يەھۇدىيلار ئۆز دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ
9
‏1 ئادار دېگەن ئون ئىككىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھنىڭ ھۆكۈمى ۋە پەرمانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە كۆز تىككەن كۈنى ئىش تەتۈرگە ئايلىنىپ، يەھۇدىيلار ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىپ قالدى. ‏2 ئۇ كۈنى يەھۇدىيلار ئۆزلىرىگە يامانلىق يەتكۈزۈشنى خالىغانلارغا قارشى قول كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاخاشۋېروش پادىشاھنىڭ ھەممە ۋىلايەتلىرىدىكى ئۆزلىرى تۇرغان شەھەرلەردە جەم بولۇشتى. ئۇلارنىڭ قورقۇنچى ھەممە خەلقنىڭ ئۈستىگە چۈشكەچكە، ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرالمىدى. ‏3 ۋىلايەتلەرنىڭ ھەممە ئەمەلدارلىرى ۋە سەردارلىرى، ۋالىيلار ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغانلار موردىكايدىن قورققاچقا، يەھۇدىيلارنى قوللاشتى. ‏4 چۈنكى موردىكاي پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا ئۈستۈن مەرتىۋىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى ھەممە ۋىلايەتلەرگە تارقالغانىدى. چۈنكى بۇ موردىكاي دېگەن كىشىنىڭ ھوقۇقى چوڭىيىپ كېتىۋاتاتتى. ‏5 بۇ تەرىقىدە يەھۇدىيلار ھەممە دۈشمەنلىرىنى قىلىچ بىلەن چېپىپ يوقاتتى. ئۆزلىرىنى ئۆچ كۆرگەن كىشىلەرگە خالىغىنىنى قىلدى. ‏6 شۇشان قەلئەسىدە يەھۇدىيلار بەش يۈز كىشىنى ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىۋەتتى. ‏7 ئۇلار يەنە پارشانداتا، دالفون، ‏8 ئاسپاتا، پوراتا، ئاداليا، ئارىداتا، ‏9 پارماشتا، ئارىساي، ئارىداي ۋە ۋايزاتا، ‏10 يەنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى ھاممەداتانىڭ ئوغلى ھاماننىڭ ئون ئوغلىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. لېكىن ئولجىغا قول سالمىدى. ‏11 ئۇ كۈنى شۇشان قەلئەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى پادىشاھقا مەلۇم قىلىندى. ‏12 پادىشاھ خانىش ئەستەرگە: «يەھۇدىيلار شۇشان قەلئەسىدىلا بەش يۈز كىشىنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىپ، ھاماننىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ يوقاتقان بولسا، پادىشاھنىڭ باشقا ۋىلايەتلىرىدە يەنە نېمىلەرنى قىلدىكىن؟ ئەمدى ئىلتىماسىڭ نېمە؟ ئۇ ئورۇنلىنىدۇ. تەلىپىڭ نېمە؟ ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ» دېدى. ‏13 ئەستەر جاۋاب بېرىپ: «ئەگەر پادىشاھ مۇۋاپىق كۆرسە، شۇشاندىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەتىمۇ بۈگۈنكى ھۆكۈم بويىچە ئىش قىلىشىغا ئىجازەت بېرىلسۇن ۋە ھاماننىڭ ئون ئوغلى دارغا ئاستۇرۇلسۇن» دېدى. ‏14 پادىشاھ شۇ بويىچە ئىش قىلىشنى بۇيرۇدى. پەرمان شۇشاندا چىقىرىلدى ۋە ھاماننىڭ ئون ئوغلى دارغا ئېسىلدى. ‏15 شۇشاندىكى يەھۇدىيلار ئادار ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى يەنە يىغىلىپ، شۇشاندا يەنە ئۈچ يۈز كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، لېكىن ئولجىغا قول سالمىدى. ‏16 پادىشاھنىڭ ۋىلايەتلىرىدىكى باشقا يەھۇدىيلار بولسا ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئارام تېپىش ئۈچۈن جەم بولدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆچ كۆرگۈچىلەردىن يەتمىش بەش مىڭ كىشىنى ئۆلتۈردى. لېكىن ئۇلار ئولجىغا قول سالمىدى.
 
پۇرىم ھېيتىنىڭ رەسىم-قائىدىلىرى توختىتىلىدۇ
‏17 ئادار ئاينىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى بۇ ۋەقە يۈز بەردى. ئون تۆتىنچى كۈنى ئۇلار ئارام ئالدى. ئۇلار شۇ كۈننى شادلىنىدىغان زىياپەت كۈنى قىلىپ بېكىتتى. ‏18 شۇشاندىكى يەھۇدىيلار بولسا ئون ئۈچىنچى ۋە ئون تۆتىنچى كۈنى يىغىلدى ۋە ئون بەشىنچى كۈنى ئارام ئالدى. ئۇلار شۇ كۈننى شادلىنىدىغان زىياپەت كۈنى قىلدى. ‏19 شۇنىڭ ئۈچۈن دالادىكى سېپىلسىز يېزا-كەنتلەردە ئولتۇرۇشلۇق يەھۇدىيلار ئادار ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىنى بىر مۇبارەك كۈن دەپ، شادلىنىدىغان ۋە بىر-بىرىگە ھەدىيە ئەۋەتىدىغان زىياپەت كۈنى قىلدى.
