موردىكاينىڭ چوڭ نام-شۆھرىتى
10
1 ئاخاشۋېروش پادىشاھ يەرگە ھەم دېڭىز ئاراللىرىغا ئالۋان قويدى. 2 ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ئايان قىلغان ھەممە ئىشلىرى ۋە پادىشاھنىڭ موردىكاينى قانداق يۇقىرى مەرتىۋىگە كۆتۈرۈپ ئۇلۇغ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى بايان «مېدىيا بىلەن پارس پادىشاھلىرى تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. 3 يەھۇدىي موردىكاي ئاخاشۋېروش پادىشاھتىن كېيىن ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى. ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ياخشىلىقىنى ئىزدەپ، ئۆز نەسلىنىڭ ھەممىسىنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى ياقلىغاچقا، يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا ئىززەت-ھۆرمەت تېپىپ، ھەممە قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن قەدىرلەندى.