ئەلىفازنىڭ بىرىنچى سۆزى
4
1 بۇ چاغدا تېمانلىق ئەلىفاز سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى: 2 «بىر كىشى سەن بىلەن سۆزلىشىشنى خالىسا، ساڭا ئېغىر كەلەمدۇ؟
ئەمما كىم سۆزلىمەي تۇرالىسۇن؟
3 ھەقىقەتەن، سەن نۇرغۇنلارغا تەلىم بەرگەنسەن،
دەرمانسىز قوللارنى كۈچلەندۈرگەنسەن.
4 سۆزلىرىڭ يىقىلىپ چۈشەي دەپ قالغانلارنى رىغبەتلەندۈرگەن،
پۈكۈلگەن تىزلارنى سەن كۈچلەندۈرگەنسەن.
5 بىراق ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلگەندە ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتىڭ،
بالايىئاپەت ئۆز بېشىڭغا كەلگەندە چۆچۈپ كەتتىڭ.
6 تەقۋادارلىقىڭغا يۆلەندىڭ ئەمەسمۇ؟
ئۈمىدىڭ توغرا يوللىرىڭدا ئەمەسمىدى؟
7 ئويلاپ باق، كىم بىگۇناھ تۇرۇپ ھالاك بولغان؟
قايسى يەردە دۇرۇسلار يوق قىلىنغان؟
8 كۆرگىنىمدەك، گۇناھ تېرىپ يامانلىقنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىۋەتكەنلەر
تېرىغىنىنى ئورىدۇ.
9 مۇنداق كىشى خۇدانىڭ نەپىسى بىلەن ھالاك بولىدۇ،
ئۇنىڭ غەزىپىنىڭ بورىنى بىلەن يوق بولۇپ كېتىدۇ.
10 شىرنىڭ ھۇۋلىشى ۋە ئارسلاننىڭ ھۆركىرىشى تۈگەپ كېتىدۇ،
ياش شىرنىڭ چىشلىرى سۇندۇرۇلىدۇ. ■
11 قېرى شىر ئوۋ تاپالمىغاچقا، ھالاك بولۇپ كېتىدۇ.
چىشى شىرنىڭ بالىلىرى تارىلىپ كېتىدۇ.
12 مەخپىي تەرىقىدە ماڭا ھازىر بىر سۆز كەلدى،
شىۋىرلىشى قۇلىقىمغا يەتتى.
13 ئادەملەر كېچىدە قاتتىق ئۇيقۇغا چۆمگەندە
چۈشىدىكى كۆرۈنۈشلەردىن ئەندىشە ئىچىدە،
14 قورقۇنچ ۋە دەھشەت مېنى بېسىپ،
سۆڭەك-سۆڭەكلىرىمنى تىترەتتى.
15 ئاندىن بىر روھ يۈزۈم ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتكەندە،
تۈكلىرىم ھۈرپىيىپ كەتتى.
16 ئۇ مىدىرلىماي تۇردى،
بىراق كۆزلىرىمنىڭ ئالدىدىكى گەۋدىنىڭ شەكلىنى پەرقلەندۈرەلمىدىم.
بۇ چاغدا شىۋىرلىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى:
17 ‹ئىنسان خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىي بولالامدۇ؟
ئادەم ئۆز ياراتقۇچىسىنىڭ ئالدىدا پاك تۇرالامدۇ؟›
18 مانا، ئۇ ئۆز خىزمەتكارلىرىغا ئىشەنمەيدۇ،
ھەتتا ئۆز پەرىشتىلىرىدە ئەيىب تاپىدۇ.
19 ئۇنداقتا ئۇ لاي ئۆيلىرىدە ئولتۇرغانلارغا،
ئۇلى تۇپراقتا بولغانلارغا
كۈيىدەك ئېزىلىدىغانلارغا ئىشىنەمدۇ؟
20 ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇلار دەسسىلىپ كېتىدۇ،
ھېچكىمنىڭ كارى بولماستىن ئۇلار مەڭگۈگە يوق بولۇپ كېتىدۇ.
21 ئۇلارنىڭ چېدىر تانىلىرى سۆكۈلىدۇ،
ئۇلار ئەقىل-پاراسەتكە ئېرىشمەستىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.