5
1 ئەمدى نالە قىلساڭ، ساڭا جاۋاب بېرىدىغان بىرى بارمۇ؟ مۇقەددەسلەرنىڭ قايسىسىغا ئىلتىجا قىلىسەن؟
2 مانا، رەنجىش ئەخمەقنى ھالاك قىلىدۇ،
ھەسەت ناداننى ئۆلتۈرىدۇ.
3 ئەخمەقنىڭ يىلتىز تارتقىنىنى كۆردۈم،
لېكىن شۇ ھامان ئۇنىڭ ماكانىنى لەنەتلىدىم.
4 ئۇنىڭ بالىلىرى ئامانلىقتىن يىراق ئىدى.
ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىدا ئېزىلسىمۇ،
ئۇلارنى قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم چىقمىدى.
5 ئاچلار ئۇنىڭ ھوسۇلىنى يەپ تۈگەتتى،
ھەتتا تىكەنلەرنىڭ ئارىسىدا قالغىنىنىمۇ چىقىرىۋالدى.
قىلتاقچى بولسا ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى يۇتۇۋالدى.
6 چۈنكى دەرد تۇپراقتىن چىقماس،
جاپا-مۇشەققەت زېمىندىن ئۈنمەس.
7 بەلكى ئۇچقۇن يۇقىرىغا ئۇچقاندەك،
ئادەمزات مۇشەققەت ئۈچۈن تۇغۇلغاندۇر.
8 ئورنۇڭدا مەن بولسام،
خۇدانى ئىزدەپ، ئىشىمنى خۇداغا تاپشۇراتتىم.
9 ئۇ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ،
سان-ساناقسىز مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ.
10 ئۇ يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىدۇ،
ئېتىزلىقلارغا سۇ ئەۋەتىپ تۇرىدۇ.
11 ئۇ كەمتەرلەرنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ،
ھازىدارلار ئامانلىققا يېتەكلەيدۇ.
12 ئۇ ھىيلىگەرلەرنىڭ سۇيىقەستلىرىنى بىتچىت قىلىدۇ،
ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىگە يول قويمايدۇ.
13 ئۇ دانالارنى ئۆز ھىيلىسىدىن تۇتۇۋالىدۇ،
مىكىر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نىيەتلىرىنى بەربات قىلىدۇ.
14 ئۇلار كۈندۈزى قاراڭغۇلۇققا ئۇچرايدۇ،
چۈش ۋاقتىدا كېچە بولغاندەك سىلاشتۇرۇپ ماڭىدۇ.
15 ئۇ مىسكىنلەرنى قىلىچتىن، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ،
ئۇلارنى كۈچلۈكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ.
16 بۇنىڭ بىلەن بىچارىلەردە ئۈمىد پەيدا بولىدۇ،
يامانلىق ئاغزىنى يۇمىدۇ.
17 خۇدا تەنبىھ بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىكتۇر.
شۇڭا ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ تەنبىھىگە سەل قارىمىغىن.
18 چۈنكى ئۇ زەخىملەندۈرسىمۇ، ئۆزى تېڭىپ قويىدۇ.
ئۇ ئۇرۇپ جاراھەتلەندۈرسىمۇ، ئۆز قوللىرى بىلەن يەنە ساقايتىپ قويىدۇ.
19 ئۇ سېنى ئالتە بالا-قازادىن قۇتقۇزىدۇ،
يەتتىنچىسىدىمۇ ساڭا يامانلىق تەگمەس.
20 ئۇ سېنى ئاچارچىلىقتا ئۆلۈمدىن،
جەڭدە قىلىچ زەربىسىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ.
21 سەن تىل تەنىسىدىن قۇتۇلۇپ قالىسەن،
ھالاكەت كەلگەندىمۇ قورقمايسەن.
22 سەن ۋەيرانچىلىق ۋە قەھەتچىلىككە كۈلۈپلا قويىسەن،
يەر يۈزىدىكى ياۋايى ھايۋانلاردىن قورقمايسەن.
23 چۈنكى يەر يۈزىدىكى تاشلار بىلەن ئەھدەڭ بولىدۇ،
دالادىكى ياۋايى ھايۋانلار سەن بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ.
24 ئۇ ۋاقىتتا چېدىرىڭنىڭ ئامانلىقتا ئىكەنلىكىنى بايقايسەن،
ماكانىڭنى يوقلىغىنىڭدا
ھېچ نەرسە كام ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن.
25 ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنىڭ كۆپەيگىنىنى،
نەسلىڭنىڭ يەرنىڭ ئوت-چۆپىدەك كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقايسەن.
26 پىشقان بۇغداي باغلاملىرى ئۆز ۋاقتىدا يىغىلغاندەك،
ياشىنىپ قالغاندا گۆرگە كىرىسەن.
27 مانا، بىز بۇنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، شۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.
ئاڭلاپ، ئۆز پايداڭ ئۈچۈن ئويلاپ باق».