ئەستەرنىڭ قارارى
4
1 موردىكاي ھەممە بولغان ۋەقەنى بىلگەندە كىيىملىرىنى يىرتىپ، بۆز رەختكە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ، شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ، ناھايىتى قاتتىق ئاۋازدا پەرياد قىلدى. ■ 2 ئۇ پادىشاھنىڭ دەرۋازىسىغا يېتىپ كەلگەندە توختاپ قالدى، چۈنكى بۆز رەختكە يۆگەنگەن ھېچبىر كىشى پادىشاھنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرەلمەيتتى. 3 پادىشاھنىڭ ھۆكۈمى ۋە پەرمانى قايسى ۋىلايەتكە يەتسە، ئۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا قاتتاق نالە-پەرياد كۆتۈرۈلدى. ئۇلار روزا تۇتۇپ، ياش تۆكۈپ، يىغا-زار قىلىشتى. كۆپ كىشىلەر بۆز رەختكە يۆگىنىپ كۈلگە مىلىنىپ ئولتۇردى. 4 ئەستەرنىڭ دېدەكلىرى ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى كىرىپ، بۇ توغرىسىدا ئۇنىڭغا خەۋەر بەرسە، خانىش ئىنتايىن بىئارام بولدى. ئۇ بۆز رەخت كىيىمىنى سالدۇرسۇن دەپ موردىكايغا كىيىۋېلىش ئۈچۈن كىيىملەرنى ئەۋەتتى. ئەمما موردىكاي قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىدى. 5 ئەستەر ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۇنىڭ خىزمىتىگە قويۇپ قويغان ھاتاك دېگەن كىشىنى چاقىرىپ، ئۇنى: «نېمە بولدى، نېمىشقا مۇنداق قىلىسەن؟» دەپ موردىكايدىن سورىغىلى ئەۋەتتى. 6 ھاتاك چىقىپ، پادىشاھنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى شەھەر مەيدانىغا موردىكاينىڭ يېنىغا كەلسە، 7 موردىكاي ئۇنىڭغا بېشىغا كەلگەن ھەممە ئىشنى ۋە ھامان يەھۇدىيلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ خەزىنىسىگە تارتىپ بەرگىلى قانچىلىق كۈمۈش ۋەدە قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. 8 يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن شۇشاندا چىقىرىلغان پەرماننىڭ بىر نۇسخىسىنىمۇ ئۇنىڭغا بېرىپ: «بۇنى ئەستەرگە كۆرسەتكىن. ئۇ ئۆزى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ، ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن رەھىم تىلىسۇن» دېدى. 9 ھاتاك بېرىپ، موردىكاينىڭ گەپلىرىنى ئەستەرگە يەتكۈزدى. 10 ئەستەر ھاتاكنى موردىكايغا مۇنداق گەپلەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى: 11 «پادىشاھنىڭ ھەممە خىزمەتكارلىرى ۋە پادىشاھنىڭ ۋىلايەتلىرىدىكى خەلقلەرگە مەلۇمكى، ئەر ياكى ئايال بولسۇن، قايسى بىر كىشى چاقىرىلماي، ئىچكىرىكى ئوردىغا پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرسە، شۇئان پادىشاھ: ‹ئۇ ھايات قالسۇن› دەپ، ئۇنىڭغا ئالتۇن ھاسىسىنى ئۇزاتمىسا، قانۇن بويىچە ئۆلتۈرۈلىدۇ. مەن بولسام، ئوتتۇز كۈن بولدى تېخى چاقىرىلمىدىم». 12 ئەستەرنىڭ سۆزى موردىكايغا يەتكۈزۈلسە، 13 موردىكاي ئۇلارغا: «سىلەر ئەستەرگە: ‹سەن يالغۇز مەن يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدىن پادىشاھنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قۇتۇلۇپ قالارمەنمىكىن دەپ، كۆڭلۈڭدە خىيال قىلمىغىن. 14 سەن مۇشۇ ۋاقىتتا سۈكۈت قىلساڭ، يەھۇدىيلارغا باشقا تەرەپتىن ياردەم ۋە نىجات كېلىپ قالار. لېكىن سەن ئۆز ئاتاڭنىڭ جەمەتى بىلەن قوشۇلۇپ يوق قىلىنىسەن. ئېھتىمالكى سەن دەل مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئىشى ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەندۇرسەن› دەپ ئېيتقىن» دېدى. 15 ئەستەر موردىكايغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: 16 «سەن بېرىپ، شۇشاندىكى ھەممە يەھۇدىيلارنى يىغقىن، سىلەر ئۈچ كۈنگىچە يېمەي-ئىچمەي كېچە-كۈندۈز مەن ئۈچۈن روزا تۇتۇڭلار. مەنمۇ ئۆز دېدەكلىرىم بىلەن شۇنداق روزا تۇتىمەن. ئاندىن كېيىن مەن قانۇنغا زىت بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن. ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەممۇ مەيلى، ئۆلۈپ كېتەي». 17 شۇنىڭ بىلەن موردىكاي چىقىپ، ئەستەرنىڭ ھەممە ئېيتقىنىنى قىلدى.