ئەييۇبنىڭ ئەلىفازغا بەرگەن جاۋابى
6
1 ئەييۇب جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: 2 «كاشكى دەردلىرىم تارازىدا تارتىلغان بولسا ئىدى،
ئازابلىرىممۇ تارازىغا سېلىنغان بولسا ئىدى!
3 ئەلۋەتتە دېڭىزلارنىڭ قۇمىدىنمۇ ئېغىر چىقاتتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنى تۇتالماي سۆزلىدىم.
4 چۈنكى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوقلىرى ئىچىمگە قادالدى،
روھىم ئۇلارنىڭ زەھىرىنى ئىچىۋاتىدۇ.
دەرۋەقە، خۇدانىڭ دەھشەتلىرى
ماڭا قارشى سەپ تۈزدى.
5 ياۋا ئېشەكنىڭ ئوت-چۆپى بار بولسا ئۇ ھاڭرامدۇ؟
كالا يەم-خەشەك ئۈستىدە مۆرەمدۇ؟
6 تەمسىز نەرسە تۇز سېلىنماي يېيىلەمدۇ؟
تۇخۇمنىڭ ئېقىنىڭ تەمى بولامدۇ؟
7 بۇ ماڭا يىرگىنچلىك تاماق ھېسابلانغاچقا،
جېنىم ئۇنىڭغا تېگىشنى رەت قىلاتتى.
8 كاشكى تەلىپىم ئىجابەت بولسا،
ئارزۇ قىلغىنىمنى خۇدا ماڭا بەرسە!
9 كاشكى خۇدا مېنى ئېزىشنى خالىسا ئىدى،
ئۆز قولىنى ئۇزىتىپ مېنىڭ جېنىمنى ئالسا ئىدى!
10 شۇندىلا ئۇ مەندىن ئايىمىغان دەرد-ئەلەمدە قىينالساممۇ
يەنىلا تەسەللى تېپىپ شادلىناتتىم.
چۈنكى مەن مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلمىدىم!
11 نېمە كۈچۈم بار مېنىڭ ئۈمىد كۈتكۈدەك؟
ئاقىۋىتىم نېمە مېنىڭ يەنە ياشاشقا كۆنگۈدەك؟
12 كۈچۈم تاشنىڭ كۈچىدەكمۇ،
ئەتلىرىم مىستىن ياسالغانمۇ؟
13 ماڭا ئۆز ئىچىمدىن ياردەم يوق ئەمەسمۇ؟
مېنىڭ ھەممە يوللىرىم توسۇلغان ئەمەسمۇ؟
14 ئازاب تارتىۋاتقان كىشى ئۆز دوستىدىن مېھرىبانلىق كۆرسە بولاتتى.
بولمىسا ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدادىن قورقۇشتىن ۋاز كېچەتتى. ■
15 لېكىن بۇرادەرلىرىم جىلغىنىڭ ئېكىنىدەك ئىشەنچسىزدۇر.
ئۇلار تېز ئېقىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان جىلغىنىڭ سۇلىرىغا ئوخشايدۇ.
16 مۇزدىن قارىداپ كەتكەن،
ئىچىگە قار يوشۇرۇنغاندۇر.
17 ئۇلار ھاۋا ئىللىغاندا ئازىيىپ،
ئىسسىپ كەتكەندە قۇرۇپ،
ئۆز جايىدىن غايىب بولۇپ كېتىدۇ.
18 ئۆتۈۋاتقانلار ئۇلارنىڭ تەرىپىگە بۇرۇلسا،
ھېچنېمىنى تاپالماي، ھالاك بولىدۇ.
19 تېمانىڭ كارۋانلىرى ئۇ تەرەپكە تەلمۈرۈپ قارايدۇ،
شېبانىڭ سودىگەرلىرى ئۇلاردىن ئۈمىد كۈتىدۇ.
20 لېكىن ئۇلار ئۈمىد كۈتكىنى ئۈچۈن شەرمەندە بولىدۇ.
ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ كەلسە، نومۇسقا قالىدۇ.
21 ئۇلارغا ئوخشاش سىلەرمۇ ئەمدى ھېچنېمە ئەمەسسىلەر.
دەھشەتلىك ئەھۋالىمنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىڭلار.
22 مەن سىلەردىن: ‹ماڭا بىر نېمە بېرىڭلار› دەپ سورىدىممۇ؟
ياكى ‹مال-مۈلكۈڭلاردىن ماڭا سوۋغات بېرىڭلار› دېدىممۇ؟
23 ياكى: ‹دۈشمەننىڭ قولىدىن مېنى قۇتقۇزۇڭلار› دەپ سورىدىممۇ؟
ۋە ياكى ‹مېنى زالىملارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇڭلار!› دېدىممۇ؟
24 ماڭا ئۆگەتىڭلار، مەن تىلىمنى يىغاي.
نەدە ئېزىپ كەتكىنىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلار.
25 توغرا سۆزلەر نېمىدېگەن كۈچلۈكتۇر!
بىراق سىلەرنىڭ ئەيىبلىشىڭلار نېمىنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ؟
26 سىلەر پەقەتلا گېپىمدىن بىرەر ئەيىب تاپماقچىمۇ؟
ئۈمىدسىز كىشىنىڭ سۆزلىرى سىلەرگە قۇرۇق شامالدەكلا تۇيۇلامدۇ؟
27 سىلەر يېتىملار ئۈستىگە چەك تاشلايدىغان،
دوستۇڭلارغا ئورا كولايدىغان ئادەمسىلەر.
28 ئەمدى ئىلتىپات قىلىپ ماڭا قاراڭلار.
مەن يۈزۈڭلارغا قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەمدىمەن؟!
29 ناھەق بولمىسۇن دەپ، مېنى تەكشۈرۈپ بېقىڭلار.
قايتىدىن ئويلىنىپ بېقىڭلار، دەۋامدا ھەقلىقمەن.
30 تىلىمدا ناھەقلىق بارمۇ؟
تاڭلىيىم ئاچچىقنى پەرق قىلالماسمۇ؟