ئەييۇبنىڭ بىلدادقا بەرگەن جاۋابى
9
1 ئەييۇب جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: 2 «ئىشنىڭ شۇنداق بولغىنىنى ئېنىق بىلىمەن.
ئەمما ئىنسان خۇدانىڭ ئالدىدا قانداقمۇ ھەقلىق چىقالىسۇن؟
3 ئەگەر ئۇ ئۇنىڭ بىلەن تارتىشماقچى بولسا،
ئەرزلەرنىڭ مىڭدىن بىرىگىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ.
4 ئۇنىڭ قەلبى دانالىققا تولغان،
كۈچ-قۇدرەتى ئۇلۇغدۇر.
كىممۇ ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ تىنچ-ئامان قالالىغان؟
5 ئۇ تاغلارنى تۇيۇقسىز يۆتكەيدۇ،
غەزىپىدە ئۇلارنى ئۆرۈپ تاشلايدۇ.
6 ئۇ يەرنى ئۆز جايىدىن تەۋرىتىدۇ،
ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى تىترىتىدۇ.
7 ئۇ كۈنگە ئەمىر قىلسا، ئۇ چىقمايدۇ،
ئۇ يۇلتۇزلارنى مۆھۈرلەپ قويالايدۇ.
8 يالغۇز ئۇدۇر ئاسماننى يېيىپ ئاچقان،
دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ ئۈستىدە ماڭىدىغان.
9 ئۇ چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى، ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى،
ئۈكەر يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە جەنۇبىي يۇلتۇز تۈركۈملىرىنى ياراتقۇچىدۇر.
10 ئۇ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ،
سان-ساناقسىز مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ.
11 ئۇ يېنىمدىن ئۆتىدۇ، بىراق مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن،
ئۇ ھەم ئالدىمدىن ئۆتىدۇ، ئەمما ئۇنى سېزەلمەيمەن.
12 ھەقىقەتەن، ئۇ ئېلىۋالسا، كىم ئۇنى توسالايدۇ؟
كىم ئۇنىڭدىن ‹نېمە قىلىۋاتىسەن؟› دەپ سورىيالايدۇ؟
13 خۇدا غەزىپىدىن يانمايدۇ.
راھابنىڭ ياردەمچىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئاستىدا ئېگىلىپ تۇرىدۇ. ■
14 شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن قانداقمۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلەيمەن،
قانداقمۇ ئۇنىڭ بىلەن تارتىشىشقا سۆز تاپالايمەن؟
15 ئەگەر مەن ھەقلىق بولساممۇ،
يەنىلا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەي،
پەقەتلا سوتچىمدىن رەھىم تىلەپ يالۋۇرالايمەن.
16 ئەگەر ئۇنى چاقىرسام، ۋە ئۇ جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ،
ئۇنىڭ مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالغىنىغا ئىشىنەلمەيتتىم.
17 چۈنكى ئۇ بوران بىلەن مېنى سۇندۇرۇۋېتىدۇ،
سەۋەبسىز مېنىڭ جاراھەتلىرىمنى كۆپەيتىدۇ.
18 ئۇ مېنى دېمىمنى ئالغىلىمۇ قويمايدۇ،
مېنى غەمغە تولدۇرىدۇ.
19 ئەگەر گەپ كۈچ-قۇدرەت توغرىسىدا بولسا،
مانا، ئۇ ھەممىدىن كۈچ-قۇدرەتلىك.
ئەگەر گەپ ھۆكۈم توغرىسىدا بولسا،
ئۇ: ‹كىم مېنى جاۋابكارلىققا تارتالايدۇ؟› دەيدۇ.
20 ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولسام،
ئۆز ئاغزىم مېنى قارىلايدۇ.
قۇسۇرسىز بولساممۇ ھەتتا،
ئۇ مېنى بۇزۇق كۆرسىتىدۇ.
21 مەن قۇسۇرسىز بولساممۇ، تېخى ئۆزۈمنى بىلمەيمەن.
ئۆز ھاياتىمدىن يىرگەندىم.
22 ھەممىسى بىر، شۇڭا دەيمەنكى:
‹ئۇ قۇسۇرسىز ئادەملەرنىمۇ، يامانلارنىمۇ ھەممىسىنى ھالاك قىلىدۇ›.
23 ئەگەر تۇيۇقسىز ئۆلۈم قامچىسى تەگسە،
ئۇ بىگۇناھ كىشىنىڭ سىناققا ئۇچراشقىنىغا كۈلىدۇ.
24 مانا، دۇنيا يامانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى.
ئۇدۇر سوتچىلىرىنىڭ يۈزلىرىنى توسۇپ ئېتىپ قويغان.
ئۇ بولماي، باشقا كىم بولاتتى؟
25 مېنىڭ كۈنلىرىم چاپاردىن چاپسانراق ئۆتۈپ،
ھېچ ياخشىلىق كۆرمەي يوقىدى،
26 قومۇش قېيىقلاردەك چاققان يۈرۈپ،
ئوۋ ئۈچۈن شۇڭغۇغان بۈركۈتتەك تېز ئۆتۈپ كەتتى.
27 ئۆز غېمىمنى ئۇنتۇپ،
سولغۇن چىرايىمنى ئۆزگەرتىپ،
خۇش چىراي بولاي دېسەممۇ،
28 سېنىڭ مېنى گۇناھسىز كۆرمەيدىغانلىقىڭنى بىلگەچكە،
ھەممە غەملىرىمدىن قورقۇپ يۈرىمەن.
29 مەن بەرىبىر گۇناھكار ئادەم بولسام،
نېمىشقا بىھۇدە جاپا تارتىپ تىرىشىشىم كېرەك؟
30 ئەگەر ئۆزۈمنى قار سۈيى بىلەن يۇيۇپ،
قوللىرىمنى ئىشقار سۈيى بىلەن پاكىز قىلساممۇ،
31 سەن يەنىلا مېنى ئەۋرەزگە تىقىسەن،
ھەتتا ئۆز كىيىملىرىم مەندىن نەپرەتلىنىدىغان بولىدۇ.
32 چۈنكى ئۇ مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلىگۈدەك،
بىر-بىرىمىز بىلەن دەۋالىشىپ ئولتۇرغۇدەك ماڭا ئوخشاش ئادەم ئەمەستۇر.
33 ئوتتۇرىمىزدا، ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۈستىگە قولىنى قويۇپ،
بىزنى ياراشتۇرۇپ قويغۇچى يوقتۇر.
34 ئەگەر ئۇ تايىقىنى مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئېلىۋېتىپ،
ۋەھىمىسى بىلەن مېنى قورقۇتمىسا،
35 مەن ئۇنىڭدىن قورقماي سۆزلەتتىم.
لېكىن ئەھۋالىم ئۇنداق ئەمەس.