ئەييۇبنىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە پۇشايمان قىلىشى
3
1 ئۇنىڭدىن كېيىن ئەييۇب ئېغىز ئېچىپ، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە لەنەت ئوقۇپ، 2 مۇنداق دېدى:
3 «مەن تۇغۇلغان ئۇ كۈن يوق بولسۇن، ‹بىر ئوغۇل بالا تۇغۇلدى›
دېيىلگەن ئۇ كېچە يوق بولسۇن.
4 قاراڭغۇلۇققا پاتسۇن ئۇ كۈن.
خۇدا يۇقىرىدىن ئۇنىڭغا شەپقەت قىلمىسۇن،
ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشمىسۇن.
5 قاراڭغۇلۇق ۋە ئۆلۈم سايىسى باسسۇن ئۇ كۈننى،
بۇلۇت قاپلىسۇن ئۇنى،
كۈندۈزنى قاراڭغۇ قىلغۇچى ئۇنى دەھشەتكە سالسۇن.
6 زۇلمەت قاراڭغۇلۇق يۇتسۇن ئۇ كېچىنى،
يىلنىڭ باشقا كۈنلىرىدەك شادلىق ئىچىدە تۇرمىسۇن،
ئايلارنىڭ بىر كۈنى بولۇپ ھېسابلانمىسۇن.
7 ھەقىقەتەن، تۇغماس بولسۇن ئۇ كېچە،
شادلىق ئاۋازى ئاڭلانمىسۇن ئۇ كېچە.
8 لېۋىئاتاننى قوزغاشقا قۇدرىتى بارلار،
كۈنلەرگە لەنەت قىلىدىغانلار
شۇ كۈنگە لەنەت ئوقۇسۇن. ■
9 تاڭنىڭ يۇلتۇزى قارايسۇن ئۇ كۈن.
سەھەرنى بىھۇدە كۈتسۇن ئۇ كۈن
،
سۈبھى-تاڭنى كۆرمىسۇن ئۇ كۈن.
10 چۈنكى شۇ كۈن مېنى قايغۇ يۈزى كۆرمىسۇن دەپ،
ئانامنىڭ قورسىقىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئەتمىدى.
11 نېمىشقا ئانامنىڭ قورسىقىدە ئۆلمىدىم،
نېمىشقا قورساقتىن چىققان ھامان جان بەرمىدىم؟
12 نېمىشقا مېنى قوبۇل قىلىدىغان تىزلار،
مېنى ئېمىتىدىغان ئەمچەكلەر بولغاندۇ؟
13 بولمىسا مەن ھازىر ئارامدا يېتىپ،
ئۇيقۇغا كېتىپ راھەت تاپقان بولاتتىم،
14 ئۆزلىرىگە سالغان جايلىرى خارابىلىككە ئايلانغان
دۇنيا پادىشاھلىرى ۋە مەسلىھەتچىلىرى بىلەن،
15 ئۆيلىرىنى كۈمۈشكە تولدۇرغان،
ئالتۇن ئىگىسى شاھزادىلەر بىلەن.
16 ياكى چالا تۇغۇلغان بالىدەك،
يورۇقلۇقنى كۆرمىگەن قورساقتىكى بالىدەك بولاتتىم.
17 ئۇ يەردە يامانلار يامانلىقىنى قويار،
ھېرىپ كەتكەنلەر ئارام تاپار.
18 ئۇ يەردە مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى راھەت تاپار،
نازارەتچىلەرنىڭ ۋارقىرىشىنى ئاڭلىماس.
19 ئۇ يەردە چوڭ-كىچىك ھەممە ئادەم بار.
قۇل كىشى خوجايىنىدىن ئازاد بولار.
20 نېمىشقا دەرد تارتقۇچىلارغا يورۇقلۇق بېرىلىدۇ؟
نېمىشقا جېنى ئازابلانغانلارغا ئۆمۈر بېرىلىدۇ؟
21 ئۇلار ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئامما ئۇ كەلمەيدۇ.
ئۇلار ئۆلۈمنى يوشۇرۇن خەزىنىدەك ئىزدەيدۇ.
22 ئۇلار گۆرنى تاپقاندا ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ.
23 نېمىشقا ھاياتلىق بېرىلىدۇ ئۆز يولى يوشۇرۇلغان،
پەرۋەردىگار ھەر تەرەپتىن يولىنى توسۇغان كىشىگە؟
24 مەن تاماق ئورنىغا غەم يەيمەن،
نالە-پىغىنىم سۇدەك تۆكۈلۈپ ئاقىدۇ.
25 دەل ئەڭ قورققىنىم بېشىمغا كەلدى.
دەل غەم-ئەندىشە قىلغىنىم مېنى تاپتى.
26 ماڭا راھەت يوق، تىنچلىق يوق، ئارام يوق!
پەقەتلا دەرد-ئالەم كەلدى بېشىمغا».