ئەييۇبنىڭ زوفارغا بەرگەن جاۋابى
12
‏1 ئەييۇب جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
 
‏2 «شەكسىز سىلەرلا ئادەم ئىكەنسىلەر،
ۋە ھېكمەتمۇ سىلەر بىلەن بىللە ئۆلگۈدەك!
‏3 ھالبۇكى سىلەردە بولغاندەك مېنىڭدىمۇ ئەقىل بار.
سىلەردىن كەم يېرىم يوق.
سىلەر دەۋاتقان نەرسىلەرنى كىم بىلمەيدۇ؟
 
‏4 مەن خۇداغا دۇئا قىلغاندا دۇئايىم ئىجابەت بولغان ئادەم ئىدىم.
ئەمدى ئۆز دوستلىرى تەرىپىدىن مازاق قىلىندىغان بىر كىشىگە ئايلاندىم.
ھەققانىي ۋە دۇرۇس ئادەم مەسخىرە نىشانى بولدى.
‏5 خاتىرجەم ئولتۇرغان كىشىلەر بالا-قازاغا سەل قارايدۇ،
ئۇلار «بالا-قازا پۇتلىرى تېيىلىپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ تەقدىرى» دەپ ئويلايدۇ.
‏6 لېكىن بۇلاڭچىلارنىڭ چېدىرلىرى تىنچ-ئامان تۇرىدۇ،
خۇداغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلەر خاتىرجەملىك ئىچىدە،
ئۆز ئىلاھىنى ئۆز قولىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ.
 
‏7 ئەمما ھايۋانلاردىن سورىساڭ، ئۇلار ساڭا تەلىم بېرىدۇ،
ئاسماندىكى قۇشلاردىن سورىساڭ، ئۇلار ساڭا بايان قىلىدۇ.
‏8 يەردىن سورىساڭ، ئۇ ساڭا ئۆگىتىدۇ،
دېڭىزنىڭ بېلىقلىرىدىن سورىساڭ، ئۇلار ساڭا چۈشەندۈرىدۇ.
‏9 بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن
بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ قولى قىلغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟
‏10 بارلىق جانلىقلارنىڭ جېنى،
ھەممە ئادەملەرنىڭ نەپىسى
ئۇنىڭ قولىدىدۇر.
‏11 ئېغىز تائامنى تېتىغاندەك،
قۇلاقمۇ سۆزلەرنى سىنىمامدۇ؟
‏12 ھېكمەت ئاقساقاللاردا،
ئەقىل-پاراسەت ياشانغانلاردىدۇر.
‏13 ھېكمەت ۋە قۇدرەت خۇدادا،
مەسلىھەت ۋە ئەقىل-پاراسەت ھەم ئۇنىڭدىدۇر.
‏14 ئۇ خاراب قىلغان قايتىدىن قۇرۇلۇپ تىكلەنمەيدۇ،
ئۇ قاماپ قويغان كىشىنى ھېچكىم ئازاد قىلالمايدۇ.
‏15 مانا، ئۇ سۇلارنى توختاتسا ئۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ.
ئۇ ئۇلارنى قويۇپ بەرسە، ئۇلار يەرنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىدۇ.
‏16 كۈچ-قۇدرەت ۋە ھېكمەت ئۇنىڭدا،
ئازغۇچىمۇ، ئازدۇرغۇچىمۇ ئۇنىڭ قولىدا.
‏17 ئۇ مەسلىھەتچىلەرنى يالىڭاچلاپ ئېلىپ كېتىدۇ،
ھاكىملارنى ئەخمەق قىلىدۇ.
‏18 ئۇ پادىشاھلارنىڭ كىشەنلىرىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ،
ئۇلارنىڭ بەللىرىنى باغلايدۇ.
‏19 ئۇ كاھىنلارنى يالىڭاچلاپ ئېلىپ كېتىدۇ،
ھۆكۈمرانلارنى يىقىتىدۇ.
‏20 ئۇ مۆتىۋەر كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى ئېتىدۇ،
ئاقساقاللارنىڭ ئەقلىنى تارتىۋالىدۇ.
‏21 ئۇ ئېسىلزادىلەرنىڭ ئۈستىگە ھاقارەت ياغدۇرىدۇ،
كۈچلۈكلەرنىڭ بەلۋېغىنى بوشىتىدۇ.
‏22 ئۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ چوڭقۇر سىرلىرىنى ئاشكارىلايدۇ،
ئۆلۈم سايىسىنى ئايدىڭلىققا چىقىرىدۇ.
‏23 ئۇ ئەللەرنى ئاۋاتلاشتۇرىدۇ ھەم ھالاك قىلىدۇ.
ئۇ ئۇلارنى كېڭەيتىدۇ ھەم تارىتىۋېتىدۇ.
‏24 ئۇ زېمىننىڭ سەردارلىرىنىڭ ئەقلىنى ئېلىپ كېتىدۇ،
ئۇلارنى يولى يوق چۆللەردە سەرسان قىلىدۇ.
‏25 ئۇلار نۇرسىز قاراڭغۇلۇقتا تەمتىلەپ يۈرىدۇ،
مەستلەردەك دەلدەڭشىپ ماڭىدۇ.