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن تېخى ئۆتمىگەنىدى.
20 يامان ئادەم بولسا ھەممە كۈنلىرىدە ئازاب تارتىدۇ.
زالىم كىشىگە بېكىتىلگەن يىللار ساناقلىقتۇر.
21 ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا ۋەھىمىلىك ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.
ئۇ خاتىرجەم ياشاۋاتقاندا ۋەيران قىلغۇچى ئۇنىڭ ئۈستىگە بېسىپ كېلىدۇ.
22 قىلىچ ئۇنى كۈتۈپ تۇرغاچقا،
قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇشقا ئۇنىڭ ئىشەنچى يوق.
23 ئۇ نان ئىزدەپ: ‹نەدىن تېپىلار؟› دەپ تەمتىرەپ يۈرىدۇ.
ئۇ زۇلمەت كۈنىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىنىنى بىلىدۇ.
24 ئازاب-ئوقۇبەت ئۇنى قورقۇتۇپ،
ھۇجۇمغا تەييار پادىشاھ كەبى ئۇنىڭدىن غالىب كېلىدۇ.
25 چۈنكى ئۇ خۇداغا قارشى قولىنى كۆتۈردى،
ھەممىگە قادىر خۇداغا قارشى ئۆزىنى كۈچلەندۈردى.
26 ئۇ بوينىنى قاتتىق قىلىپ، قېلىن قالقانىنى كۆتۈرۈپ،
ئۇنىڭغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى.
27 يۈزىنى ياغ بىلەن قاپلىغان بولسىمۇ،
بېقىنلىرىغا ياغ يىغىۋالغان بولسىمۇ،
28 ئۇ خارابە شەھەرلەرگە ماكانلىشىدۇ،
ھېچ كىشى ئولتۇرمايدىغان،
غۇلاپ چۈشەي دەپ قالغان ئۆيلەردە ياشايدۇ.
29 ئۇ باي بولمايدۇ،
ئۇنىڭ بايلىقى باقىي قالمايدۇ،
ئۇنىڭ مال-مۈلكى يەر يۈزىدە يېيىلمايدۇ.
30 ئۇ قاراڭغۇلۇقتىن چىقالمايدۇ.
ئوت يالقۇنى ئۇنىڭ شاخلىرىنى قۇرۇتۇدۇ.
خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان نەپەس بىلەن ئۇ يوقىلىدۇ.
31 ئۇ ئۆزىنى ئالداپ بىھۇدىلىككە تايانمىسۇن،
چۈنكى بىھۇدىلىك ئۇنىڭ ئېرىشكىنى بولىدۇ.
32 ئۇنىڭ كۈنلىرى تېخى توشماستىن بۇ ئىشلار تاماملىنىدۇ،
ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكلىمەيدۇ.
33 ئۇ توڭ غورىلارنى تۆككەن ئۈزۈم تېلىغا،
چېچىكىنى تاشلىغان زەيتۇن دەرىخىگە ئوخشايدۇ.
34 چۈنكى بۇزۇق ئادەمنىڭ جەمەتى تۇغماس بولۇپ قالىدۇ،
ئوت پارىخورلارنىڭ چېدىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.
35 ئۇنداقلار ئاپەتتىن ھامىلىدار بولۇپ، يامانلىقنى تۇغدۇرىدۇ.
ئۇلار كۆڭلىدە ھىيلىگە تەييارلىنىدۇ».