10
1 جېنىمدىن تويدۇم. دەرد-ئەلىمىمنى تۆكۈپ، جان ئاچچىقىمدا سۆزلەي.
2 خۇداغا مۇنداق دېمەكچىمەن: ‹مېنى ئەيىبلىمىگىن،
نېمە ئۈچۈن مەن بىلەن دەۋالاشقىنىڭنى ماڭا بىلدۈرگىن.
3 ئادەمنى ئېزىپ، ئۆز قوللىرىڭنىڭ ئىشىنى رەت قىلىش،
لېكىن يامانلارنىڭ سۇيىكەستلىرى ئۈستىگە نۇرۇڭنى چېچىش
ساڭا يارىشامدۇ؟
4 سېنىڭ كۆزۈڭ جىسمانىيمۇ؟
ئادەم كۆرگەندەك كۆرەمسەن؟
5 سېنىڭ كۈنلىرىڭ ئىنساننىڭ كۈنلىرىدەكمۇ،
يىللىرىڭ ئادەمنىڭ يىللىرىدەكمۇ؟
6 بولمىسا، نېمىشقا مېنىڭ يامانلىقىم توغرىسىدا سورايسەن،
نېمىشقا گۇناھىمنى سۈرۈشتە قىلىسەن؟
7 مېنىڭ يامان ئەمەسلىكىم ساڭا مەلۇمغۇ!
ھېچكىم سېنىڭ قولۇڭدىن مېنى قۇتقۇزالمايدىغىنىنى بىلىسەنغۇ!
8 سېنىڭ قوللىرىڭ مېنى شەكىللەندۈرۈپ ياراتقان تۇرۇقلۇق،
ئەمدى مېنى ھالاك قىلماقچىمۇ سەن؟
9 ئۆتۈنەي سەندەن، مېنى لاي ياسىغاندەك ياسىغىنىڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن.
ئەمدى مېنى قايتا تۇپراققا قايتۇرۇشنى خالامسەن؟
10 سەن مېنى سۈتتەك تۆكۈپ،
ئىرىمچىكتەك قاتۇردۇڭ ئەمەسمۇ؟
11 سەن مېنى تېرە ۋە ئەت بىلەن كىيىندۈرگەنسەن،
سۆڭەك ۋە پەيلەر بىلەن مېنى توقۇپ بىرلەشتۈرگەنسەن.
12 سەن ماڭا جان بېرىپ ئىلتىپات كۆرسەتتىڭ،
روھىمدىن خەۋەر ئېلىپ ئۇنى قوغدىدىڭ.
13 لېكىن بۇ ئىشلارنى سەن كۆڭلۈڭدە يوشۇرۇپ ساقلىدىڭ،
مەن ئەسلىدە بۇلارنى نىيەت قىلغىنىڭنى بىلىمەن.
14 مەن گۇناھ قىلسام، سەن مېنى كۆزىتىسەن.
سەن يامانلىقىمنى كەچۈرۈپ، مېنى جازاسىز قويمايسەن.
15 ئەگەر گۇناھكار بولسام، ھالىمغا ۋاي!
لېكىن ھەققانىي بولساممۇ بېشىمنى كۆتۈرەلمەي،
شەرمەندىلىككە ئۇچراپ، ئازابقا قالىمەن.
16 مەن بېشىمنى كۆتۈرسەم،
سەن شىردەك مېنى ئوۋلاپ،
ئاجايىپ قۇدرىتىڭنى ماڭا كۆرسىتىسەن.
17 سەن ماڭا قارشى قايتا-قايتا
يېڭى گۇۋاھچىلىرىڭنى كەلتۈرىسەن.
ماڭا بولغان غەزىپىڭنى كۈچەيتىپ،
ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا يېڭى-يېڭى قوشۇنلار ئەۋەتىسەن.
18 ئۇنداق بولسا، نېمىشقا مېنى ئانامنىڭ قورسىقىدىن چىقاردىڭ؟
ھېچبىر كۆز مېنى كۆرمەستىن ئىلگىرى روھىمنى تاپشۇرسام بولماسمىدى؟
19 مەن ھېچ ۋۇجۇدقا كەلمەي تۇرۇپ،
ئانامنىڭ قورسىقىدىن ئۇدۇل گۆرگە كەتكەن بولسام بولماسمىدى؟
20 مېنىڭ كۈنلىرىم ئاز ئەمەسمۇ؟
بىرئاز ئارام تاپسۇن دەپ سەن مېنى قويۇپ بېرىپ،
قولۇڭنى مەندىن تارتىۋالساڭ بولماسمىدى؟
21 مەن يەنە قايتىپ كەلمەيدىغان،
ئۆلۈم سايىسى چۈشكەن قاراڭغۇ دىيارغا،
22 ئۆلۈم سايىسىدەك قاپ-قاراڭغۇلۇق، قالايمىقان تەرتىپسىز،
ئايدىڭلىقى قاراڭغۇ كېچىدەك بولغان دىيارغا بارماستىن ئىلگىرى
بىرئاز سۆيۈنسەم بولماسمىدى؟