14
1 ئايالدىن تۇغۇلغان ئادەم نەچچە كۈنلا ئۆمۈر كۆرىدۇ، ئۇلار غەم-ئەندىشە بىلەن تولغان بولىدۇ.
2 ئۇ چېچەكتەك چىقىپ ئېچىلىدۇ، ئاندىن سولىشىپ كېتىدۇ.
ئۇ سايىدەك ئۇچۇپ كېتىدۇ، ئۇزاق تۇرمايدۇ.
3 مۇشۇنداق بىر كىشىگە كۆزۈڭنى تىكەمسەن؟
مېنى ئالدىڭغا ئەكېلىپ سوراققا تارتامسەن؟
4 ناپاك نەرسىدىن پاك نەرسىنى كىم چىقىرالايدۇ؟
ھېچكىم!
5 ئەگەر ئىنساننىڭ كۈنلىرى تەقدىر قىلىنغان بولسا،
ئايلىرىنىڭ سانى سېنىڭ تەرىپىڭدىن تەيىنلەنگەن بولسا،
ئۆزۈڭ، ئۇلاردىن ئۆتمىسۇن دەپ، ئۇنىڭ چەكلىرىنى بېكىتكەن بولساڭ،
6 ئۇنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن كۆزۈڭنى ئۇنىڭدىن ئالغىن،
بىر مەدىكاردەك ئۆز كۈنىدىن سۆيۈنۈشىنى ئۇنىڭغا نېسىپ قىلغىن.
7 بىر دەرەخ كېسىلسىمۇ،
ئۇنىڭ يەنە كۆكلەپ، يېڭى نوتىلارنى چىقىرىشىدىن ئۈمىد بار.
8 ئۇنىڭ يىلتىزى يەردە كونىراپ كەتسىمۇ،
كۆتىكى يەردە ئۆلسىمۇ،
9 بىراق ئۇ سۇنىڭ نېمىنى سېزىشى بىلەنلا يەنە كۆكلەپ،
كۆچەتتەك بىخ چىقىرىدۇ.
10 ئەمما ئىنسان بولسا ئۆلۈپ كېتىپ زايە بولىدۇ.
ئۇ روھنى تاپشۇرسا، قەيەردىن تېپىلىدۇ؟
11 كۆلدىكى سۇلار پارلىنىپ تۈگىگەندەك،
دەريا كېمىيىپ قۇرۇپ كەتكەندەك،
12 ئادەم يېتىپ قالسا، قايتا قوپمايدۇ.
ئاسمانلار يوقالمىغۇچە ئۇلار ئويغانمايدۇ،
ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىلمايدۇ.
13 كاشكى سەن مېنى ئۆلۈكلەر دىيارىدە يوشۇرۇپ،
سېنىڭ غەزىپىڭ يانغۇچە مېنى پىنھاندا ساقلىساڭ ئىدىڭ.
كاشكى ماڭا بىر ۋاقىت بېكىتسەڭ،
ئاندىن مېنى يادىڭغا ئالساڭ ئىدىڭ.
14 ئادەم ئۆلسە، قايتىدىن تىرىلەمدۇ؟
شۇنداق بولسا، بارچە مۇشەققەتلىك كۈنلىرىمدە
قۇتۇلۇشۇمنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتاتتىم.
15 سەن مېنى چاقىرساڭ، ساڭا جاۋاب بېرەتتىم.
سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقىنىڭنى سېغىناتتىڭ.
16 سەن مېنىڭ قەدەملىرىمنى سانىساڭمۇ،
گۇناھلىرىمنى پايلاپ تۇرمايتتىڭ.
17 ئاسىيلىقىمنى خالتىغا سېلىپ مۆھۈرلەپ،
يامانلىقىمنى ياپقان بولاتتىڭ.
18 بىراق تاغ يىمىرىلىپ پارا-پارا بولۇپ كەتكەندەك،
قورام تاش ئۆز جايىدىن يۆتكەلگەندەك،
19 سۇلار تاشلارنى ئۇپراتقاندەك،
سەل-ئېقىنلار يەردىكى توپىنى سۈرۈپ كەتكەندەك،
سەن ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى يوققا چىقىرىسەن.
20 سەن مەڭگۈ ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىسەن،
ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
سەن ئۇنىڭ چىرايىنى ئۆزگەرتىپ،
يىراقلارغا ئەۋەتىسەن.
21 ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىززەتكە ئېرىشسە،
ئۇ بۇنى بىلمەيدۇ.
ئۇلار پەسكە يىقىلسا،
ئۇنىڭ خەۋىرى بولمايدۇ.
22 لېكىن ئۇنىڭ تېنى ئۆزى ئۈچۈنلا ئازابلىنىدۇ،
ئۇنىڭ ئىچىدىكى جېنى ئۆزى ئۈچۈنلا غەم يەيدۇ».