‏20 موردىكاي بۇ ۋەقەلەرنى خاتىرىلەپ، ئاخاشۋېروش پادىشاھنىڭ ھەممە يىراق-يېقىن ۋىلايەتلىرىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىگە خەت ئەۋەتىپ، ‏21 ئۇلارنىڭ ھەر يىلى ئادار ئاينىڭ ئون تۆتىنچى ۋە ئون بەشىنچى كۈنى ھېيت كۈنى قىلىشلىرىنى، ‏22 شۇنداقلا بۇ كۈنلەر يەھۇدىيلار دۈشمەنلىرىدىن ئارام تاپقان كۈنلەر ۋە بۇ ئاي ئۇلارنىڭ غەم-قايغۇلىرى شاد-خۇراملىققا، ماتەم كۈنى مۇبارەك كۈنگە ئايلانغان ئاي بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەزكۇر كۈنلەرنى شادلىنىدىغان زىياپەت كۈنلىرى قىلىپ، ئۇ كۈنلەردە بىر-بىرىگە ھەدىيە ئەۋەتىپ، كەمبەغەللەرگە خەير-سەدىقە بېرىشلىرىنى بۇيرۇدى. ‏23 يەھۇدىيلار ئۆزلىرى باشلىغان ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، موردىكاينىڭ ئۇلارغا يازغانلىرىنى ئورۇنلاشقا رازى بولۇشتى.
‏24 ھەممە يەھۇدىيلارغا دۈشمەن بولغان ئاگاگلاردىن بولغان ھاممەداتانىڭ ئوغلى ھامان يەھۇدىيلارغا قارشى ئۇلارنى يوق قىلىشنى قەستلەپ، ئۇلارنى ئېزىپ يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن ‹پۇر› دېگەن چەكنى تاشلىغانىدى. ‏25 لېكىن بۇ ئىش پادىشاھنىڭ دىققىتىگە ئېلىپ كېلىنگەندە، ئۇ خەت ئارقىلىق ھاماننىڭ ئۆزى يەھۇدىيلارغا قارشى قىلغان يامان غەرىزى ئۆز بېشىغا كەلسۇن دەپ بۇيرۇق يېزىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ھامان بىلەن ئوغۇللىرى دارغا ئېسىلدى. ‏26 مۇشۇ چەك ‹پۇر› دەپ ئاتالغاچقا، بۇ ئىككى كۈن پۇرىم دەپ ئاتالدى. مەزكۇر خەتتە پۈتۈلگەنلىرى بويىچە ۋە ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەن-تارتقانلىرىغا ئاساسەن ‏27 يەھۇدىيلار بۇ ئەنئەنىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرى، ئەۋلادلىرى ۋە ئۆزلىرىگە قوشۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەزكۇر ئىككى كۈننى شۇ توغرىسىدا پۈتۈلگەن ھۆكۈم بويىچە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يىلدىن-يىلغا ھېيت قىلىپ ئۆتكۈزۈشىنى ۋەدە قىلىشتى. ‏28 ئۇلار بۇ ئىككى كۈن زاماندىن زامانغا خاتىرىلەپ، نەسىلدىن نەسىلگە ھەربىر ۋىلايەتتە ۋە ھەربىر شەھەردە ھېيت قىلىپ ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە پۇرنىڭ بۇ ئىككى كۈننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا يوقالماسلىقى، ئۇنىڭ خاتىرىلىنىشى ئۇلارنىڭ نەسلى ئارىسىدا توختاپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى قوبۇل قىلىشتى.
‏29 ئابىخايىلنىڭ قىزى خانىش ئەستەر ۋە يەھۇدىي موردىكاي ئۇلاردا بار بولغان تولۇق ھوقۇق بىلەن بۇ پۇرىم ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئىككىنچى خەتنى تەستىكلىدى. ‏30 بۇ تىنچلىق سالىمى بار خەتلەر ئاخاشۋېروش پادىشاھنىڭ بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ۋىلايىتىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىگە ئەۋەتىلدى. ‏31 بۇ خەتلەردە يەھۇدىي موردىكاي ۋە خانىش ئەستەرنىڭ بېكىتكىنى بويىچە، ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرى ۋە ئەۋلادلىرى ئۈچۈن قوبۇل قىلغىنى بويىچە پۇرىم ھېيتىنىڭ بۇ ئىككى كۈنى بەلگىلەنگەن كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلسۇن، شۇنداقلا روزا تۇتۇش ۋە نالە-پەرياد قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگىمۇ رىئايە قىلىنسۇن دەپ پۈتۈلگەنىدى. ‏32 ئەستەرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پۇرىمنىڭ بۇ رەسىم-قائىدىلىرى بېكىتىلىپ، خاتىرە كىتابىغا يېزىلدى.