بىلدادنىڭ بىرىنچى سۆزى
8
‏1 ئاندىن شۇئاھلىق بىلداد سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى:
 
‏2 «قاچانغىچە بۇنداق سۆزلەيسەن؟
قاچانغىچە سۆزلىرىڭ ئاغزىڭدىن قاتتىق شامالدەك چىقىدۇ؟
‏3 خۇدا ھۆكۈمىنى بۇزامدۇ؟
ھەممىگە قادىر خۇدا ئادالەتنى بۇرمىلامدۇ؟
‏4 ئەگەر سېنىڭ بالىلىرىڭ ئۇنىڭغا قارشى گۇناھ قىلغان بولسا،
ئۇ ئۇلارنىمۇ ئاسىيلىقىنىڭ ئاقىۋىتىگە دۇچار قىلىدۇ.
‏5 لېكىن سەن خۇدانى ئەستايىدىل ئىزدەپ،
ھەممىگە قادىر خۇداغا يالۋۇرساڭ،
‏6 پاك ۋا دۇرۇس بولساڭ،
ئەلۋەتتە ئۇ سەن ئۈچۈن ئويغىنىدۇ،
ھەققانىيلىقىڭنىڭ ئۆيىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
‏7 دەسلىپىڭ كىچىك بولغان بولسىمۇ،
ئاخىرىڭ ئىنتايىن ئۇلۇغ بولىدۇ.
‏8 شۇڭا سەن ئۆتكەن نەسىللەردىن سوراپ باققىن،
ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ ئىزدىنىپ تاپقانلىرىغا ئېتىبار بەرگىن.
‏9 چۈنكى بىز تېخى تۈنۈگۈن تۇغۇلغان، شۇڭا ھېچنېمە بىلمەيمىز،
دۇنيادىكى كۈنلىرىمىز پەقەتلا بىر كۆلەڭگە خالاس.
‏10 ئۇلار ساڭا تەلىم بېرىپ يول كۆرسەتمەمدۇ،
ئۆز كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ساڭا ئېيتمامدۇ؟
 
‏11 سازلىق بولمىسا، يېكەن ئۈنەمدۇ؟
سۇ بولمىسا، قومۇش ئۆسەمدۇ؟
‏12 مانا، ئۇ تېخى يېشىل تۇرۇپ، ئورۇشقا تەييار بولماستا،
ھەممە ئوت-چۆپتىن بۇرۇن قۇرۇپ كېتىدۇ.
‏13 خۇدانى ئۇنتۇغانلارنىڭ يوللىرى شۇنداق بولىدۇ،
بۇزۇق ئادەمنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقىدۇ.
‏14 ئۇنىڭ ئىشەنچى ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ،
تايانغىنى بىر ئۆمۈچۈك تورى خالاس.
‏15 ئۆز ئۆيىگە يۆلىنەي دېسە، ئۇ مەزمۇت تۇرمايدۇ.
ئۇنى مەھكەم تۇتۇۋالاي دېسە، ئۇ بەرداشلىق بەرمەيدۇ.
‏16 ئۇنداق كىشى ئاپتاپتا كۆكلەپ ئۆسكەن،
شاخلىرى باغنىڭ ھەر تەرىپىگە يېيىلغان،
‏17 يىلتىزلىرى تاش دۆۋىسىنىڭ چۆرىسىدە كىرىشمە بولۇپ،
تاشلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئىزدىگەن كۆچەتتەكتۇر.
‏18 لېكىن ئۇ ئورنىدىن يۇلۇنسا، ئۇ ئورنى ئۇنىڭدىن تېنىپ:
‹مەن سېنى كۆرۈپ باقمىغان› دەيدۇ.
‏19 مانا، ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ شاد-خۇراملىقى شۇنچىلىك بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئورنىغا تۇپراقتىن باشقىلار ئۈنۈپ چىقىدۇ.
 
‏20 مانا، خۇدا كامىل ئادەمنى ھەرگىز تاشلىمايدۇ،
لېكىن يامانلىق قىلغۇچىلارنى قولىدىن تۇتۇپ يۆلىمەيدۇ.
‏21 ئۇ يەنە سېنىڭ ئاغزىڭنى كۈلكە بىلەن،
لەۋلىرىڭنى شادلىق سادالىرى بىلەن تولدۇرىدۇ.
‏22 ئەمما ساڭا ئۆچمەنلەرنى ئىزا-نومۇس چىرمىۋالىدۇ،
يامانلارنىڭ چېدىرى يوق بولۇپ كېتىدۇ».