پادىشاھنىڭ يەھۇدىيلارنى قوللاش ئۈچۈن چىقىرىلغان ھۆكۈمى
8
1 ئۇ كۈنى ئاخاشۋېروش پادىشاھ يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى ھاماننىڭ ئۆيىنى خانىش ئەستەرگە بەردى. موردىكاي بولسا پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلدى، چۈنكى ئەستەر ئۇنىڭ ئۆز تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى. 2 ئاندىن پادىشاھ ھاماندىن تارتىۋالغان مۆھۈر ئۈزۈكىنى موردىكايغا بەردى. ئەستەر بولسا موردىكاينى ھاماننىڭ ئۆيىنى باشقۇرۇشقا قويدى. 3 ئاندىن كېيىن ئەستەر پادىشاھنىڭ ئالدىدا سۆزلەپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ يىغلاپ: «ئاگاگلاردىن بولغان ھاماننىڭ يامان مەسلىھەتى بىلەن يەھۇدىيلارغا قارشى قىلغان تەدبىرى بىكار قىلىنغاي» دەپ ئۇنىڭغا يالۋۇردى. 4 پادىشاھ ئالتۇن ھاسىسىنى ئەستەرگە ئۇزاتسا، ئەستەر قوپۇپ، پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: 5 «ئەگەر پادىشاھ ماقۇل كۆرسە ۋە مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسام، پادىشاھ بۇ ئىشنى توغرا دەپ قارىسا ۋە مەندىن خۇرسەن بولسا، ئاگاگلاردىن بولغان ھاممەداتانىڭ ئوغلى ھامان يازدۇرۇپ: ‹پادىشاھلىقىڭنىڭ ھەممە ۋىلايەتلىرىدىكى يەھۇدىيلار يوق قىلىنسۇن› دېگەن مەكتۇپلارنى بىكار قىلىشقا بىر پەرمان يېزىلسۇن. 6 چۈنكى مەن ئۆز خەلقىمگە تېگىدىغان بالايىئاپەتنى كۆرۈپ قانداقمۇ چىداپ تۇرالاي؟ ئۆز جەمەتىمگە كېلىدىغان ھالاكەتنى كۆرۈپ قانداقمۇ چىداپ تۇرالاي» دېدى. 7 ئاخاشۋېروش پادىشاھ خانىش ئەستەر ۋە يەھۇدىي موردىكايغا: «مانا، مەن ھاماننىڭ ئۆيىنى ئەستەرگە بەردىم ۋە ھامان ئۆزى يەھۇدىيلارغا قارشى قول كۆتۈرگىنى ئۈچۈن دارغا ئېسىلدى. 8 ئەمدى سىلەر خالىغىنىڭلارچە پادىشاھنىڭ نامىدا يەھۇدىيلار توغرىسىدا خەت يېزىپ، ئۈستىگە پادىشاھنىڭ مۆھۈر ئۈزۈكىنى بېسىڭلار، چۈنكى پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلىپ، پادىشاھنىڭ مۆھۈر ئۈزۈكى بېسىلغان مەكتۇپ بىكار قىلىنالمايدۇ» دېدى. 9 شۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى ئاي، يەنى سىۋان ئېيىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى، پادىشاھنىڭ كاتىپلىرى دەرھال چاقىرىلدى. ئۇلار موردىكاينىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە بىر مەكتۇپ يازدى. مەكتۇپلار ھىندىستاندىن تارتىپ كۇشقىچە بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ۋىلايەتتىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزىگە ۋە سەردارلار، ۋالىيلار ۋە ئەمەلدارلارغا، ھەربىر ۋىلايەتكە ئۇنىڭ ئۆز يېزىقىدا، ھەربىر خەلققە ئۇنىڭ ئۆز تىلىدا، يەھۇدىيلارغىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆز يېزىقى ۋە ئۆز تىلىدا يېزىلدى. 10 موردىكاي بۇ مەكتۇپلارنى ئاخاشۋېروش پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىپ، ئۇلارغا پادىشاھنىڭ مۆھۈر ئۈزۈكىنى باستى ۋە بۇ مەكتۇپلارنى پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ ياخشى نەسىلدىن بولغان چاپقۇر ئاتلارغا مىنگەن چاپارمەنلەر ئارقىلىق ئەۋەتتى. 11 مەزكۇر مەكتۇپلاردا پادىشاھ نامىدىن ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىرلىشىپ، ھەرقايسى خەلق ۋە ۋىلايەت ئىچىدە ئۇلارغا خۇجۇم قىلىدىغان قوشۇنلارغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، بۇ دۈشمەنلىرىنى يوقىتىپ، ئاياللار ۋە بالا-چاقىلىرىنىمۇ قويماي، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاپ ئولجا قىلىشىغىمۇ ئىجازەت بېرىلدى. 12 «بۇ ئىش ئاخاشۋېروش پادىشاھنىڭ ھەممە ۋىلايەتلىرىدە ئادار دېگەن ئون ئىككىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى، بىر كۈن ئىچىدە قىلىنسۇن» دەپ يېزىلغانىدى. 13 يەھۇدىيلار ئۆز دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن كۈندە تەييار تۇرۇشى ئۈچۈن، بۇ مەكتۇپنىڭ نۇسخىلىرى ھەربىر ۋىلايەتتە پەرمان بولۇپ ھەرقايسى خەلققە ئېلان قىلىنسۇن دەپ بېكىتىلدى. 14 چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان چاپقۇر ئاتلارغا مىنىپ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە تېز چېپىپ چىقىپ كەتتى. شۇشان قەلئەسىدىمۇ بۇ پەرمان ئېلان قىلىندى. 15 موردىكاي كۆك ۋە ئاق رەڭلىك شاھانە لىباسنى كىيىپ، چوڭ بىر ئالتۇن تاج بىلەن تاجلىنىپ، كەندىردىن توقۇلغان ئاق بىلەن سۆسۈن توننى يېپىنىپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى. شۇشان شەھىرى بولسا شاد-خۇراملىق بىلەن تەنتەنە قىلىشتى. 16 بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۈچۈن يورۇقلۇق پەيدا بولدى، ئۇلار شاد-خۇراملىق ۋە ئىززەت-ئىكرامغا ئېرىشتى. 17 پادىشاھنىڭ ھۆكۈمى ۋە پەرمانى يەتكۈزۈلگەن ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەردە يەھۇدىيلار شاد-خۇراملىققا تولۇپ، زىياپەت قىلىپ، تەبرىكلەش كۈنلىرى ئۆتكۈزدى. يەرلىك خەلقىدىن نۇرغۇن كىشى يەھۇدىي بولدى، چۈنكى يەھۇدىيلارنىڭ قورقۇنچى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەنىدى.