زوفارنىڭ بىرىنچى سۆزى
11
1 ئاندىن نائاماتلىق زوفار سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى: 2 «بۇنچە كۆپ سۆزلەرگە جاۋاب بېرىلمىسە بولامدۇ؟
جاۋىلداق ئادەم ھەقلىق چىقامدۇ؟
3 سېنىڭ قۇرۇق گەپلىرىڭ ئادەملەرنىڭ ئاغزىنى ئەتسۇنمۇ؟
سەن مەسخىرە قىلساڭ، ھېچكىم سېنى شەرمەندە قىلمىسۇنمۇ؟
4 چۈنكى سەن: ‹مېنىڭ سۆز-پىكىرلىرىم ساپتۇر،
سېنىڭ ئالدىڭدە پاكمەن› دېدىڭغۇ؟!
5 كاشكى خۇدا ئۆزى سۆز قىلىپ،
ساڭا قارشى ئاغزىنى ئاچسا ئىدى!
6 كاشكى ئۇ ھېكمەتنىڭ سىرىنى ساڭا ئېچىپ بېرىپ،
ھېكمىتىنىڭ قاتمۇ-قات ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە ئىدى!
ئۇنداقتا سەن: ‹خۇدا مېنىڭ گۇناھلىرىمنىڭ
خېلى بىر قىسمىدىن ئۆتتى› دەپ بىلەتتىڭ.
7 سەن ئىزدەپ-ئىزدىنىپ خۇدانىڭ قانداقلىقىنىڭ تېگىگە يېتەلەمسەن؟
ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ كامالىتىنى چۈشىنىپ يېتەلەمسەن؟
8 ئۇ ئاسماندىن ئېگىز، سەن نېمە قىلالايسەن؟
ئۇ ئۆلۈكلەر دىيارىدىن چوڭقۇر، سەن نېمىنى بىلەلەيسەن؟
9 ئۇنىڭ ئۆلچىمى بولسا يەر يۈزىدىن ئۇزۇن،
دېڭىزدىنمۇ كەڭدۇر.
10 ئۇ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بىر كىشىنى تۇتۇپ سولاپ قويسا،
ئۇ ئۇنى سوراققا تارتىشنى خالىسا،
كىم ئۇنى توسالايدۇ؟
11 چۈنكى ئۇ يالغانچى ئادەملەرنىڭ قانداقلىقىنى بىلىدۇ.
ئۇ يامانلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ، كۆرمەسكە سالامدۇ؟
12 ئاڭسىز ئادەم ئەقىل-پاراسەتلىك بولغۇچە
ياۋا ئېشەكنىڭ تەخىيى ئىنسانغا ئايلىنىدۇ.
13 ئەگەر سەن كۆڭلۈڭنى دۇرۇس تۇتۇپ،
قوللىرىڭنى ئۇنىڭ تەرىپىگە ئۇزاتساڭ،
14 قولۇڭدىكى يامانلىقنى ئۆزۈڭدىن يىراق قىلىپ،
چېدىرلىرىڭدىمۇ ھېچ ھەقسىزلىقنى ساقلىمىساڭ،
15 ئاندىن يۈزۈڭنى داغسىز كۆتۈرۈپ يۈرەلەيسەن،
تەۋرەنمەيسەن ۋە ھېچنېمىدىن قورقمايسەن.
16 سەن جاپا-مۇشەققەتلىرىڭنى ئۇنتۇيسەن.
ئۇلار يادىڭدا پەقەت ئېقىپ كەتكەن سۇدەكلا قالىدۇ.
17 ئۆمرۈڭ چۈش ۋاقتىدىكى كۈندىنمۇ يورۇق بولىدۇ.
قاراڭغۇلۇق سەھەرگە ئايلىنىدۇ.
18 ئۈمىدىڭ بولغاچقا، سەن خاتىرجەم بولىسەن.
چۆرەڭنى تېكشۈرۈپ كۆرۈپ، تىنچ-ئامانلىق ئىچىدە ئارام ئالىسەن.
19 سەن ھېچكىمدىن قورقماي ياتىسەن.
نۇرغۇن كىشىلەر سېنىڭ ھىممىتىڭنى ئىزدەپ كېلىدۇ.
20 بىراق يامانلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ نۇرى ئۆچىدۇ.
مۇنداق كىشىلەرنىڭ قېچىشىغا يول بولمايدۇ،
نېپىسى توختاپ جان ئۈزۈشى ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدى بولىدۇ».