ئەييۇبنىڭ تېخى ئېغىرراق سىنىلىشى
2
1 يەنە بىر كۈنى، ‹خۇدانىڭ ئوغۇللىرى› پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشقا كەلدى. شايتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى. ■ 2 پەرۋەردىگار شەيتاندىن: «قەيەردىن كەلدىڭ؟» دەپ سورىدى. شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ: ««ئۇياق-بۇياقنى كېزىپ، يەر يۈزىنى ئايلىنىپ كەلدىم» دېدى. 3 پەرۋەردىگار شەيتانغا: «خىزمەتكارىم ئەييۇبقا دىققەت قىلغانسەن؟ يەر يۈزىدە ئۇنىڭدەك خۇدادىن قورقۇپ يامانلىقتىن قاچىدىغان كامىل ۋە دۇرۇس كىشى يوقتۇر. سەن مېنى ئۇنى سەۋەبسىز ھالاك قىلىشقا قۇتراتقان بولساڭمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆز دۇرۇسلۇقىنى چىڭ ساقلىدى» دېدى. 4 شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ: «تېرە ئورنىغا تېرە! ئادەم دېگەن بار-يوقىنى ئۆز جېنى ئۈچۈن بېرىدۇ. 5 ئەگەر سەن ئەمدى قولۇڭنى ئۇزىتىپ ئۇنىڭ ئەت-سۆڭەكلىرىگە تەگكۈزسەڭ، ئۇ سەندىن يۈز ئۆرۈپ ساڭا لەنەت ئوقۇيدۇ» دېدى. 6 پەرۋەردىگار شەيتانغا: «مانا، ئۇ سېنىڭ قولۇڭدا، ئەمما ئۇنىڭ جېنىغا تەگمەيسەن» دېدى. 7 شۇنىڭ بىلەن شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئەييۇبنى پۇتىنىڭ تاپىنىدىن تارتىپ چوققىسىغىچە يامان چاقىلار بىلەن ئۇردى. 8 ئەييۇب ئۆزىنى قاشلاشقا بىر ساپال پارچىسىنى ئالدى، كۈل ئىچىدە ئولتۇراتتى. 9 ئايالى ئۇنىڭغا: «سەن ئۆز دۇرۇسلۇقۇڭدە تېخىچە چىڭ تۇرامسەن؟ ئەمدى خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆلۈپلا تۈگەش» دېدى. 10 ئەمما ئۇ ئۇنىڭغا: «سەن ئەخمەق ئاياللاردەك گەپ قىلىۋاتىسەن. خۇدانىڭ قولىدىن ياخشى نەرسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، يامان نەرسىنى قوبۇل قىلمايمىزمۇ؟» دېدى. بۇنىڭ ھەممىسىدە ئەييۇب لەۋلىرى بىلەن گۇناھ قىلمىدى. ئەييۇبنىڭ دوستلىرىنىڭ ئۇنى يوقلاپ كېلىشى
11 ئەييۇبنىڭ تېمانلىق ئەلىفاز، شۇئاھلىق بىلداد ۋە نائاماتلىق زوفار دېگەن ئۈچ دوستى ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايىئاپەتلەردىن خەۋەر تېپىپ، ھەربىرى ئۆز جايىدىن كېلىپ يىغىلىپ، ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئۇنى يوقلاپ بېرىشقا كېلىشكەنىدى. 12 ئۇلار يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنى تونۇيالماي قالدى. ئاندىن ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كەتتى. ھەربىرى ئۆز تونىنى يىرتىپ، باشلىرىنىڭ ئۈستىگە توپا چېچىشتى. 13 يەتتە كېچە-كۈندۈز ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەردە ئولتۇردى. ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا ئېغىز ئېچىپ سۆز قىلمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ دەردىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرگەنىدى.