موردىكايغا ئىززەت-ئىكرام قىلىنىشى
6
1 ئۇ كېچىسى پادىشاھنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىگەچكە، ئۇ تارىخ-تەزكىرە كىتابىنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. تەزكىرىلەر ئۇنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ بېرىلدى. 2 موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن بولغان بىگتان ۋە تەرەش دېگەن ئىككى دەرۋازىۋەن ئاخاشۋېروش پادىشاھقا قول سېلىشنى قەستلىگەنلىكىنى پاش قىلغانلىقى توغرىسىدا يېزىلغان تەزكىرىگە كەلگەندە، 3 پادىشاھ: «بۇ ئىش ئۈچۈن موردىكايغا نېمە ئىنئام-ئىكرام بېرىلدى؟» دەپ سورىدى. پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان غۇلاملار: «ئۇنىڭغا ھېچنېمە تەگمىدى» دەپ جاۋاب بەردى. 4 پادىشاھ: «ھازىر ھويلىدا بىرى بارمۇ؟» دەپ سورىدى. دەل شۇ چاغدا ھامان ئۆزى تىكلەپ قويغان دارغا موردىكاينى ئېسىشقا پادىشاھتىن ئىجازېت ئېلىش ئۈچۈن، ئوردىنىڭ سىرتىدىكى ھويلىسىغا كىرگەنىدى. 5 بۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھنىڭ غۇلاملىرى ئۇنىڭغا: «ھويلىدا ھامان تۇرىدۇ» دېدى. پادىشاھ: «ئۇنى كىرگۈزۈڭلار» دېدى. 6 ھامان كىرسە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام قىلىشنى خالىغان كىشىگە نېمە قىلىش لازىم؟» دەپ سورىدى. ھامان ئۆز كۆڭلىدە: «پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام قىلىشنى خالىغان كىشى مەندىن باشقا كىم بولاتتى؟» دەپ ئويلىدى. 7 شۇنىڭ ئۈچۈن ھامان پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: «پادىشاھ بىر كىشىگە ئىززەت-ئىكرام قىلىشنى خالىسا، 8 پادىشاھ ئۆزى كىيگەن شاھانە لىباس ۋە پادىشاھ ئۆزى مىنگە، بېشىغان شاھانە تاج تاقالغان بىر ئاتنى ئېلىپ كېلىنىپ، 9 لىباس ۋە ئات پادىشاھنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرىگە تاپشۇرۇلسۇن. ئۇ لىباسنى پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام قىلىشنى خالىغان كىشىگە كىيدۈرۈپ، ئۇنى ئاتقا مىندۈرۈپ، شەھەرنىڭ مەيدانىنى ئايلاندۇرۇپ: ‹پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام قىلىشنى خالىغان كىشىگە شۇنداق قىلىنىدۇ› دەپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئۈنلۈك ئاۋازدا جاكارلاپ يۈرسۇن» دېدى. 10 شۇنى دېسە، پادىشاھ ھامانغا: «سەن ئالدىراپ ئۆز دېگىنىڭ بويىچە لىباس ۋە ئاتنى ئېلىپ بېرىپ، پادىشاھنىڭ دەرۋازىسىدا ئولتۇرغان موردىكايغا شۇنداق قىلىپ، دېگەنلىرىڭدىن ھېچنېمىنى كەم قىلمىغىن» دەپ بۇيرۇدى.
11 شۇنىڭ بىلەن ھامان لىباس ۋە ئاتنى ئېلىپ كېلىپ، لىباسنى موردىكايغا كىيدۈرۈپ، ئۇنى ئاتقا مىندۈرۈپ، شەھەرنىڭ مەيدانىنى ئايلاندۇرۇپ: «پادىشاھ ئىكرام قىلىشنى خالىغان كىشىگە مۇنداق قىلىنىدۇ» دەپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئۈنلۈك ئاۋازدا جاكارلاپ يۈردى. 12 ئاندىن موردىكاي پادىشاھنىڭ دەرۋازىسىغا قايتىپ كەلدى. لېكىن ھامان ھەسرەتكە تولۇپ، بېشىنى يۆگەپ تېزدىن ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. 13 ئاندىن ھامان خوتۇنى زەرەش ۋە بارلىق دوستلىرىغا ئۆزى دۇچ كەلگەن ۋەقەنى دەپ بەرسە، ئۇنىڭ دانىشمەنلىرى ۋە خوتۇنى زەرەش ئۇنىڭغا: «سەن ئۇنىڭ ئالدىدا پەسلەشكە باشلىغان موردىكاي دېگەن كىشى يەھۇدىي نەسلىدىن بولسا، سەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلەلمەيسەن، بەلكى شەكسىز ئۇنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ چۈشىسەن» دېدى. 14 ئۇلار تېخى گەپلىشىپ تۇرغىنىدا، پادىشاھنىڭ ئوردا ئەمەلدارلىرى كېلىپ، ھاماننى ئەستەر تەييارلىغان زىياپەتكە بېرىشقا ئالدىراتتى.