7
1 ئىنساننىڭ دۇنيادا جاپا تارتىپ ھايات كەچۈرۈشى بېكىتىلگەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ كۈنلىرى بىر مەدىكارنىڭ كۈنلىرىدەك ئەمەسمۇ؟
2 مەن ئەمدى سايىغا تەشنا بولغان قۇلدەك،
ئىش ھەققىنى كۈتكەن مەدىكاردەك.
3 ماڭا ئازابقا تولغان ئايلار بېكىتىلگەن،
قايغۇغا تولغان كېچىلەر نېسىپ قىلىنغان.
4 مەن ياتقىنىمدا: ‹قاچان قوپسام بولىدۇ؟› دەيمەن،
چۈنكى كېچە ئۇزۇن كۆرۈنىدۇ،
تاڭ ئاتقۇچە بىئارام بولۇپ تولغىنىپ ياتىمەن.
5 بەدىنىم قۇرت ۋە توپا-چاڭلار بىلەن قاپلاندى.
تېرەم يېرىلىپ، يىرىڭلاپ كەتتى.
6 كۈنلىرىم باپكارنىڭ موكىسىدىن ئىتتىك ئۆتىدۇ،
ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
7 ھاياتىمنىڭ بىر نەپەس ئىكەنلىكىنى ئەسلە،
كۆزۈم قايتا ياخشىلىق كۆرمەيدۇ.
8 مېنى ھازىر كۆرۈۋاتقان كىشىنىڭ كۆزى مېنى قايتا كۆرمەيدۇ.
سىلەر ماڭا يەنە نەزەر سالساڭلار، مەن يوقالغان بولىمەن.
9 بۇلۇت تارىلىپ غايىب بولغاندەك،
ئۆلۈكلەر دىيارىغا چۈشكەن ئادەم قايتا چىقمايدۇ.
10 ئۇ ئۆز ئۆيىگە ھېچ قايتمايدۇ،
ئۇنىڭ يۇرتى ئۇنى ئەمدى تونۇمايدۇ.
11 شۇڭا مەن ئاغزىمنى توسماي، روھىي ئازاب بىلەن سۆز قىلىمەن،
جان ئاچچىقىمدا دادلايمەن.
12 سەن بېشىمغا قاراۋۇل قويۇشۇڭ لازىم بولغۇدەك
مەن بىر دېڭىزمۇ ياكى بىر دېڭىز ئەجدىھاسىمۇ؟ ■
13 ياتقان ئورنۇم ماڭا تەسەللى بېرىدۇ،
كۆرپەم غېمىمنى يەڭگىللىتىدۇ دېسەم،
14 سەن چۈشلەر بىلەن مېنى قورقۇتىسەن،
غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن مېنى دەھشەتكە سالىسەن.
15 شۇنىڭ ئۈچۈن جېنىم بوغۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ،
تىرىكلىكتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدۇ.
16 مەن ئۆز جېنىمدىن تويدۇم،
يەنە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈم يوق.
مېنى قويۇۋەتكىن،
چۈنكى مېنىڭ كۈنلىرىم بىھۇدە ئۆتۈۋاتىدۇ.
17 ئىنسان نېمىدى، سەن شۇنچە ئېتىبار بەرگۈدەك،
ئۇنىڭغا شۇنچە كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟
18 سەن ھەر تاڭدا ئۇنى يوقلايسەن،
ھەر دەم ئۇنى سىناپ باقىسەن.
19 قاچانغىچە سەن كۆزۈڭنى مەندىن ئالمايسەن،
قاچانغىچە ئاغزىمدىكى تۈكۈرۈكنى يۇتقۇدەك ئارام بەرمەيسەن؟
20 ئەي ئادەملەرنىڭ كۆزەتكۈچىسى، مەن گۇناھ قىلغان بولساممۇ،
ساڭا دەخلى قىلدىممۇ؟
نېمىشقا مېنى ئۆزۈڭنىڭ زەربە نىشانى قىلىپ ئېلىپ،
مېنى ئۆز-ئۆزۈمگە يۈك قىلىپ قويدۇڭ؟
21 نېمىشقا گۇناھىمنى كەچۈرۈم قىلىپ،
يامانلىقىمنى ئەپۇ قىلمايسەن؟
مانا، پات يېقىندا مەن تۇپراققا كىرىپ ياتىمەن.
مېنى ئىزدىسەڭمۇ، قايتا تېپىلمايمەن».