13
1 مانا، مېنىڭ كۆزۈم بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەن، قۇلىقىم بۇلارنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن.
2 سىلەر بىلگەننى مەنمۇ بىلىمەن.
مەن سىلەردىن كەم ئەمەسمەن.
3 ئەمما ھەممىگە قادىر خۇداغا سۆز قىلغۇم بار،
خۇدا بىلەن تارتىشىشنى خالايمەن.
4 لېكىن سىلەر يالغان گەپ توقۇپ چىقارغۇچى،
ھەممىڭلار يارامسىز تېۋىپ ئىكەنسىلەر.
5 كاشكى تامامەن شۈك تۇرغان بولساڭلار ئىدى!
بۇ سىلەر ئۈچۈن دانالىق بولاتتى.
6 ئەمدى مېنىڭ مۇنازىرەمنى ئاڭلاڭلار،
لەۋلىرىمنىڭ شىكايىتىگە قۇلاق سېلىڭلار.
7 سىلەر خۇداغا ۋەكىل بولۇپ ناھەق تەرىقىدە سۆز قىلماقچىمۇ،
ئۇنىڭ نامىدا يالغان سۆزلىمەكچىمۇ؟
8 سىلەر ئۇنىڭغا يۈز-خاتىرە قىلىپ،
خۇدانىڭ دەۋاگەرى بولماقچىمۇ؟
9 ئۇ سىلەرنى سىنىسا، سىلەرگە ياخشى بولاتتىمۇ؟
ئادەم ئادەمنى ئالدىغاندەك سىلەر ئۇنى ئالدىماقچىمۇ؟
10 ئەگەر سىلەر يوشۇرۇنچە يۈز-خاتىرە قىلساڭلار،
شەكسىز ئۇ سىلەرنى ئەيىبلەيدۇ.
11 ئۇنىڭ شان-شەرىپى سىلەرنى قورقۇتمامدۇ؟
ئۇنىڭ دەھشىتى ئۈستۈڭلارغا چۈشمەمدۇ؟
12 ھېكمەتلىك سۆزلىرىڭلار توزۇپ كەتكەن كۈلدەكتۇر،
ئىستىھكاملىرىڭلار لاي ئىستىھكاملار خالاس.
13 ئەمدى شۈك بولۇپ، مېنى سۆز قىلغىلى قويۇڭلار.
بېشىمغا نېمە كەلسە كەلسۇن.
14 مەن گۆشۈمنى ئۆز چىشلىرىم بىلەن چىشلىشىم كېرەكمۇ،
جېنىمنى ئالىقىنىمغا ئېلىشىم كېرەكمۇ؟
15 ئۇ مېنى ئۆلتۈرسىمۇ، يەنىلا ئۈمىدىمنى ئۇنىڭغا باغلايمەن.
تۇتقان يوللىرىمنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ ئاقلايمەن.
16 بۇ ھەم مېنىڭ نىجاتلىق تېپىشىمغا سەۋەب بولىدۇ،
چۈنكى بۇزۇق ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا چىقالمايدۇ.
17 مېنىڭ سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار،
بايانىمغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىڭلار.
18 مانا، مەن ئۆز دەۋايىمنى تەييارلاپ قويدۇم،
ئۆزۈمنىڭ ئاقلىنىدىغانلىقىمنى بىلىمەن.
19 مەن بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان كىم بار؟
تېپىلسا، مەن جىم بولۇپ، جېنىمنى تاپشۇراتتىم.
20 ماڭا پەقەت ئىككى ئىشنى قىلىپ بەرگىن،
شۇندا ئۆزۈمنى يوشۇرمايمەن سەندىن: ■
21 قولۇڭنى مەندىن تارتىپ يىراق تۇتقىن،
قورقۇنچلۇق ھەيۋىتىڭ بىلەن مېنى قورقۇتمىغىن.
22 ئاندىن مېنى چاقىرغىن، مەن جاۋاب بېرىمەن،
ياكى مەن سۆزلەي، سەن جاۋاب بېرىسەن.
23 يامان ئىشلىرىم ۋە گۇناھلىرىم قانچىلىك؟
ئاسىيلىقىم ۋە گۇناھىمنى ماڭا كۆرسەتكىن.
24 نېمىشقا سەن يۈزۈڭنى مەندىن يوشۇرىسەن،
نېمىشقا مېنى ئۆز دۈشمىنىڭ دەپ قارايسەن؟
25 سەن شامالدا ئۇچقان يوپۇرماقنى چۆچۈتمەكچىمۇ؟
سەن قۇرۇق ساماننى قوغلىماقچىمۇ؟
26 چۈنكى سەن ماڭا قارشى ئاچچىق نەرسىلەرنى يازىسەن،
ياشلىقىمدىكى گۇناھلىرىم ئۈچۈن مېنى جاۋابكارلىققا تارتىسەن.
27 سەن پۇتلىرىمغا كىشەن سېلىپ، ھەممە يوللىرىمنى پايلاپ تۇرىسەن.
سەن قادەملىرىمگە چەكلىمە قويدۇڭ.
28 سەن مېنىڭ چىرىپ كەتكەن ياغاچتىن،
كۈيە يېگەن كىيىمدىن پەرقىم يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ، شۇنداق قىلىسەن.