ھامان يەھۇدىيلارنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى
3
1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئاخاشۋېروش پادىشاھ ئاگاگلاردىن بولغان ھاممەداتانىڭ ئوغلى ھاماننى ئۆستۈردى. ئۇ ئۇنى يۇقىرى مەرتىۋىگە كۆتۈرۈپ، ئۆز ئالدىدىكى ھەممە ئەمەلدارلاردىن يۇقىرى ئورۇنغا قويدى. 2 پادىشاھنىڭ دەرۋازىسىدا تۇرۇپ، پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغانلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ بۇيرۇغىنىدەك ھامانغا تىز پۈكۈپ تەزىم قىلاتتى. لېكىن موردىكاي تىز پۈكمەيتتى، تەزىممۇ قىلمايتتى. 3 پادىشاھنىڭ دەرۋازىسىدىكى پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى بۇنى كۆرگەندە موردىكايدىن: «نېمىشقا پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىساڭ؟» دەپ سورىدى. 4 ئۇلار ئۇنىڭغا ھەر كۈنى بۇ گەپنى تەكرار-تەكرار دېسىمۇ، ئۇ قۇلاق سالمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار، موردىكاينىڭ گېپى ئاقامدۇ ياكى ئاقمامدۇ دەپ كۆرۈش ئۈچۈن بۇنى ھامانغا دەپ قويدى. موردىكاي بولسا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. 5 ئەمدى ھامان موردىكاينىڭ ئۆزىگە تىز پۈكۈپ تەزىم قىلمىغانلىقىنى كۆرگىنىدە ئىچى ئاچچىققا تولۇپ كەتتى. 6 لېكىن ھامان موردىكاينىڭ خەلقى توغرىسىدا خەۋەر تاپقاچقا، يالغۇز موردىكاينىڭ ئۆزىگىلا قول سېلىش كۇپايە قىلمايدۇ دەپ، ئاخاشۋېروشنىڭ پۈتۈن پادىشاھلىقىدىكى ھەممە يەھۇدىيلارنى، يەنى موردىكاينىڭ خەلقى، يوقىتىشنى قەستلىدى. 7 ئاخاشۋېروش پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا، يەنى نىسان ئېيىدا، ھاماننىڭ ئالدىدا ئاي-كۈننى بېكىتىش ئۈچۈن ھەربىر كۈن ۋە ھەربىر ئاي ئۈچۈن پۇر دېگەن چەك تاشلاندى. چەك ئون ئىككىنچى ئاي، يەنى ئادار ئېيىغا چىقتى. 8 ئاندىن ھامان پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا: «مانا، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭنىڭ ھەممە ۋىلايەتلىرىدىكى خەلقلەر ئارىسىدا يېيىلىپ تارىلىپ كەتكەن بىر خەلق بار. ئۇلارنىڭ رەسىم-قائىدىلىرى بارچە خەلقلەرنىڭكىدىن باشقا ۋە ئۇلار پادىشاھنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا يول قويۇش پادىشاھقا ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. 9 ئەگەر پادىشاھ ماقۇل كۆرسە، ئۇلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن بىر ھۆكۈمنامە يېزىلسۇن. مەن ئۆزۈم ئون مىڭ تالانت كۈمۈشنى تارتىپ، پادىشاھنىڭ خەزىنىسىگە سېلىنسۇن دەپ، بۇ ئىشقا مەسئۇل بولغانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن» دېدى. 10 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆز قولىدىن مۆھۈر ئۈزۈكىنى چىقىرىۋېلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى، ئاگاگلاردىن بولغان ھاممەداتانىڭ ئوغلى ھامانغا بەردى. 11 پادىشاھ ھامانغا: «ئۇ كۈمۈشلەر ئۆزۈڭگە قالسۇن، بۇ خەلققە خالىغىنىڭنى قىلغىن» دېدى.
12 شۇڭا بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھنىڭ كاتىپلىرى چاقىرىلدى. ئۇلار ھاماننىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرىغا، ھەممە ۋىلايەتلەرنىڭ ۋالىيلىرىغا ۋە ھەربىر خەلقنىڭ باشلىقلىرىغا قارىتا مەكتۇپ يازدى. بۇ ھەربىر ۋىلايەتكە ئۇنىڭ ئۆز يېزىقىدا، ھەربىر خەلققە ئۇنىڭ ئۆز تىلىدا يېزىلغان مەكتۇپ پادىشاھنىڭ نامىدا پۈتۈلۈپ، ئۇنىڭغا پادىشاھنىڭ مۆھۈر ئۈزۈكى بېسىلغانىدى. 13 ئاندىن كېيىن مەكتۇپلار چاپارمەنلەر ئارقىلىق پادىشاھلىقنىڭ ھەممە ۋىلايەتلىرىگە ئەۋەتىلدى. ئۇنىڭدا: «ھەممە يەھۇدىيلار يوقىتىلسۇن، مەيلى ياش ياكى قېرى بولسۇن، كىچىك بالا ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىسى ئادار دېگەن ئون ئىككىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى بىر كۈن ئىچىدە ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىنسۇن، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى بولسا ئولجا قىلىنىپ ئېلىنسۇن» دەپ يېزىلغانىدى. 14 ھەربىر خەلق ئۇ كۈنى تەييار بولۇپ تۇرسۇن دەپ، بۇ مەكتۇپنىڭ نۇسخىلىرى ھەربىر ۋىلايەتتە پەرمان بولۇپ ھەربىر خەلققە ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن ئەۋەتىلدى. 15 چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە دەرھال شۇشان قەلئەسىدە چىقىرىلغان پەرمان بىلەن چىقىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا پادىشاھ ھامان بىلەن بىللە شاراب ئىچىشكە ئولتۇردى. لېكىن شۇشان شەھىرى چوڭ تەشۋىشكە چۈشۈپ قالدى.