ئەستەر پادىشاھ ۋە ھاماننى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىدۇ
5
1 ئۈچىنچى كۈنى ئەستەر شاھانە كىيىم كىيىپ، ئوردىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا كىرىپ، پادىشاھنىڭ شاھانە ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرۇپ قالدى. پادىشاھ ئۆز شاھانە ئۆيىنىڭ ئىچىدە، ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدىكى شاھانە تەختىدە ئولتۇراتتى. 2 پادىشاھ خانىش ئەستەرنىڭ ھويلىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپ، خانىش ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپقاچقا، ئۆز قولىدىكى ئالتۇن ھاسىنى ئەستەرنىڭ تەرىپىگە ئۇزاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەستەر يېقىن بېرىپ، ھاسىنىڭ ئۇچىغا قولىنى تەگكۈزدى. 3 پادىشاھ ئۇنىڭغا: «ئەي خانىش ئەستەر، نېمە بولدى؟ تەلىپىڭ نېمە؟ پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمى بولسىمۇ، ساڭا بېرىلىدۇ» دېدى. 4 ئەستەر: «ئەگەر پادىشاھ مۇۋاپىق كۆرسە، پادىشاھ ھامان بىلەن بىرگە مېنىڭ پادىشاھ ئۈچۈن ئۆزۈم تەييارلىغان زىياپىتىمگە كەلسۇن» دېدى. 5 پادىشاھ: «ئەستەرنىڭ تەلەپ قىلغىنى بويىچە قىلىشىمىز ئۈچۈن، ئالدىراپ ھاماننى ئېلىپ كېلىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ھامان بىلەن بىرگە ئەستەر تەييارلىغان زىياپەتكە باردى. 6 ئۇلار شاراب ئىچىۋاتقاندا پادىشاھ ئەستەرگە: «ئىلتىماسىڭ نېمە؟ ئۇ ئورۇنلىنىدۇ. تەلىپىڭ نېمە؟ ئەگەر پادىشاھلىقنىڭ يېرىمى بولسىمۇ، ساڭا بېرىلىدۇ» دېدى. 7 ئەستەر جاۋاب بېرىپ: «ئىلتىماسىم ۋە تەلىپىم شۇكى، 8 ئەگەر مەن پادىشاھنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تېپىپ، پادىشاھ مېنىڭ ئىلتىماسىمغا ماقۇل بولۇپ، تەلىپىمنى ئىجابەت قىلىشنى خالىسا، پادىشاھ ھامان بىلەن بىللە يەنە مەن سىلەرگە تەييارلايدىغان زىياپەتكە كەلسۇن. مەن ئەتە پادىشاھ بۇيرۇغىنىدەك قىلاي» دېدى.
9 ئۇ كۈنى ھامان خۇش بولۇپ، كۆڭلى كۆتۈرۈلگەن ھالدا چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇ موردىكاينى پادىشاھنىڭ دەرۋازىسىدا ئۇنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن قوپماي ۋە مىدىرلىماي ئولتۇرغىنىنى كۆرگەندە، موردىكايغا قاتتىق ئاچچىقلاندى. 10 لېكىن ھامان غەزىپىنى بېسىۋالدى. ئۇ ئۆيىگە كېلىپ، دوستلىرى ۋە خوتۇنى زەرەشنى چاقىرتتى. 11 ھامان ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىك بايلىقى، پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە پادىشاھ ئۆزىنى قانداق ئۆستۈرۈپ پادىشاھنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى ۋە خىزمەتكارلىرىدىن يۇقىرى مەرتىۋىگە كۆتۈرگەنلىكى توغرىسىدا پو سۆزلىدى. 12 ھامان يەنە سۆز قىلىپ: «مانا، خانىش ئەستەر پادىشاھ بىلەن بىللە ئۆزى تەييارلىغان زىياپەتكە قاتناشقا مەندىن باشقا ھېچكىمنى چاقىرمىدى. ئۇ پادىشاھ بىلەن مېنى ئەتىكى زىياپەتكىمۇ چاقىردى. 13 لېكىن مەن قاچانلا ئۇ يەھۇدىي موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ دەرۋازىسىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرسەم، بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ھېچنېمە ئەمەسدەك تۇيۇلىدۇ» دېدى. 14 شۇنى دېسە، ئۇنىڭ ئايالى زەرەش ۋە دوستلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا: «سەن ئېگىزلىكى ئەللىك گەز بولغان بىر دارنى تىكلەپ قويۇپ، موردىكاي ئۇنىڭغا ئېسىشنى پادىشاھتىن تەلەپ قىلغىن. ئاندىن سەن خۇشاللىق بىلەن پادىشاھ بىلەن بىللە زىياپەتكە بارالايسەن» دېدى. ھامان بۇ سۆزنى خۇش كۆرۈپ، دارنى تىكلەپ قويدى.