ھامان ئۈستىدىكى ھۆكۈم
7
1 پادىشاھ ۋە ھامان خانىش ئەستەر بىلەن زىياپەتتە ئولتۇرۇشقا كەلدى. 2 ئۇلار شاراب ئىچىۋاتقاندا پادىشاھ بۇ ئىككىنچى زىياپەت كۈنىمۇ ئەستەردىن: «ئەي خانىش ئەستەر، ئىلتىماسىڭ نېمە؟ ئۇ ئورۇنلىنىدۇ. تەلىپىڭ نېمە؟ پادىشاھلىقنىڭ يېرىمى بولسىمۇ، ساڭا بېرىلىدۇ» دېدى. 3 خانىش ئەستەر جاۋاب بېرىپ: «ئەي پادىشاھ، ئەگەر مەن سېنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، بۇ ئىش پادىشاھقا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، ئىلتىماسىم ئۈچۈن جېنىم قۇتۇلسۇن، تەلىپىم ئۈچۈن خەلقىم ساقلانسۇن. 4 چۈنكى مەن ۋە خەلقىم قىرىلىپ، ئۆلتۈرۈلۈپ، يوق قىلىنىشقا سېتىلىپ كەتتۇق. ئەگەر بىز پەقەت قۇل ۋە دېدەك بولۇشقا سېتىلىپ كەتكەن بولساق، مەن شۈك تۇراتتىم، چۈنكى ئۇنداق كۈلپەت پادىشاھنى ئاۋارە قىلغۇدەك بولمايتتى» دېدى. 5 ئۇ ۋاقىتتا ئاخاشۋېروش پادىشاھ خانىش ئەستەردىن: «مۇنداق ئىش قىلغىلى ئۆز كۆڭلىدە جۈرئەت قىلغان كىشى كىم ئىكەن، ئۇ قەيەردە ئىكەن؟» دەپ سورىدى. 6 ئەستەر: «بۇ ئاداۋەتلىك دۈشمەن مانا بۇ رەزىل ھاماننىڭ ئۆزى» دېسە، ھامان پادىشاھ ۋە خانىش ئالدىدا تىترەپ كەتتى. 7 پادىشاھ ئاچچىق بىلەن قوپۇپ، زىياپەتخانىدىن ئوردىنىڭ بېغىغا چىقىپ كەتتى. ئەمما ھامان پادىشاھ ئۇنىڭ بېشىغا ئاپەت سېلىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، خانىش ئەستەردىن ئۆز جېنىنى تىلەش ئۈچۈن يېقىن باردى. 8 لېكىن پادىشاھ ئوردىنىڭ بېغىدىن زىياپەتخانىغا قايتىپ كىرگىنىدە، ئۇ ھاماننىڭ ئۆزىنى ئەستەر ئولتۇرغان دىۋاننىڭ ئۈستىگە تاشلاپ ياتقىنىنى كۆردى. پادىشاھ: «ئەمدى ئۇ يەنە مەن تۇرغان ئۆيدە خانىشنىڭ نومۇسىغا تەگمەكچى!» دېدى. پادىشاھنىڭ ئاغزىدىن بۇ سۆز چىققان ھامان ئۇلار ھاماننىڭ يۈزىنى يېپىپ قويدى. 9 ئۇ ۋاقىتتا پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن خاربونا دېگەن كىشى: «مانا، پادىشاھنىڭ پايدىسى ئۈچۈن گەپ قىلغان موردىكاينى ئېسىش ئۈچۈن ھامان ياساتقان ئەللىك گەزلىك ئېگىز دار ھاماننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ» دېدى. پادىشاھ: «ئۇنىڭغا ھاماننىڭ ئۆزىنى ئېسىۋېتىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. 10 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھامان موردىكاي ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان دارغا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئېسىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ ئاچچىقى پەسلەندى.